ئۇنىۋېرسال

پروگرامما يازغاچ بلوگ يىزىش…

بۈگۈن دەم ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە دەم ئىلىش كۈنى بولغان بىلەن بىزگە ئوخشاشلارنىڭ ۋاقتى يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا پروگرامما يېزىش ياكى شۇنىڭدەك باشقا خىزمەتلەر بىلەن ئۆتىدىگەن.  شۇڭا پروگرامما يېزىپ چارچىغاندا دىققەتنى بىردەم باشقا تەرەپكە بۇراپ مۇزىكا ئاڭلاش ياڭى بلوگ يىزىشمۇ خىلى بوپ قالامدۇ نىمە؟

چارچاپ قالدىم دەپلا سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى دىسەك بۇنىڭغا بىرمۇنچە ۋاقىت كىتىدۇ. لىكىن پروگرامما يىزىۋاتقان ۋاقىتتا ئارلىقتىكى بىرنەچچە سىكۇنت ۋاقىتتىن ياخشى پايدىلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ ئىككىنچى قەدەمدىكى خىزمەتنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پۇرسىتى ئىكەن.

مەنغۇ ئادەتتە پروگرامما يېزىۋاتقان ۋاقىتتا داۋاملىق يىنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاچ پروگرامما يازىمەن، لېكىنغۇ پروگرامما يېزىۋاتقاندا ھىچقانداق ئاۋاز قۇلىقىمغا كىرمەيدۇ شۇنداقتىمۇ بۇنىڭغا كۆنوپ قاپتىمەن.

ئەينى ۋاقىتتا Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى Mark Zuckerberg قا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرىۋىتىپ ئۇنىڭمۇ بىر تەرەپتىن پروگرامما يازغاچ بىر تەرەپتىن بلوگ يازغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. قارىغاندا بۇنىمۇ يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمىغىدەك.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ