Windows Mobile 10 10.0.10149 دىن يۇقۇرى نۇسخىلىرىدا Android app لىرىنى ئىجرا قىلىشقا بولىدىكەن. دىمەك Windows 10 mobile نىڭ ئىچىگە Android نىڭ تەقلىدلىگۈچىسى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. لىكىن ھازىر تېخى رەسمىي نۇسخىسى تارقىتىلمىغاچقا پەقەت بىر نەچچە خىل تېلېفۇننىلا قوللايدىگەن، رەسمي نۇسخىسىدا چەكلىمىسىز ھالدا Android app لىرىنى ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ دىگەن گەپ.
ھازىرچە قوللايدىغان تېلېفۇن تىپلىرى تۆۋەندىكىچە:
Nokia Lumia 920
Nokia Lumia 925
Nokia Lumia 929 (icon)
Nokia Lumia 830
Nokia Lumia 930
Nokia Lumia 1520
Nokia Lumia 635 (1G)
Nokia Lumia 730
Nokia Lumia 820
Nokia Lumia 435
Nokia Lumia 928
باشقا تىپتىكى تېلېفۇنلارنى ھازىرچە قوللىمايدىگەن. (تىپ نومۇرى ئوخشاش بولسىمۇ لېكىن تىپ نومۇرىنىڭ كەينىگە T,U دىگەندەكلەر قوشۇلغان، دۆلەت ئىچىدە تارقىتىلغان تېلېفۇنلارنىمۇ ئوخشاشلا قوللىمايدىگەن .)
ئەمدى Android app لىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويچە مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ. لىكىن Android app لىرىنى قاچىلاش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرغا چۈشۈرۈپ ئۇنىڭدىن كېيىن قاچىلايسىز. ھازىرچە بىۋاستە قاچىلاشنى قوللىمايدىگەن. بەلكىم رەسمىي نۇسخىسىدا قوللىشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن بۇنىڭغا كىرەكلىك قوراللارنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈپ IpOverUsbInstaller.msi ۋە vcredist_x86.exe كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلاڭ. تېلېفۇنىڭىزنى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سىمى بىلەن كومپىيۇتېرغا ئۇلاڭ.
http://www.ablikim.com/download/wp_apk_tools.zip
- قەدەمدە «使用开发人员功能» نى تەڭشەيمىز.
2. قەدەمدە چۈشۈرگەمن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىدىكى tools مۇندەرىجىسىگە كىرىپبۇيرۇق ھالىتىدە «wconnect.exe usb» بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىڭ.
بۇنىڭدا بەزى خاتالىق ئۇچۇرلىرى چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن: خاتالىق نومۇرى 9 بولسا تېلېفۇن بىلەن كومپىيۇتېر نورمال ئۇلانمىغان. 14 بولسا، بۇ تېلېفۇن ھازىرچە بۇ مەشغۇلاتنى قوللىمايدۇ… دىگەندەك.
نورمال ئۇلانغان بولسا emulator-5554… دىگەن ئۇچۇرلار كۆرۈنىدۇ.
3. قەدەمدە سىز «platform-tools» مۇندەرىجىسگە كىرىپ قاچىلىماقچى بولغان قاچىلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
بۇيرۇق شەكلى: «adb install» يېزىپ كەينىگە سىز قاچىلاقچى بولغان app نىڭ ھۆججەت نامىنى كىرگۈزۈڭ. (قاچىلىماقچى بولغان app نى چوقۇم ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرىۋالغان بولىشىڭىز كىرەك).
شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش تامام.
3 thoughts on “Windows 10 mobile قا Android app لىرىنى قاچىلاش”
رەسمى نۇسقىسى قاچان ئېلان قىلىنىدىغاندۇ؟
مەندە لۇميا820 باتتى سىستىمىسى8.1 ئىدى بۇنى10 غا كۇتۇرسەم قانداق بۇلا چ چ1911577344
Minig telfunum lumia 930 lekin man har kanqa kilipmu windows 10 ga kutiralmidim maslihat barsaglar