Microsoft مۇ ئۇنى قىلىپ بۇنى قىلىپ ئاخىرى Windows 10 Mobile نى سەپتىن چېكىندۈردى. لېكىن مەن قەۋەتلا ئاشىقتىم بۇ سىستېمىغا، بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ بۇنىڭ راۋانلىقىنى. ھەم شۇنىڭدەك نۇرغۇن تەرەپلىرى بارئىدى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان، لېكىن ئامال يوق ئوخشايدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قىلىشىدا Joe Belfiore دىگەر ئاداشنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر بولدى. نېمىلا دېگەن بىلەن Windows 10 Mobile غا بىۋاسىتە مەسئۇل كىشى ئىدى. شۇڭا خەپ دەپ قويدۇم ئىچىمدە.
بەلكىم Microsoft نىڭمۇ باشقا پىلانى بولىشى مۇمكىن. قېنى قاراپ باقايلى.