Windows Phoneئۇنىۋېرسالكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

WP غا پروگرامما يېزىش شۇنداق تەسمۇ؟

Windows8_1

مىنىڭچە WP  مەشغۇلات سىستېمىلىق تېلېفۇن ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا مۇنداق بىر سۇئال بولىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ «WP غا پروگرامما يېزىق شۇنداق تەسمۇ؟» دىگەن سۇئال.

ھەمدە بۇنىڭغا ياندىشىپ ، نىمە ئۈچۈن WP نىڭ ئەپلىرى iOS,Android لاردەك كۆپ ئەمەس؟ نىمىشقا ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ سانى بەك ئاز؟ نىمىشقا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلىنىدۇ دىگىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ يېڭى  نۇسخىسى  نىمىشقا تېخىچە چىقمايدۇ؟ نىمىشقا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىچىدە WP غا پروگرامما يازىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. يەنە نىمىشقا……… دىگەندەك تۈرلۈك سۇئاللار مەۋجۇت.

دىمەك بۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم ئايرىم جاۋاپ بىرىپ بولغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. لىكىن يۇقۇردىكى سۇئاللارغا چۈشەنچە بىرەلىگۈدەك ئورتاق جاۋاپلار ئەلۋەتتە بار.

ئۇنداقتا WP غا پروگرامما يېزىق راسلا تەسمۇ؟

 تەس ئەمەس. تەس ئەمەس، يەنە تەس ئەمەس.

نىمىشقا WP نىڭ قوللاانمىلىرى iOS,Android دەك كۆپ ئەمەس؟

ھازىرچە WP نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى iOS,Android تىن ئاز. شۇڭا بۇنىڭغا پروگرامما يېزىدىغانلارنىڭمۇ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس.  ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ ئاز بولىشى لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ WP نىڭ ناچار ئىكەنلىگىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئەلۋەتتە iOS نىڭ تارقىتىلغىنىغا ئالتە يىل بولدى.  Android قىمۇ بەش يىل بولدى. لىكىن WP غا تېخى ئەمدىلا  ئۈچ يىل بولدى.  ئۇنىڭدىن باشقا WP نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى Android قا قارىغاندا يۇقۇرى. شۇڭا ئەرزاب باھالىق تاغ تۇرا تېلېفۇنلىرغا WP قاچىلىغىلى بولمايدۇ. WP نىڭ قاتتىق  دېتالغا بولغان تەلىپى،   WP  نىڭ پۈتۈنلەي يىپىق كودلۇق سىستېما بولىشى ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېڭىچە ئارا يۈزگە دەرھاللىقچە كۆنۈپ كىتەلمەسلىكى…. دىگەندەك بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن WP نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى يەنىلا بەك ئەمەس. لىكىن يېقىندىن بىرى خىلى تىز سۈرئەتتە ئىشىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر پروگرمما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ WP غا پروگرامما يازىدىغانلارنىڭ سانى iOS,Android لارغا پروگرامما يازىدىغانلاردەك كۆپ ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ،خەلقىمىز ئارىسىدا WP قاچىلانغان تېلېفۇننى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى يەنىلا بەك ئاز.  ئاددىي بىر مىسال: ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ تارقىتىلغىىمۇ خىلى بولدى لىكىن ھازىرغىچە چۈشۈرۈش قېتىم سانى بەش خانىلىق سانغا يەتكىنى يوق.

ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ نىڭ يېڭى نۇسخىسى نىمىشقا تىخىچە چىقمايدۇ؟

ئەلۋەتتە چىقىدۇ. لىكىن يەنە ئازراق ۋاقىت كىرەك. ئەلۋەتتە پۈتۈن كۈن ۋاقىت ئاجرىتىلسا بۇنچىلىك پروگرامما قىسقا ۋاقىتتىلا ئاخىرلىشىدۇ. لىكىن سىناشقا يەنە ۋاقىت كىرەك.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا مۇنتىزىم ۋاقىت ئاجرىتىلغان بولماستىن ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلار يىزىلغان بولغاچقا سىناش… قاتارلىق ھەر تۈرلۈك ئىشلارنىڭ سەۋەبدىن يېڭى نۇسخىسى تاخى تارقىتىلمىدى.

WP مەشغۇلات سىستېمىلىق تېلېفۇن سېتىۋىلىشنى ئويلىشۋاتقان لىكىن يەنە ئىككىلىنىۋاتقانلارنىڭ كاللىسىدا يەنە مۇنداق بىر خاتا قاراش بار. ئۇ بولسىمۇ بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدە WP نىڭ ئەپلىرىنىڭ سانى iOS,Android لەرنىڭكىگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە ئەپلەر بەك ئاز… دىگەندەك.

لىكىن سىز ئويلاپ باققان بولسىڭىز، ئىشلىتىۋاتقان تېلېفۇنىڭىزغا قانچىلىك قوللانما قاچىلىدىڭىز؟ نەچچە مىڭ؟ نەچچە ئونمىڭ؟ ياكى نەچچە يۈز مىڭ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە «ياق» بولىشى مۇمكىن. مىنىڭچە كۆپ بولغاندا 100 نىمۇ قاچىلىغانسىز. لىكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق قاچىلاپ بولالمىدىڭىزغۇ دەيمەن. شۇڭلاشقا سىزگە نەچچە يۈزمىڭ ئەپنىڭ ھەممىسى سىزگە زۈرۈر ئەمەس .  ئەلۋەتتە سىزگە كىرەكلىك نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز ئەپنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ زۇرۇر ئاساسىي ئىھتىياجىمىزدىن چىقالايدۇ.

يىغىنچاقلقغاندا WP مەشغۇلات سىستېمىلىق تېلېفۇن سىتىۋىلىشنى ئويلاۋاتقان لىكىن ئىككىلىپنىپ قالغان دوستلارنىڭ ئىكىلەنمەۇ سېتىۋىلىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.  ھەمدە WP غا پروگرامما يازغۇچىلارنىڭمۇ كۆپىيىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.

iOS,Android ھەم WP لارنىڭ تەپسىلىي پەرقى ھەققىدە ئايرىم يازمىدا تەپسىلىي توختىلايلى.

13 thoughts on “WP غا پروگرامما يېزىش شۇنداق تەسمۇ؟

  1. مەنچىمۇ ئەپ ياساش تەس ئەمەس بىراق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ئاز بولۇش سەۋەپلىك ، ئەپ ياسىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس . يەنە بىر سەۋەپ شۇكى ۋىندۇسفونغا ئەپ ياساش ئۈچۈن چۇقۇم ۋىندوس 7 سېستىمىسىنىڭ 64 بىتلىق بولۇشى شەرتكەن ، بەلكىم بۇمۇ ياساي دەپ ئويلىغان بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئالدىنى توسايدىغان كىچىك بىر ئىش بولسا كېرەك ……
    يازمىرىلىڭىزغا رەخمەت……!

    1. Windows Phone 7 گە APP يېزىش ئۈچۈن چوقۇم 64 بىتلىق سىستېما زۇرۇر ئەمەس. لىكىن Windows Phone 7 گە APP يېزىش ئۈچۈن چوقۇم Windowas 8 x64 بولىشى كىرەككەن.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
    مۇشۇ Windows phone 8 نىڭ ئەپ تۈزىدىغان مۇھىتىنى قانداق ھازىرلايدۇ ؟ چوقۇم 64 بىتلىق كۆزنەك 8 مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇشى كېرەكمۇ؟ مۇشۇ توغرىسىدا ئازراق بىلىمگە ئىگە بولساق بولاتتى.
    پېقىرنىڭ 64بىتلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ھەم 3GB ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن بىر خاتىرە كومپىيۇتېرىم بارتى (HP EliteBook 8530w) تىپلىق . بۇ Windows phone 8 گە ئەپ ئېچىشقا ماس كېلەمدىغاندۇ؟ يېڭى ئۈگەنچىلەر ئىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالىدىكەنمىز.

    1. قارىغاندا سىز ئىشلىتىۋاتقان CPU نىڭ تىپى Intel Core2 Duo Extreme X9100 ئوخشايدۇ. لىكىن بۇ CPU مۇ «SLAT» نى قوللىماسلىقى مۇمكىن. توردا مەخسىس شۇنى تەكشۈرىدىغان قوللانمىلارمۇ بار. سىز شۇلاردا بىر تەكسۈرۈپ بېقىڭ. ناۋادا قوللىماي قالسا تەقلىدلىگۈچ (Windows Phone 8 Emulator) ئىشلىمەيدۇ.

  3. ۋىندوۋس فونننىڭ ئۇمۇملىشىش بەك ئاستا بولىۋاتىدۇ..پەقەت نوكىىيا لا ئۇمۇملاشتۇرۋاتىدۇ بۇ سىسېتمىنى…پىروگىراممىرلارمۇ بۇ سۇپىغا ئەپ ياسىسا نەپكە ئېرىشىشى بەك تەس…ئايفوندا بار ئەپلەر ۋىندوۋس فوندا بار دىيىشىڭىز مۇمكىن..ئەمما سۈپىتى ئوخشىمايدۇ…تېڭشۈن شىركىتى ۋېيشىن 5.0 نى ئېلان قىلغاندا ئايفون ئابونتلىرى ئەڭ بالدۇر ئىشلەتكەن، ئاندىرويىد ئابونتلىرى ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشلەتتى…بىر ئەپنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە ئىختىدارى ۋە سۈپىتى ھەر قايسى مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئوخشىمايدىكەن… ئايفون ئەپلىرى قالتىس، ئاندىرويىد ئەپلىرى ياخشى، ۋىنفون ئەپلىرى ناچار چىقىدىكەن…مىكروسوفىت شىركىتى يېڭىلىق يارىتىشتا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشتا گۇگۇل بىلەن ئالمىغا ئۇتتۇرۋىتىپ بارىدۇ..بۇلۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتلاردا، شىياۋمى 3 دىگەن قوتا تېلفۇننىڭ ئىكران ئىنىقلىقى 1920*1080 گە چىقىپ بولدى..لۇمىيا تېلفۇنلىرىنىڭ ئېكران ئىنىقلىقى بەك تۈۋەن، كۆرۈنمە يۈزى بەك سەت…كەلگەن نۇمۇرنىڭ رايونىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، كۈندە ئەخلەت ئۇچۇر يوللايدىغان نۇمۇرلارنى ئەخلەت ساندۇقىغا تىقىۋەتكىلى بولمايدۇ…ئىشقىلىپ ھازىرقى wp8 نىڭ ios 7 ۋە ئاندىرويىد kitkat تىن تۈۋەن تەرەپلىرى بەك كۆپ…مەنمۇ ئۈمۈدنى wp9 نى باغلاپ قۇيۇپ ئولتادىم…wp9 چىقسا يۇقارقى مەسىللەر ھەل بولۇپ، كەڭ ئۇمۇملىشىپ كەتسە..ھەقسىز بولسا بازار ئۈلىشى ئىشىشى مۇمكىن…

    1. WP نىڭ «call+SMS filter» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر ياكى تېلېفۇن قوبۇللاش قارا تىزىملىكىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ.

  4. WP دىكى بىر قىسىم APP لەرنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بىلىشى مىنىڭچە بولغاندا مەشخۇلات سىستېمىسىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىر قانچە خىل تەرەپتىن ئىزدەش مۇمكىن. مەسىلەن:WP نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى ئاز بولغاچقا بۇنىڭغا APP تۈزىگۈچىلەرمۇ مەيلى ئىقتىدار ياكى كۆرۈنمە يۈزگە ئانچە كۈچەپ كەتمىگەن بولىشى مۇمكىن. چۈنكى WP,iOS,Android لارنىڭ SDK لىرىگە تەپسىلىي قاراپ باقىدىغان بولساق پروگرامما تۈزىگۈچىلەرگە تەمىنلەنگەن API لار ھەرگىز بىر-بىرىدىن كەم ئەمەس.
    ئەمەلىيەتتە WP بىلەن iOS كە پروگرامما تۈزۈش Android قا قارىغاندا كۆپ ئاسان. ئاساسلق سەۋەبى: Android سەپلەنگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىكران ئىنىقلىق دەرىجىرى بەكلا كۆپ خىل. Android نىڭ بۇنچىۋالا كۆپ ئۈسكۈنىلەرگە قاچىلىنىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھەممىدىن قالتىس مەشغۇلات سىستېمىسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. پەقەت ئوچۇق مەنبەلىك بولغاچقىلا شۇنداق ئومۇملىشىۋاتىدۇ.
    مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نېگىزى جەھەتتە Mhcrosoft شركىتى WP نى iOS, Android لارغا قارىغاندا بەكلا چىڭ تۇتىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاددىي بىر مىسال: WP سىستېمىلىق تېلېفۇندا ئىشلەتكۈچىنىڭ روخسىتىسىز ھەر قانداق APP ھەتتا ئاپتۇماتىك قىسقا ئۇچۇرمۇ يوللىيالمايدۇ… ۋەھاكازالار.
    ئەلۋەتتە مەنمۇ WP نى ئەڭ ياخشى مەشغۇلات سىستېمىسى دىمەكچى ئەمەس. لىكىن ناچارمۇ ئەمەس. مىنىڭمۇ نۆۋەتتە كۆزدە تۇتىۋاتقىنىممۇ WP قاچىلانغان قاتتىق دېتاللارنى دىمەكچى ئەمەس. ھەم ئۈچىنچى تەرەپ قوللانمىلىرى ھەققىدىمۇ ئەمەس. گەپ پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۈستىدىلا كىتىۋاتىدۇ. شۇڭا مەشغۇلات سىستېمىسى جەھەتتىن ئالغاندا شەخسەن مەن WP نى iOS, Android لاردىن ناچار دەپ قارىمايمەن.

  5. windows phone emulator قوزغىلالمىدى دەپ ئۇچۇر چىقىۋېلىپ تەقلىدى يانفۇن قوزغالمىدى. Hyper v نىمۇ قاچىلاپ تەڭشەپ باقتىم 虚拟机连接 دىگەن يىرى قوزغالمىدى. مۇشۇ توغرىسىدا ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟

    1. سىز ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرنىڭ CPU نىڭ تىپى قانداقتى؟ «SLAT» نى قوللامدۇ ياقمۇ؟

  6. Ablikim,aka man lumia 920 turmidin kaqurhan lik hawirini tordin korup xun dak hox boldum agarxuhawar ras bolsa butohurluk azarak bilsigiz kaysihil kuralni ixlitimiz kan dak kiliz dapbargan bos goz wp8 ixlitidiahan,laha kop asan bolatimikin,day ma

  7. Karsam man yazhan,uqurni kormigan ohxaysiz kogan bolsigiz jawap kayturhan bosgiz allah rah mat kilsun militimizga koxkan tohpigiz hargiz mu kam bomay uzlup kamisun alla yollirgiz ni oquk ham,rawan kilsun rahmat

    1. ۋاقىت مەسىلىسى سەۋەپلىك بەزى مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىغان بولىشىم مۇمكىن. ئامالنىڭ بارىچە سۇئاللارنىڭ ھەممسىگە ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ