AndroidiOSWindows 10 mobileئۇنىۋېرسالسىستېما بېخەتەرلىكىكۆچمە ئۈسكۈنىلەر

تېلېفون بىخەتەرلىكىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار (2)

6- بىخەتەر بولمىغان ئېلىكتر مەنبەسىدىن توك قاچىلاشتىن ساقلىنىڭ.

ئۇنداقتا قانداق ئېلىكترى مەنبەسى بىخەتەر ئەمەس دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئاساسلىقى ئاممىۋى سورۇنلاردىكى قولايلىق توك قاچىلاش مەنبەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى توك قاچىلاش نۇقتىلىرىدا پەقەت USB سىمنى بېۋاستە چېتىپلا توك قاچىلاش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ توك قاچىلىغۇچىڭىزنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز. قارىماققا بۇخىل ئۇسۇل بەكلا قولايلىقتەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئۇچۇر ئوغرىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى.

 

7. چوقۇم ئېكران مەخپىي شېفىرى بەلگىلەڭ.

ھازىر كۆپ قىسىم تېلېفونلارنىڭ ھەممىسىگە بارماق ئىزى تونۇش، چىراي پەرىقلەندۈرۈش، كۆز رەڭدار پەردىسىنى پەرىقلەندۈرۈش… دىگەندەك ئىقتىدارلار سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا Android تېلېفۇنلىرىدا نۇقتا تۇتاشتۇرۇش شەكلىدىمۇ ئېكران شېفىرى بەلگىلەشكە بولىدۇ (Pattern نى شۇنداق چۈشەندۈرۈپ تۇردۇمغۇ 🙂 ).

ئەمدى بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى قولايلىق ياكى قايسىسى بىخەتەر دىگەندە، ناۋادا سىز ئادەتتىكى ئادەم بولسىڭىز يۇقۇردىكى ئۇسۇللارنىڭ قايسىسىنىلا تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئاساسەن بىخەتەر. لېكىن سىز ئالاھىدە ئادەم بولسىڭىز (مەسىلەن FBI نىڭ ئالاھىدە خادىمى، قارا جەمىيەتنىڭ كاتتىۋىشى، ياكى بىرەر دۆلەتنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ ياكى شۇنىڭدەك ھەر ۋاقىت بىشىڭىزدا خەتەر ئەگىپ يۈرىيدىغان بىرسى بولسىڭىز دېمەكچىدە ئەمدى) ئەڭ ياخشىسى باشقا ھېچقايسىسىنى ئىشلەتمەي پەقەت رەقەم ھەم ئالاھىدە ھەرپ بەلگىلەردىن تۈزۈلگەن سەككىز خانىدىن يۇقۇرى مەخپىي شىفىر ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

8. 0000 ياكى 1234 دىگەنگە ئوخشاش ئاددىي مەخپىي شىفىرلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. بۇنداق مەخپىي شېفىر ئىشىككە قولۇپ سىلىپ، ئاچقۇچنى قۇلۇپقا سىلىپ قويغان بىلەن ئوخشاش.

9-مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك ياماقلىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلاڭ.

ھەر تۈرلۈك تور ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك ياماقلىرىنى قەرەللىك يېڭىلاشنى ئادەت قىلىڭ.

10. تېلېفۇنىڭىزغا قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارنى ۋاقتىدا يېڭىلاڭ.

ۋاقتى ئۆتكەن، بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ساقلانغان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ.

 

 

داۋامى بار…

 

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ