11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا موشۇ ئاي ئىچىدە Nokia تېلېفۇنلىرىغا قارىتىلغان Lumia Denim نەشىرى تارقىتىلىدىغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە Lumia 830/930/1520 قاتارلىق ئۈچ خىل نۇسخىدىكى تېلېفۇنلارنىڭ يېڭىلاش بولىقى تارقىتىلىدىگەن. ھەم ئوخشىمىغان رايۇنلاردىكى تارقىتىلىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدىگەن. باشقا تېپتىكى تېلېفۇنلارنىڭ يېڭىلاش بولىقى ئېككىنچى قەدەمدە تارقىتىلىدىگەن.
بۇ قىتىم يېڭىلانغان نۇسخىغا يېڭىدىن قوشۇلغان ئىقتىدارلارنىڭ ئىچىدە كامىرا قوللانمىسىنىڭ نەشىرى 5.0 گە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، 4K لىق ھەركەتچان سۈرەت تارتىشنى قوللايدىگەن. لىكىن بۇ ئىقتىدار ھەر قايسى تىپتىكى تېلېفۇنلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن بولىدىگەن.