Windows Phoneئۇنىۋېرسالكۆچمە ئۈسكۈنىلەر

Nokia نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى Lumia Icon

Nokia  يېڭىندا يەنە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تېلېفۇننىڭ تېپى «Nokia Lumia Icon» بولۇپ، Lumia 929 دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەلقئارا نۇسخىسىنىڭ تىپ نومۇرى «Lumia 930″، مەخسۇس ياسالغان نۇسخىسىنىڭ تىپ نومۇرى «Lumia 929».

بۇ تېلېفۇننىڭ ئاساسلىق سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە:

ئېكرانغا 5 دىيۇملۇق 1920 * 1080 پىكسىللىق يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ئىكران سەپلەنگەن.

WCDMA, CDMA2000 مۇھىتىدىكى LTE تور ئالاقە شەكلىنى قولللايدۇ.

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا Qualcomm Snapdragon™ 800 نىڭ Quad-core 2.2 GHz  لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن.

32GB لىق ساقلاش كارتىسى ۋە 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 7GB لىق ھەقسىز بۇلۇت ساقلىغۇچ تەمىنلەنگەن.

2420mAh باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ، 3G تور مۇھىتىدا ئۇدا 16.4 سائەت سۆزلىشىشكە ياكى 75 سائەت ئۇدا مۇزىكا قويۇشقا يىتىدۇ.

ئاساسىي كامىراسىغا 20 مىللىيۇن پىكسىللىق كامىرا سەپلەنگەن، ئالدى تەرەپ قوشۇمچە كامىرىغا 1 مىللىيۇن 200مىڭ پىكسىللىق كامىرا سەپلەنگەن.
13922561476212423_800 13922639800850033_800 13922639800854194_800 13922639800857967_800 139225614762103910_800 h 1 2 929

8 thoughts on “Nokia نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى Lumia Icon

  1. 32GB لىق ساقلاش كارتىسى دېيىلسە باشقىلاردا خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يانفۇننىڭ ئىچكى سىغىمى 32GB.
    يەنە بىرى، ئالدى كامېرا 1 مىليون 200 مىڭلىق،
    ھەۋەسكارلار تۈزىتىپ كۆرگەي

    1. قارىغاندا دىققەت قىلماي ساننى خاتا يېزىپ ئوخشايمەن. تۈزىتىش بەلگىنىڭىزگە رەھمەت. مەنمۇ ئزگەرتىپ قويدۇم.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم ئەپەندىم،بولسا مۇشۇ نوكىيا يانفۇنلىرنىڭ قۇلپىنى يېشىش (بەزىلەر تۇرمىدىن قاچرۇش دەيدۇ)توغۇرلۇق چۇشەنچە بەرسىڭىز ياخشى بولاتتى.خەنچە مۇنبەرلەردە بار ئىكەن ئەمما چۇشنەلمىەي قالدىكەنمىز،بولسا سىلى بىر قۇلۇپنى يەشكەننىڭ قانداق ئارتۇقچىىلقى با،يانفۇنغا تەسىرى بارمۇ يوقمۇ،ئەگەر تېلفۇننى يەشكەندىن كېيىن تېلفۇننىڭ ئەسلى فونىتلىرنى ئالماشتۇرۇشقا بولامدىغاندۇ،يەنە ھوججەت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆزمىز ھۆججەت قۇرۇپ،ھۆججەت ئۆچرۇپ دىگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولامدۇ.مۇشۇ توغرىسدا بىر چۇشەنچە بەرسىللىرى بوپتىكەن‹!

    1. مەن ئادەتتە تېلېفۇننىڭ قۇلۇپىنى ئىچىش (تۈرمىدىن قاچۇرۇش ياكى سىستېمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش) لارنى قوللاپ كەتكەيمەن. چۈنكى ئەسلى ئىگە تەرەپ سىستېمىنىڭ ئەڭ بېخەتەر ھەم ئەڭ نورمال ھالىتى بويچە ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلەيدۇ. ئەسلى ئىگە تەرەپنىڭ رۇخسىتىسىز ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈشى كەسپىي ئەخلاققىمۇ توغرا كىلىدىغان ئىش ئەمەس. شەخسەن مەن ئون نەچچە يىللىق پروگراممېرلىق ھاياتىمدا بۇ تۈردىكى ئىشلارغا ئىزچىل قارشى تۈرۈپ كەلدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىستېما قۇلۇپى ئىچىلمىغان ئەھۋالدا ئاساسەن ھەر قانداق «app» نىڭ ئىگە تەرەپنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتكەن نۇسخىلىرىنىلا قاچىلاشقا بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكۈچىگە ھەر جەھەتتەن پايدىلىق. مەسىلەن: بېخەتەرلىك، سىستېما مۇقىملىقى… دىگەندەك.
      ئۇنىڭدىن باشقاھەر قانداق بىر يۇمشاق دېتالغا نۇرغۇن پروگراممېر ھەم لايىھلىگۈچىلەرنىڭ قان-تەرى سىڭگەن بولىدۇ. شۇڭا موشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ شۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش، شۇلارنىڭ تېخىمۇ يېڭى يۇمشاق دېتاللارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇمۇ ئاخىرقى ھىساپتا ئىشلەتكۈچىگە پايدىلىق.
      شۇڭا ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ھەر ساھەدىكى ئەقلى ھەم جىسمانىي ئەمگەكچىلەرنى قوللايلى ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلايلى.
      (ئەسكەرتىش: بۇ جاۋاپ ئەسلى سورالغان سۇئالنىڭ جاۋابىدىن چەتنەپ كەتتى، شۇڭا سۇئال ئىگىسىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۆمد قىلىمەن)

  3. سىزنىڭ دېگنىڭىزمۇغۇ ئورۇنلۇق،بىزنىڭ پايدىلنىشمىزنى كۆزدە تۇتساق ئەدەتتە 2000-3000 يۇەنگە چوڭ بىلىپ ئالساق بۇ تېلفۇنلارنى خالىغانچە فونىت ئالماشتۇرۇپ،ھوججەت باشقۇرۇپ،دىگەندەك قىلاممىساق بەزىدە باشقىلارنىڭ قولدىكى 500-600 يۇئەنلىك ئۇيغۇرچە كىرگۇگۇچ،ھەرخىل فونىت لارنى كۆرۇپ ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچاق بوپ قالدىكەن،نوكىيا تېلفۇنلىرنىڭ قۇلپىنى يەششەك چوقۇم ئۇيغۇرچە كىزگۇزگۇچمۇ ياسيالايتۇق،شۇڭلاشقا بۇ سوئالىمنى قايتا بىر ئويلىنىپ كۆرگەن بولسەڭىىز….

    1. سىز ئوتتۇرغا قويغا مەسىلىلەرنى ئەسلى سىستېمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىغان ئەھۋالدا ئەلۋەتتە ئويلىشىشقا بولىدۇ.

    2. ھېچقايسى تېلېفون سىستېمىسىدا تېخى مۇكەممەل ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق، ئۇيغۇرچە فونتمۇ يوق. ھەتتا ئوچۇق كودلۇق ئاندرويد سىستېمىسىغىمۇ مۇستەقىل كىرگۈزگۈچنىڭ چىقمىغىنىغا ئېچىنىمەن، ھەممىسى باشقا كىرگۈزگۈچلەرنىڭ يامىقى. شۇڭا، مېنىڭچە بىز قۇلۇپ ئېچىشنى ئۆگەنمەي، ياخشى پىروگرامما يېزىشنى ئۆگەنسەك بولغىدەك. ئالما توغرىسىدا سۆزلىگىم يوق، wp غا كەلسەم، ئۇيغۇر تىلى ھامان بىر كۈنى قوشۇلىدۇ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلار بار.

  4. مەن بىرنى ئالاي دوپ ئويلىغان .(Lumia 929) مومكىن بولسا ئىشەنچىلىكرەك سىتىۋىلىش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز .رەخمەت

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ