AndroidiOSWindows 10 mobileWindows Phoneئۇنىۋېرسالسىستېما بېخەتەرلىكىكۆچمە ئۈسكۈنىلەر

تېلېفون بىخەتەرلىكىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار (3)

11. مەخپىي شىفىرنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ.

كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر بىر مەخپىي نومۇرنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىدۇ، لېكىن ئۇچۇر بىخەتەرلىك نوقتىسىدىن قارىغاندا بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس،شۇڭا مەخپىي شىفىرلىرىڭىزنى قەرەللىك ئالماشتۇرپ تۇرۇڭ، مەسىلەن ھىچ بولمىغاندا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم چوقۇم ئالماشتۇرۇڭ.

12. تۇغۇلغان كۈن، سىزگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر خاتىرە كۈن ياكى شۇنىڭدەك بىرەر ئالاھىدە ۋاقىتلارنى مەخپىي شېفىر قىلىپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.بۇ خىلدىكى مەخپىي شىفىرنىمۇ باشقىلارنىڭ ئىچىۋىتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭلاشقا خاتىرە كۈنلەرنى مەخپىي شىفىر قىلىپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.

ناۋادا توي قىلغان خاتىرە كۈنىڭىزنى مەخپىي شىفىر قىلىپ ئىشلىتىپ قالغان بولسىڭىز، توي قىلغان ۋاقتىڭىزنى ئايالىڭىزغا ھەرگىز دەپ بەمەڭ، بوممىسا سىز ئۇخلاپ قاغاندا تېلېفونىڭىزدىكى توي خاتىرە سۈرەتلىرىڭىزنى كۆرەپ قاممىسۇن ئەمدى 🙂

13. ئىشەنچىسىز VPN لەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.

ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن VPN بەك تونۇش ئۇقۇممۇ ئەمەس، لېكىن كەسپىي خادىملار ۋە ياكى كوللىكىتىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ئۇقۇم ناتۇنۇش ئەمەس. ئادەتتە ئىشەنچىلىك بىر VPNبىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەندىن باشقا، ناۋادا ئىشەنچىسىز VPN نى ئىشلىتىپ قالسىڭىز ئوخشاشلا خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىشىدىن ساقلىنالمايسىز. شۇڭا VPN ئىشلەتكەندە بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر.

14. سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاڭ.

مەيلى Android ياكى iOS مەشغۇلات سىستېمىسى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسىدە سانلىق مەلۇماتنى ئاپتۇماتىك زاپاسلاش ئىقتىدارى ھازىرلانغان. سىز پەقەت بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى تەڭشەپلا قويسىڭىز، ئۇچۇرلىرڭىز ھەر ۋاقىت زاپاسلىنىپ ماڭىدۇ.

15. ئېلىكترۇنلۇق يوللانما ياكى قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان خەتەرلىك ئۇلانمىلارنى ئېچىپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

ناۋادا سىز بىر كەسپىي خادىم بولسىڭىز بۇنى پەرىقلەندۈرۈش تەس ئەمەس، لېكىن ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئېلخەت ياكى قىسقا ئۇچۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇلانمىلارنىڭ قايسىسى ئىشەنچىلىك، قايسىسى ئىشەنچىسىز بۇنى پەرىقلەندۈرۈش ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس. بۇنداق ۋاقىتتا ۋىرۇسقا ياكى جاسۇسلۇققا قارشى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

 

 

داۋامى بار…

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ