Windows Phoneيۇمشاق دېتاللار

Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى

بىر قانچە كۈن جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.  بۇ تۈرنى  ئىلگىرى باشقىلار ئىشلەپ WP دا ئۇيغۇرچە كېرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغانمۇ ياقمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، قسىقىسى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى بايقىمىغانلىقىم سەۋەپلىك شەخسەن مەنمۇ WP مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كېرگۈزۈش مەسىلىسىگە قىزىققان بولغاچقا بۇ ھەقتە ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق بۇ مەىسلە دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى.  ھاىرقى ھالەتتە ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يىزدەش سىناق قىلىندى. لىكىن سىستېمىنىڭ ئۆزىنىڭ يېزىق كىرگۈزگۈچ تاللاش تىزىملىكىگە قوشۇلمايدۇ. بۇنى ئايرىم APP شەكىلدە قوزغىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ناۋادا بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققان دوستلار بولسا بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

نۆۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان بولسىمۇ يەنە داۋاملىق مۈكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج دەپ قارايمەن. شۇڭا دوستلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆمىد قىلىمەن.

نۆۋەتتىكىسى بۇ تۈرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھاسىلاتى بولغاچقا  بۇ ھەقتە كۆپ توختالمىدىم، باشقا تەپسىلاتلار ھەققىدە دوستلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ كېيىنكى يازمىلاردا ئورتاقلىشارمىز.

تۆۋەندىكىسى WP مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرچە كونوپكا تاختىسىنىڭ كۆرۈنۈشى.

بۇ تۈر تېخى سىناق ھالىتىدە بولغاچقا چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەنمىدى. ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىنىپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن  چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلىنىدۇ.

23 thoughts on “Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشتى

  1. بولسا مۇشۇ windows phone 7.5 سىستىمىلىق تېلفونلارنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچىنى نورمال تونۇيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش توغۇرسىدا بىر تېما يوللىسىڭىز بولاتتى….

    1. بولىدۇ، يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن wp غا ئۇيغۇرچە پروگرامما يازغاندا يولۇقىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي بىر تېما يازاي. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرچە تونۇتۇشقا ھىچقانداق ئالاھىدە تېخنىكىمۇ كەتمەيدىگەن. پەقەت شۇ خەت شەكلىكى قانداق بەلگىلەشنى بىلسەكلا باشقا ئىشلار خىلى ئاسان توختايدىگەن، شۇنداقتىمۇ بۇ ھەقتە كېيىنكى يازمىلاردا تەپىسىلىي توختىلاي.

  2. مەنمۇ كىرگۈزگۈچ ياسىغان،لىكىن wp ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاز بولىشى مىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
    مىنىڭ مۇشۇ تىلفۇن توغرىسدا مول تەجىربەم بار .

    1. شۇنداق، ئارىمىزدا WP ئىشلەتكۈچىلىرى بەكلا ئاز ئوخشايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ساھەدە يەنىلا ئىزدىنىپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا مەيلى يېزىق كىرگۈزگۈچ بولسۇن ياكى قوللىنىچقان يۇمشاق دېتاللارنى ھەققىدە بولسۇن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقايلى.

    2. ئەسسالام ئەلەيكۇم.سادا 425 ئۇستازىم.مەنمۇ بىر ۋىندوۋس فون ھەۋەسكارى بولىمەن. لىكىن تەجىربەم كەمچىل. ئايفۇن ئاندىروئدلاردېن زېرىكتىم. قېتۋېلىپ يا توكى يەتمەي دىگەندەكسەۋەپ بىلەن. مەندە لۇمىيا 800 ئېس بار ئالغىلى 1 ئاي بولدى. يا يۇمتال كىنو ناخشا ، روم نەشىرنى يۇقرى كۇترۇش دىگەنلەنى قاچلىيالمىدىم. ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى خەتلەر نورمال كۇرۇنمەيدۇ. شۇڭا سىزگە بۇ خەتلەرنى يېزىپ ئوتتۇرۇپتىمەن. تېلىپۇنۇمنى ئۇيغۇرچە تونتۇپ .نەشىرنى يۇقىرلىتىپ بېرىڭ. ئەمگكىڭز ھەقلىق جۇمۇڭ. يانفۇن نۇمۇرۇم-13369679875 كىيۇرۇم-1452779554

  3. مەندە بىر كىرگۈزگۈچ بار ھەرىپ ئۇلاشمايدۇ ،مۇشۇنى ھەل قىلساق بولاتتى .
    ھەن ھازىر دىھقانچىلىق بىلەن ئالدىراش بولوپ قالدىم ،ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيسىڭىز ؟

  4. مەندە بىر نوكڭيا 610 دىن بىرسى بر ئىدى، يۈرمىدىن قاچۇرالماي يامان بەك ئاۋارە بۇلۇپ كەتتىم.

    بولسا مۇشۇڭنا بىر ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ،

    [email protected]

    1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىنكاسىڭىزغا ئەسلىدە بۇرۇنلا جاۋاپ قايتۇرسام ياخشى بولاتتى، لىكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى پۇرسەت بولماي قالدى. شۇنداقتىمۇ قىسقا ۋاقىتتا جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن.

  5. ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
    يېقىننىڭ ياقى WP نىڭ ئوتى تۇتىشىپ قېلىپ،ئاخىرى بىرنى سېتىۋالدىم،تېخى سېستىمىلىرىنى ئۆرۈپ چۆرىگىدەك بولمىدىم. لىكىن بەك راھەتكەن… لۇمىيا 800 دە ئۇيغۇرچە تور بېكەتكە چىقسا ھەرپلەر ئۇلانمايدىكەن،
    كومپىيوتىردىكى خەت نۇسقىسىنى كۆچۈرۈپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئوڭشىلامۇ؟ياكى باشقا باسقۇچلار بارمۇ؟
    كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسقىسى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلدىغانلىقىڭىزنى دەپتىكەنسىز،بولسا ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئازراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.رەھمەت!!!

    1. ئۇيغۇرچە بەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى بەلكىم بەتنىڭ پروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن، مەنمۇ بۇ ھەقتە تېخى تەپسىلىي سىناقلارنى ئېلىپ بىرىپ باقماپتىمەن، ئا؛لدىنقى قېىتىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغاندىمۇ ھەرىپلەرنىڭ ئۇلانماسلىق مەسىلىسىگە ئۇچرىمىدىم. مەن بۇ ھەىتە يەنىمۇ تەپسىلىيراق ئىزدىنىپ باقاي، ھەم كۆپچىلىكنىمۇ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بىقىشقا چاقىرىمەن.

      1. ئۇيغۇرچە خەتلەر توربەتلەر دە ئۇلاشمايدۇ،ئوخشىمىغان دىتاللارنى ئىشلىتىپ باقتىم، ئۇلانمىدى. لىكىن باشقا يەرلەردە نورمال.مەسىلەن:ۋېيشىن، كىيۇ-كىيۇ ،IE نىڭ بەت تاللايدىغان يىرىدىكى (tabs) دىكى بەتنىڭ ماۋزۇسىمۇ نورمال ئۇلىشىپ چىقىدۇ. بۇ تېلفۇن تېخى تۇرمىدىن چىقمىغاچقا خەت نۇسقىسى ئالماشتۇردىغان ئىشلارنى سىنىغىلى بولمىدى، بىلمىدىم باشقا ئۇسۇللار قانداقكىن.

  6. مەنمۇ مۇشۇ تىمىغا بەك قىزقىمەن بولسا ئورتاق پىكىرلەشسەك قانداق دەيسىلەر…

  7. بولسا بىر توپ قۇرساق مەندە بىر توپ نۇمۇرى بار بىكار تۇرىدۇ شۇنى ئىشلەتسەك wp ساھەسى ئۈچۈن

  8. بۇگۈن تېلفۇنۇمنى 7.8گە چىقىرۋالدىم ، باشقىىنى قۇيۇپ بىرىنچى بولۇپ ئۇيغۇرچە توربەتتىن بىرنى ئېچىپ سىنىدىم. بۇرۇنقى ھەرىپلەر ئۇلانمايدىغان ئىشى ئوڭشىلىپتۇ. :mrgreen:

    1. ئەسسالام ئەلەيكۇم دوستۇم ئالىم. مېنىڭ يانفۇنۇمنىمۇ 7.8 چىقرپبېرىڭ .ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بېرىڭ. ئورنىڭز نەدە قالدۇررۇپ قويماپسىزيا. تېلىفۇن نۇمرىڭزمۇ يوق. يانفۇنۇم.لۇمىيا 800 ئېس .ئالغىلى 1 ئاي بولدى. سېستىسىدىن پايدىنلالماي قالدىم شۇ. يۇمتال كىنو ناخشا لارنىمۇ قاچلىيالمىدم. كومپىيوتېرىم يانفۇنۇمنى پەقەتلا تۇنۇمدى، مەسىلە سىمىدا ئوخشايدۇ دەپ ، خۇاۋېي تېلىفۇنۇمنى چاتساممۇ ئۇنىمۇ تۇنۇمىدى. مەسىلە نەدە زادى. مەسلىھەت بەرسىڭزكەن. ئۇرۇمچىدە بولساق سىز قول سېلىپ ئۇگتۇپ قۇيۇڭ. ھەرگىز بىكارلىق ئەمەس. ھەق بېرىمەن. قېرىندىشىم. بىز ئالاقلىشايلى.يانفۇنۇم-13369679875 كوت-كوت 1452779554

  9. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ! مەنمۇ مۇشۇ سېستىمىلىق تېلفۇنغا قىزىقىپ قالدىم ، 710 دىن بىرنى ئالغان تۈرمىدىن قاچۇرۇپ 7.8 نەشىرگە كۆترۈپ ئېۋەتىپ بەرگەن ئەتە كېلىدۇ ، لېكىن مەن بلوگىڭىزنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم ، ۋىنفۇن تەبئىيكى بازار تاپىدۇ ، بلوگىڭىزمۇ ئەڭ نادىر بلوگلادىن بوپقالغۇسى ، يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ، مەنمۇ ئاۋۇ ئۈستىدىكى بالىنىڭ گېپىگە قوشۇلمەن ، توپ قۇرۇپ ئۇستازلار ھەۋەسكارلارغا ئۆگەتسە!!

  10. ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
    بۈگۈن (marketplace) دۇكاندىن «uyghur» نى كىرگۈزۈپ ئىزدىسەم «كۈمۈش كىرگۈزگۈچىسى» (kumushEdit) نامىدىكى بىر دىتال چىقتى. ئېكران رەسىمىگە قارىسام قارلۇقنىڭ «خاتىرەم»گە ئوخشاپ كىتىدىكەن. سىناي دىسەم 8 شاڭگاڭ دوللىرىكەن… قىزىققۇچىلار سىناپ بېقىڭلار.

  11. بۇ كىرگۈزگۈچنى ھەقسىز دەپسىز ، ئەمما چۈشۈرەي دېسەم 0.99 دوللار دەيدىغۇ ؟ تېخى ئىناۋەتلىك كارتا بولمىسا بولمايدىكەن …..

    1. شۇنداق ھەقسىز. لىكىن تېخى چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەنمىدى. چۈنكى Metketplace دا تېخى تەستىقىلىنىپ بولالمىدى. تەستىقلىنىشقا ئادەتتە ئىككى ھەپتە ئەتىراپىدا ۋاقىت كىتىدىگەن. شۇڭا ھازىرچە چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەنمىدى. تەستىقلانغاندىن كېيىنمۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز. لىكىن ھازىر سىزنىڭ قايسى دېتالنى چۈشۈرگىنىڭىزنى بىلمىدىم؟
      بۇ كىرگۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرلارنى http://ablikim.com/blog/?p=224 دىن كۆرگەيسىز.

  12. كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر . مەنمۇ wp710 خېلى بۇلدى ئىشلىتىپ كىلۋاتىمەن، قانداق قىلغاندا 7.5 نەشىرىنى 7.8 غا كۆتۈرگىلى بۇلدۇ ، يەنە تېلفۇنى كومپىيۇتېرغا چاتسام قېتىۋالدىغان ئىشلارمۇ بار قانداق قىلغاندا نورمال ھەل قىلغىلى بۇلار ياردەم قىلساڭلار!…

  13. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ۋېندوۋس تېلفۇنلىرىغا ئۇيغۇرچە كېرگۈزىدىغان ئەپ ياسالغانلىقىنى ئاڭلاپ بەكلا خۇشال بولدۇم، جاپا چەكتىڭلار! مەن يېقىندا نۇكىيا 920 دىن بىرنى سېتىۋالغانتىم، ۋېندوۋس8 سېستىمىلىق ئۇيغۇرچە خەتلەرنى تولۇق تونۇۋاتىدۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كېرگۈزگىلى بولمايۋاتقان، توردىن بەك ئىزدەپ بۇ يازمىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇيغۇرچە كېرگۈزگۈچنىڭ ئەپ نى رەسمىي ئېلان قىلغاندا مېنىڭ ئېلخەت ئادېرىسىمغا خەت يېزىپ ماڭا بىر ئۇقتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن، ئاۋارە قىلدىم. كۆپ رەھمەت!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ