ئۇنىۋېرسال

شىركىتىمىز كەڭ كۆلەمدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ

كۆزنەك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كەڭ كۆلەمدە خىزمەتچى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلەردىن ۋەكالەتچى قوبۇل قىلىدۇ.

1. بازار ئېچىش خادىمى.
ئوتتۇرا تېخنىكوم ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىغا نىسبەتەن  مۇئەييەن دەرىجىدە ئاساسىي بولغان بولىشى،  بازار ئېچىشتا ئەمەلىي  تەجىربىسى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەمىناتى: يۈز تۇرانە بىكىتىلىدۇ.

 

2. يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچى.

C#/VB.NET/Delphi/C++ قاتارلىقلارنىڭ  خالىغان بىرىنى بېمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولىشى، ASP.NET  تا يېزىلغان مۇرەككەپ پروگراممىلارنى چۈشىنەلەيدىغان ۋە يازالايدىغان بولىشى.

سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىدىن SQL SERVER/MY SQL دىن خالىغان بىرىنى بېمالال ئىشلىتەلەيدىغان بولىشى.

B/S  ۋە C/S مۇھىتىدىكى قۇللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ۋە تور بەت پروگراممىلىرىنى تۈزۈشتە ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولىشى، كوللىكتىپ ھەمكارلىشپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەمىناتى: يۈز تۇرانە بىكىتىلىدۇ. ئەمگەك توختامى تۈزۈلىدۇ. سىناق ۋاقتى ئۈچ ئاي. سىناق مۇددىتى تۇشقاندىن كېيىن ئۈچ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

 

3. ۋەكالەتچى: ھەر قايسى ۋىلايەت، ناھىيە-شەھەرلاردىن باش ۋەكالەتچى ۋە تۈر ۋەكالەتچىلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. كونكىرىت ئىشلانى تېلېفۇندا سۈرۈشتۈرۈڭ.

 

4. خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچىدىن دىن باشقا ۋىلايەت-شەھەرلاردىن بىر نەپەردىن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ.

كومپىيۇتېر قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتاللىرىغان پىششىق بولىشى، شۇ ۋىلايەت-شەھەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

تەمىناتى: يۈز تۇرانە بىكىتىلىدۇ.

 

كۆزنەك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئالاقىلاشقۇچى: ئابلىكىم.

تېلېفۇن: 13899900863 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفۇن قىلغايسىز).

http://www.koznaktech.com

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ