Windows Phoneئۇنىۋېرسالكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

APP تۈزۈشكە ياردەملىشىدىغانلار بارمۇ

geniune_programmer

بۈگۈن مۇنداق بىر مەقسەتتە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

خەلقىىمىز ئارىسىدىمۇ WP ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرچە APP لەرگە بولغان ئىھتىياجمۇ ئىشىۋاتىدۇ. لىكىن ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك WP گە APP تۈزۈدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولىۋاتىدۇ. شەخسەن مەنمۇ APP تۈزۈشكە كۆپ ۋاقتىمنى ئاجرىتالمايۋاتىمەن. شۇڭا يېقىندىن بىرى يېڭى APP مۇ تۈزۈپ بولالمىدىم. ھەم ئىلگىرى تۈزۈلگەن APP لەرنى يېڭىلاشقىمۇ ۋاقىت بەك قىس بولىۋاتىدۇ. شۇڭا مەقسەتنى يىغىنغاقلىغاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا WP گە APP تۈزۈشكە قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ھەمدەمدە بولىشىنى، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا WP سۇپىسىدىكى ئۇيغۇرچە APP لەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەسسە قوشىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.

بۇنىڭغان قاتنىشىشنى خالايدىغان دوستلار بولسا ئاكتىپ ئاۋاز قوشساڭلار. بۇ تۈردىكى تېخنىكىلار ھەققىدە ئورتاق پىكىر يۈرگۈزسەك. ئەلۋەتتە مەنمۇ ئىلگىرى تۈزۈلگەن APP لەرنىڭ تىخنىكىلىرى ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن.

يەيە بىر ئىش: بۇ تۈرگە قاتنىشىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ ھەممەيلەننىڭ چوقۇم پروگرامما يازالىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. مەسىلەن: بىر قىسىملىرىمىز پروگرامما يازساق، يەنە بىر قىسىملىرىمىز كۆرۈنمە يۈز ياسىساق، يەنە بىر قىىسملىرىمىز ماتېرىيال رەتلەش… دىگەندەكلەرگە مەسئۇل بولساق، يەنە بىر قىسىملىرىمىز سىناشقا مەسئۇل بولساق….. دىگەندەك نۇرغۇن ئىش ھالقىلىرى بولغاچقا، قايسىمىز قايسى تۈرنى ياخشى قىلالىساق شۇنى قىلساق بولىدۇ.  بۇ تۈرگە قاتناشقانلار  مۇناسىۋەتلىك  زۇرۇر تېخنىكىلار بىلەن  تەمىنلىنىدۇ.

بۇ تۈردە ئىشلىنىدىغان APP مۇ ئاساسلىقى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق پىكىرى ئاساسىدا بىكىتىلىدۇ.

شۇڭا كۆپچىلىك بۇنىڭغا قارىتا ئويلىغىنىڭلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار.

 

25 thoughts on “APP تۈزۈشكە ياردەملىشىدىغانلار بارمۇ

  1. مەن شۇ ، پىرگىرامما تىلىنى بىلمەيدىكەنمەن ، كۆرۈنمە يۈزىنى فوتوشۇپتا ياسامدۇ ؟ ئەگەر شۇنىڭدا ياسىسا مەن ياردەملىشەي ~~~!

  2. مەن پروگرامما ياسىيالمايمەن. سىناشقا قاتنىشاي . word ياكى excel دە يازىدىغان نەرسە بولدا ھەم تەييارمەن .. چ چ 974234164 تەستىقى 1001

  3. مەنغۇ پىروگگىرامما يازالمايمەن ئەممە ps تا قىلىدىغان ياكى ماتىريال رەتلەيدىغان ئىش بولسا ،مەن تەييا سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز.

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن ps تا قىلىدىغان ياكى ماتىريال رەتلەيدىغان ئىش بولسا ياردەملىشەي ۋاقتى كەلگەندە خەۋەر قىلاسىز.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    مۇشۇ Windows phone 8 نىڭ ئەپ تۈزىدىغان مۇھىتىنى قانداق ھازىرلايدۇ ؟ چوقۇم 64 بىتلىق كۆزنەك 8 مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇشى كېرەكمۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق بىلىمگە ئىگە بولساق بولاتتى.

    1. Windows Phone 7/7.1 لەرگە پروگرامما يېزىق ئۈچۈن چوقۇم 64 بىتلىق سىستېما كىېەك بولمايدۇ. Windows Vista Service Pack 2 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىردىكى 32بىتلىق ياكى 64 بىتلىق سىستېمىلار بولسا بولىدۇ.
      لىكىن Windows Phone 8 گە پروگرامما يېزىش ئۈچۈن چوقۇم Windows 8 نىڭ 64بىتلىق نۇسخىسى كىرەك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە CPU چوقۇم Second Level Address Translation (SLAT) نى قوللىشى كىرەك. ناۋادا SLAT نى قوللىمىسا، تەقلىدلىگۈچ (Windows Phone 8 Emulator) ئجرا بولمايدۇ. لىكىن يازغان پروگراممىنى Windows Phone 8 سىستېمىلىق تېلېفۇننى بىۋاستە چىتىپ تۇرۇپ سىناشقا ھەم ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

      تۆۋەندىكىسى Windows Phone SDK 7.1 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:
      http://www.microsoft.com/en-us/download/details.aspx?id=27570

      تۆۋەندىكىسى Windows Phone SDK 8.0 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:
      http://www.microsoft.com/en-us/download/details.aspx?id=35471

      كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى ھەم ئىھتىياجغا ئاساسەن تاللاپ قاچىلانسا بولىدۇ.

      ئۇنىڭدىن باشقا http://ark.intel.com/Products/VirtualizationTechnology دىن Intel نىڭ CPU لىرىنىڭ قايسىلىرىنىڭ «SLAT» نى قوللايدىغانلىقىنى، قايسىلىرىنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ.
      ماس بولغان تىپ نومۇرىنىڭ كەينىدىكى پارامىتېردا «Supports Intel® EPT» نىڭ قىممىتى «Yes» بولسسا شۇ خىلدىكىسى «SLAT» نى قوللايدى، دىگەننى بىلدۈرىدۇ.

      1. كومپىيوتېرىنىڭ SLAT قوللاش ئەھۋالىنى قەتئىي بىلەلمىگەنلەر ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن Coreinfo ناملىق بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ، خالىغان دېسكىغا پرېستىن يەشكەندىن كىيىن،CMD بۇيرۇقىنى ئاشۇ دېسكىغا توغۇرلاپ coreinfo.exe –v مونۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلسا قوللاش ئەھۋالىنى كۆرىسىتىپ بېرىدىكەن. مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

        * بەلگىسى قوللايدىغانلىقىنى، – بەلگىسى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ!
        دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://technet.microsoft.com/en-us/sysinternals/cc835722

      2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
        كومپىيۇتېرىمدا Windows Phone SDK 8.0 ئىجرا بولمايدىكەن ، ئەمما مەندە Windows Phone 8 سېستىمىلىق يانفون بار، قانداق قىلسام يانفوننى بىۋاستە چېتىپ تۇرۇپ سىنىغىلى ھەم ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ ؟ قەدەم باسقۇچلىرىنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز . رەھمەت.

        1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
          ئادەتتە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ «SLAT» نى قوللىمىغان ئەھۋالدا تەقلىدلىگۈچنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىستېما ئاپتۇماتىك يانفۇننى قوزغىتىش ھالىتىدە بولىدۇ. شۇڭا باشقا ھىچقاندا تەڭشەڭنى ئۆزگەرىتمەيلا ئىجرا قىلساق بولىدۇ.

          1. كومپىيۇتېرىم سەپلىمىسى Intel T9600 ؛ (slat نى قوللىمايدۇ.) 64 بىتلىق Windows 8 ؛ Visual Studio 2013 قاچىلاندى، قوشۇمچە Wp SDK 8 بار؛
            يانفون at&t نىڭ ( Lumia 920 (GDR3؛ يانفوندا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىسى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ .
            Visual Studio 2013 دە 未能链接到设备,因为它是锁定的pin دەپلا قاراپ تۇردى ، زادى قانداق تەڭشىسەم مۇۋاپىق بولىدۇ؟ يانفوندا ھېچقانداق ئىنكاس يوق ، يانفوننى چېتىپ تۇرۇپ سىناش ئۈچۈن يانفونمۇ قۇلۇپى ئېچىلغان بولۇشى كېرەكمۇدۇ؟

          2. شۇنداق. پروگراممىنى بىۋاستە تېلېفۇندا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تېلېفۇننىڭ قۇلۇپى ئوچۇق ھالەتتە بولىشى كىرەك. ئىكران قۇلۇپلانغانھالەتتە ئىجرا قىلالمايدۇ.

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار.
    بۇ يازما ھەققىدە خىلى ياخشى پىكىرلەر بولىۋاتىدۇ. مۇمكىن بولسا يەنىمۇ كوپ دوستلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قۇشىشىنى قارشى ئالىمىز.

  7. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم مەنمۇ بەك قىزقىمەن لىكىن بۇ جەھەتتە كۇپ بىلمىم يۇق مەن سىناشقا قاتنىشاي .
    يەنە ۋىندۇۋىسفۇن ئۇچۇن ئەپ ئاچىدىغان دىتاللارنى قايسى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ قۇللايدۇ ، شۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ تىپ نۇمۇر بىلەن تەمىنلىگەن بۇلسىڭىز سىز تەمىن ئەتكەن ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ كۇمپىيۇتىردىن بىرنى قۇراشتۇراي دىگەن.
    ۋىندۇۋىسفۇن ئۇچۇن ئەپ ئىچىشقا قىزىقىدىغانلار ئۇچۇن مۇقىم بۇلغان ئالاقىلشىدىغان تۇپتىن بىرنى قۇرساق ياخشى بۇلار ئىكەن دەپ ئۇيلۇدۇم .
    يا با بۇلسا مەن بىلمەي قالدىممۇ بۇ تۇپلارنى .
    مۇشۇ ۋىندۇۋىسفۇن ئۇچۇن ئەڭ مۇھىم بۇلغىنى بىر قۇلايلىق بۇلغان ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۆچ كەم ئىكەن ھازىر با بۇلغان كىرگۇزگۇچلەرگمۇ شۇكرە مۇشۇ ئاندرۇيىدتىكى مۇلىتىلىڭ كىرگۇزگۇچتەك قۇلايلىق بۇلغان بۇلسا بەك ياخشى بۇلتى ، بۇكىرگۇزگۇچتىكى قۇلايلىلار ماڭا بەك يااپ قالغان ئىدى.
    ئاللا خالىسا مەنمۇ قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەمدە بۇلمەن.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەنمۇ مۇشۇ WP غا APP يېزىشنى ئۆگىنەي دەپ كىتابمۇ سېتىۋالغان، لېكىن كىتابتىكى تۇنجى مىسالنىڭ كودى خاتامۇ ياكى نىمە سەۋەپ شۇمۇ ئىجرا بولماي، تۈزىتەي دېسەم بىلىپ بولالماي، سوراي دىسەم سورايدىغان ئادەم تاپالماي… دېگەندەك تاشلاپ قويدۇم، كىتابمۇ توپا بېسىپ ياتىدۇ…
    لېكىن سىناشقا قاتنىشىپ ياردەملەشسەم بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئاكونتىم پروگراممىر ئاكونتى، شۇ ئاكونت ئارقىلىق Lumia 920 نىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ ئىشلىتىۋاتىمەن.

  9. مەن ئاۋال ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ،مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ماتىماتىكا ۋە سېستىما پەنلىرى ئىنىستۇتىنىڭ 09يىللىق ئوقۇغۇچىسى،كەسپىم ئۇچۇر ۋە ھېساپلاش تېخنىكىسى ،ئەمدى گەپكە كەلسەم ، مەن wp8 تېلفۇنغا ئەپ يېزىشقا قىزىققىلى خېلى ۋاقىت بولدى ، ئەسلى سىز بۇ تېمىنى يوللاشتىن ئىلگىرى مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزدىن تېخنىكا ئۈگىنىشنى ،كۇرۇس ئاچىدىغان ئاشمايدىغانلىقىڭىزنى سورىماقچى ئىدىم ،بۇ تېما بەك ۋاقتىدا يوللىنىپتۇ، مەندە تىرىشچانلىق بار ،ئىزدىنىشكە ماھىر ،ئەگەر خالىسىڭىز سىزگە ياردەملەشكەش ،سىزدىن تېخنىكا ئۈگىنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئەگەر كۇرۇس ئاشقان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى .

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەنمۇ بۇ ئشقا بەك قىزىقىمەن . كەسپىم بۆلەك بولسىمۇ ، ھازىر ۋاقتىمنى چىقىرىپ مەخسۇس پىروگرامما تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن. vb2012نى .ئەگەر خالىسىڭىز مەنمۇ تەييار . ئىلخەت ئادىرسىم: [email protected]

  11. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇشۇ توربىكەتتىكى بارلىق ھەۋەسكار دوستلار، ۋۇ ئۇيغۇرچە WP دېتاللىرى ئۈچۈن قان-تەرىنى ئايىماي تىرىشۋاتقان ئابلىكىم ئاكا، ئالدى بىلەن پېقىردىن سىلەرگە سالام، مەن بۇ يازمىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم، گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇللا دىسەم مەنمۇ بىر WP ھەۋەسكارى ھەم C# ASP.NET پىروگراممېرمەن، مەن بۇرۇن WP7.5 دىن باشلاپ كىچىك-كىچىك ئەپلەرنى ئىشلەپ تەقىلدى ماشىنىدا(模拟器) دا ئىجرا قىلىپ كەلدىم، لىكىن مۇشۇنداق بىرلىكتە ئۆگىنىدىغان سورۇن بولمىغاچقا بەزى مەسىللەرنى ھەل قىلالمىدىم، ئەگەر ئابلىكىم ئاكا سىز خالىسىڭىزلا بۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى كىم ياساشتىن قەتئىنەزەر ھەممىمىز سىزنىڭ نامىڭىزدا ئېلان قىلىۋەرسەك(بەرىبىر ئۇ يەرگە ئەپ يوللاش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا دوللار تۆلەيدىغان گەپ) …ھەم بولسا بىر توپ قۇرۇپ قويساق، مەن قاراپ باقسام باشقا مىللەتلەرنىڭ شۇنداق توپلىرى بەك كۆپكەن، شۇڭا بىزمۇ بىرلىكتە ئۆگىنىپ ئازراق بولسىمۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كبچ چىقارساق…

  12. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇشۇ توربىكەتتىكى بارلىق ھەۋەسكار دوستلار، ۋۇ ئۇيغۇرچە WP دېتاللىرى ئۈچۈن قان-تەرىنى ئايىماي تىرىشۋاتقان ئابلىكىم ئاكا، ئالدى بىلەن پېقىردىن سىلەرگە سالام، مەن بۇ يازمىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدۇم، گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇللا دىسەم مەنمۇ بىر WP ھەۋەسكارى ھەم C# ASP.NET پىروگراممېرمەن، مەن بۇرۇن WP7.5 دىن باشلاپ كىچىك-كىچىك ئەپلەرنى ئىشلەپ تەقىلدى ماشىنىدا(模拟器) دا ئىجرا قىلىپ كەلدىم، لىكىن مۇشۇنداق بىرلىكتە ئۆگىنىدىغان سورۇن بولمىغاچقا بەزى مەسىللەرنى ھەل قىلالمىدىم، ئەگەر ئابلىكىم ئاكا سىز خالىسىڭىزلا بۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى كىم ياساشتىن قەتئىنەزەر ھەممىمىز سىزنىڭ نامىڭىزدا ئېلان قىلىۋەرسەك(بەرىبىر ئۇ يەرگە ئەپ يوللاش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا دوللار تۆلەيدىغان گەپ) …ھەم بولسا بىر توپ قۇرۇپ قويساق، مەن قاراپ باقسام باشقا مىللەتلەرنىڭ شۇنداق توپلىرى بەك كۆپكەن، شۇڭا بىزمۇ بىرلىكتە ئۆگىنىپ ئازراق بولسىمۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارساق…

  13. كۆپچىلىكنىڭ باھايىمغا پىكىر تەكلىپ بەرگۈسى كەلمىگەن ئوخشايدۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرمىغىنىغا قارىغاندا…

  14. ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم! مەنمۇ قوللايمەن، ئۆزۈم Windows8 گە ئەپ ئېچىشنى ئۈگېنىۋاتقان، ھەمدە Win8/WP8 غا ئەپ ئېچىشقا قىزىقىدىغانلارنى ھەمكارلىققا چاقىرغان ئىدىم. ئۆزۈم ئوقۇغۇچى، بىلىدىغىنىم كۆپ ئەمەس، شۇنداقتىمۇ تىرىشىۋاتىمەن. بىرنەچچە ئەپ ياساپ مەشىق قىلىپ باقتىم، بىر تەرەپتىن ئۈگەنگەچ دەرىسلىك شەكلىدە بلوگىمدا ماتېرىيال تەييارلاپ ماڭغانتىم. مومكىن بولسا بىلىدىغانلىرىڭىزنى ئۈگۈتۈپ، بىلمەيدىغانلىرىمىزنى تەڭ ئۈگېنىپ، موشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى بىر تولدۇرساق! بلوگىم:http://teshna.me/

  15. سالام مەنمۇ كاتنىشاي 1376003385 ئۇندىدار چچ ئوخشاش مەن 920 ئىشلىتەتىم مۇشۇ تېلفۇن كانداكراك بىر باخا بەرسېگېز

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ