ئۇنىۋېرسالتور بىلىملىرى

تور بېكەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلالماسلىق مەسىلىسى

ئادەتتە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا تېلگىرافنىڭ تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولغان تور بېكەتلەرنى كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭنىڭ تورىدا زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق، كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورىدا زىيارەت قىلغىلى بولغانلىرىنى تېلگىرافنىڭ تورىدا زىيارەت قىلغىلى بولماسلىق… دىگەندەك مەسىلىگە ئۇچراپ تۇرىمىز.  ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئىچكىرىدىن ئىلىپ چىقىپ ئىشلىتىۋاتقان كارتىلار بىلەن بىلەن تورغا چىققاندا يەنە ئوخشاش نەتىجە چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ بەزى ئۇچراپ قالىدۇ (ئىچكىرىنىڭ كارتىلىرىغا شىنجاڭ ناتونۇش بىلىنەمدىغاندۇ يا؟).

بۇلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرى ئۇلاردىكى DNS نىڭ ئادىرىسىنىڭ ھەرخىل بولىشى ھەم DNSتىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىردەك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ.  مەسىلەن: شىنجاڭ تېلگىرافىنىڭ DNS ئادرېسى

61.128.114.133

61.128.114.166

61.128.114.167

شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ  218.202.218.59.

شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 211.98.127.101/ 211.98.4.1… قاتارلىقلار.

دىمەك يۇقۇردىكى مۇلازىمىتىرلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر تەمىنلىگەن تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا بەزى ئوخشىمىغان نەتىجىلەر كىلىپ چىقىدۇ.

دىمەك بۇ مەسىلىسى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرەر ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدىغان DNS تىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىسى ھەل قىلىش مۇمكىن. مەسىلەن: ناۋادا سىز تېلگىراق ئابونتى  بولسىڭىز تور كارتىڭىزنىڭ خاسلىقىدىن DNS ئادرېسىنى ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ.

ئادەتتە DNS نىڭ ئادرېسىغا بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادرېسىنى يېزىشنى قوللايدىغان بولغاچقا بۇلارنى ئۆزىڭىز تەڭشەپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.  تەڭشەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:

يۇقۇردا كۆرسىتىلگەن رەسىمدىكى ئۆزگەرتىلگەن ئادرېس: 8.8.8.8 بولۇپ، بۇنى google تەمىنلىگەن ھەقسىز DNS لەرنىڭ بىرى.

قىنى سىزمۇ يۇقۇردىكىدەك مەسىلىگە يولۇققان بولسىڭىز DNS نى ئۆزگەرتىپ سىناپ بېقىڭ. لېكىن DNS نىڭ ئادرېسىنى خاتا تەڭشىسىڭىز تورغا چىقالماي قالىسىز شۇڭا ھەر ھالدا ئازراق ئىھتىيات قىلىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ