AndroidiOSWindows 10 mobileئۇنىۋېرسالسىستېما بېخەتەرلىكىكۆچمە ئۈسكۈنىلەر

تېلېفون بىخەتەرلىكىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار (1)

ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەرمۇ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قاتار مەسىلىلەرمۇ تەڭ ياندىشىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى: كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى.

ئۇنداقتا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندە، خۇسۇسى ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟

1. ئەڭ ئاۋۋال مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدا سىستېمىنىڭ چوقۇم ئەسلى نۇسخىسىنى ئىشلىتىش كېرەك. بۇ نېمە دېگەن گەپ دىگەندە، بۇ ئەھۋال ئاساسلىقى Android تېلېفونلىرىدا ئۇچرايدۇ. يەنى: تېلېفوننىڭ ئەسلى ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن، ئەلالاشتۇرۇلغان دېگەن قالپاق ئاستىدا تارقىتىلغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. چۈنكى بۇ خىلدىكى سىستېمىلارنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى ئۆزگەرتىلگەن بولىدۇ. ھېچقانداق بىخەتەرلىك كاپالىتى يوق. ھەم ئارقا ئىشىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بەكلا يۇقىرى.

2. سىستېمىنى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» ياكى «Root» ھوقۇقىغا ئېرىشىشتىن يىراق تۇرۇڭ.

سىستېمىنىڭ «Root» ھوقۇقىغا ئىرىشىش ئاساسلىقى Android مەشغۇلات سىستېمىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ سىستېمىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. قارىماققا ياخشى گەپتەك ئاڭلانغان بىلەن بۇ بىر خەتەرلىك مەشغۇلات. چۈنكى سىستېمىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتىڭىز دېگەن گەپ، تېلېفونىڭىزدىكى ھەرقانداق يۇمشاق دېتالمۇ ئوخشاشلا مەشغۇلات سىستېمىسىنى كونتروللاش ھوقۇقىغا ئىرىشتى دېگەن گەپ. شۇڭا بۇخىل ئەھۋالدا ئۇچۇر بىخەتەرلىكىدىن سۆز قاچقىلى بولمايدۇ.

سىستېمىنى «تۈرمىدىن قاچۇرۇش» ياكى «ئېچىۋېتىش» ئاساسلىقى iOS مەشغۇلات سىستېمىسىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇمۇ ماھىيەتتە Android مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى «Root» ھوقۇقىغا ئىرىشىش بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. شۇڭا ئوخشاشلا بۇ خىل مەشغۇلاتتىن ساقلىنىش كېرەك.

3. قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ مەنبەسىگە دىققەت قىلىڭ.

ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز iOS بولسا پەقەتلا Apple App Store دىنلا چۈشۈرۈپ قاچىلىشىڭىزنى، ناۋادا Android بولسا يەنە پەقەتلا Google Play دىنلا چۈشۈرۈپ قاچىلىشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن. يەنى بۇنىڭغا ئاساسلىقى بىخەتەر بولمىغان مەنبەلەردىن ماتېرىيال ياكى قوللانما يۇمشاق دېتاللىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش ساقلىنىڭ.

4.ۋىرۇسقا قارشى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىڭ.

ناۋادا سىستېما بىخەتەرلىكى جەھەتتە يېتەرلىك بىلىمىڭىز بولمىسا، ئەڭ ياخشى ۋىرۇسقا قارشى ھەم جاسۇسلۇققا قارشى مەخسۇس يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن. مەسىلەن: Avast, AVG… دىگەندەك. لېكىن بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە سىستېما بىخەتەرلىكى ئاشۇرغان بىلەن سىستېمىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا بۇنىمۇ ئويلىشىش كېرەك.

4. ئاممىۋى سىمسىز تور (WiFi) ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىڭ.

ھازىر ھەممە يەردە ئاساسەن ھەقسىز سىمسىز تورغا ئېرىشىش تامامەن مۇمكىن، مەسىلەن: ئايروپورت، چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرى، قەھۋەخانىلار… دىگەندەكلەردە. كۆپ قىسىم سىمسىز تور نوقتىلىرى ئاساسەن بىخەتەر، لېكىن بەزى ھەقسىز سىمسىز تور نۇقتىلىرىغا تۇزاق يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدىكى نازۇك ئۇچۇرلىرىڭىز باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. مەسىلەن: بانكا كارتا نومۇرىڭىز، مەخپىي شېفىرلىرىڭىز، رەسىملىرىڭىز ۋە باشقىلار…(بۇ ھەقتىمۇ باشقا يازمىلاردا تەپسىلىي توختىتىلىمىز)

5. Android مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان ئۈسكۈنىلەردە «USB debugging» ئىقتىدارىنى ئېچىۋىتىشتىن ۋەھشىي ھازىر ئەيلەڭ ماقما. 🙂

ئۇنداقتا «USB debugging» دېگەن نېمە؟ بۇنى كەسپىي تىلدا چۈشەندۈرگەندە بۇ بىر مۇرەككەپ ئۇقۇم، لېكىن زاغرا تىلدا دېسەك- بۇ ئاساسلىقى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئىقتىدار بولۇپ، تېلېفون كومپيۇتېر بىلەن ئۇلانغان ۋاقىتتا بۇ ئىقتىدار ئوچۇق بولسا، تېلېفۇندا بىر قىسىم يۇقۇرىي دەرىجىلىك بۇيرۇقلارنىمۇ ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا تېلېفوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن نورمال ئىشلەتكۈچىلەر بۇنى چوقۇم تاقىۋېتىش كېرەك. (بۇ ھەقتە باشقا يازمىلاردا تەپسىلىي توختىلايلى)

 

 

داۋامى بار…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ