ئۇنىۋېرسال

ئالما (Apple) نىڭ پاي باھاسى بىر كۈندىلا %12 تىن ئارتۇق چۈشتى

1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالما (Apple) شىركىتى  بىرىنچى ەسىللىك مالىيە دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،  بۇ دوكىلاتتا ئالما (Apple) نىڭ بىرىنچى پەسىللىك سېتىش سوممىسى 54.5 مىليارد دوللار، پايدىسى 13.1 مىليارد دوللار بولغانلىقى جاكارلانغان ئىدى، لىكىن  1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالما (Apple) نىڭ پاي باھاسى %12 تىن ئارتۇق چۈشتى ھەمدە ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ بۈگۈنكى پاي باھاسى 439 دوللاغا چۈشۈپ بازار قىممىتى 413.06 مىليارد دوللار بولدى، ھەمدە بازار قىممىتى جەھەتتە ئىكسۇن موبىل (Exxon Mobil) غا ئۇتتۇرۇپ قويدى.  ئالدىنقى يېلى 9-ئايدا ئالما (Apple) نىڭ پاي باھاسى ئەڭ يۇقۇرى نوقتىغا چىققان ئىدى. بۇ قېتىمقى تۆۋەن نوقتا ئالما (Apple) نىڭ يېقىنقى بىر يىل جەريانىدىكى پاي باھاسى ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈشى ھىساپلىنىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 435 دوللار بولغان.

بۈگۈنكى پاي باھاسىدىن قارىغاندا ئىكسۇن موبىل (Exxon Mobil) نىڭ بۈگۈنكى يەككە پاي باھاسى 91.73 دوللار، بازار قىممىتى 418.28 مىليارد دوللار بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئالمىنىڭ 413.06 مىليارد دوللارلىق بازار قىممىدىن ئىشىپ قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى شىركەتلىك ئورنىنى قايتۇرىۋالغان. لىكىن بۇ ھالەت قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ بۇنىڭغا بىرنەرسە دىيىش تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ئىزچىل بۇ شىركەتلەرنىڭ بازاردىكى ئىپادىسى ۋە پاي باھاسىنى كۆزۈتىشكە توغرا كىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ