Windows Phoneئۇنىۋېرسال

WP مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى

ئلدىنقى  قىتىم بىر يازمامدا  WP مەشغۇلار سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش مەسىلىسى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان ئىدىم، نۆۋەتتىكى تېمامدىمۇ ئاساسلىقى شۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ يېڭىلانغانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن، شۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ  كۆرۈنۈشى ھەم ئىقتىدارى ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچى. تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە يەنە باشقا يازمىدا ئايرىم توختىلىمەن.

نۆۋەتتىكى يېزىق كىرگۈزگۈچ WP7/7.5 لەردە نورمال ئىشلەيدۇ. WP8 دىمۇ ئىشلىشى مۇمكىن لېكىن سىناق قىلىپ باقمىدىم، نەزىرىيە جەھەتتىن ئالغاندا WP8 دىمۇ نورمال ئىشلەيدۇ. ھەم پۈتۈنلەي ھەقسىز.

تۆۋەندىكىسى يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ ئاساسى كۆرۈنۈشى:

2

1

 

كونوپكا تاختىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى:

3

 

«Shift»  بىسىلغاندىن كېيىنكى ھالىتى:

4

 

ئالاھىدە ھەرىپ بەلگىلەر (1)

5

 

ئالاھىدە ھەرىپ بەلگىلەر (2)

6

 

يېڭى نۇسخىسى قىسقىچە سىناقتىن كېيىن Marketplace غا يوللاندى. تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلىنىدۇ.

15 thoughts on “WP مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى

  1. ئوبدان گەپكەن ، سوراپ باقسام wp8 بىلەن wp7.5
    ئەپلىرى ئوز-ئارا ئىشلەتكىلى بۇلامدىكەن؟

    1. WP7.5 ئۈچۈن تۈزۈلگەن قوللانمىلارنى WP8 دە نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لىكىن WP8 نى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەنلىرىنى تۆۋەن نەشىرىدە ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

  2. بۇ دىتالنى Marketplace دىن قانداق تاپىمىز . ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ……

    1. Metketplace دا تېخى تەستىقىلىنىپ بولالمىدى. تەستىقلىنىشقا ئادەتتە ئىككى ھەپتە ئەتىراپىدا ۋاقىت كىتىدىگەن. شۇڭا ھازىرچە چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەنمىدى.

  3. نېمىدىگەن ياخشى، نېمىدىگەن چىرايلىق! كۆرۈنۈشى ئالمىنىڭكىدىن چىرايلىق تۇرىدۇ. سورىماقتى بولغىنىم، بۇ ئايرىم قوللانما كىرگۈزگۈچ سۈپىتىدە قوشۇلامدۇ، ياكى قارلۇقنىڭ «خاتىرەم» دېگەن قوللانمىسىدەك كۆچۈرۈپ چاپلامدۇق؟ يەنە بىر گەپ، ئۈندەش بەلگىسىنى shift بېسىلغاندا تاپقىلى بولسا ياخشى بولاتتى، قوش تىرناق بەك كۆپكەن، بولۇپمۇ ئۈستى پەشنىڭ ئورنىغا ئۈندەش بەلگىسىنى قويغىلى بولمامدۇ؟

    1. مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كونوپكا تاختىسى قاتارىغا قوشۇلمايدۇ، ئايرىم قوللانما شەكىلدە ئىجرا بولىدۇ.

  4. ئابلىكىم ئەپەندى ، رەھمەت سىزگە ….. مەن مۇشۇ ۋىندوۋسفوننىڭ كۆكچىش ئىقتىدارىنى پەقەت ئىشلىتەلمىدىم ، مەسلىھەت بەرسىڭىز ؟؟؟ مېنىڭ تېلفۇنۇم samsung GT-i8350 ئىدى …

    1. ئادەتتە Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىدا تېلېفۇننىڭ كۆك چىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھۆججەت يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن.

  5. بايا قاچىلاپ ئىشلەتتىم،ياخشى بوپتۇ ،بەك خوش بولدۇم،شۇنداقتىمۇ ئاتىكاچىلىق قىىلىپ بىرقانچە پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي.
    1.ئىمكان بولسا مىكروسوفت بىلەن ئالاقىلىشىپ سېستىم ئىچىگە قوشىۋىتىدىغان قىلىۋەتسىڭىز.ھەممە يەردە قولايلىق ھالدا بىمالال ئىشلەتكىلى بولاتتى.
    2.ئىمكان بولسا كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات قىلىپ پۈتۈن ھەرپنى بىر يۈزدە كۆرۈنىدىغان قىلسىڭىز ياكى قوش باسسا «Shift» بىسىلغاندىن كېيىنكى ھەرىپ چىقىدىغان قىلسىڭىز،قوش بېسىس سۈرئىتىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان بولسا ھەر كىم ئۆز ئادىتى بويىنچە تەڭشىۋالسا.
    3. ئىككىنجى پىكىر بولمىسا ،ھازىرقى ھالەتتە «Shift» بىسىلغاندىن كېيىنكى ھەرىپلەرنى كومپىيۇتىر كونۇپكىسى بىلەن ئوخشاش قىلسىڭىز، ە بىلەن گ دىگەندەك، ئىككى خىل كونۇپكىدىن بىرسىگە كۆنۈپ قالسا يەنە بىرسىدە تولا ئېزىپ قىيلىنىپ قالىدۇ،چۇنكى كۆيگەن يامان ئەمەس كۆنگەن يامان ئەمەسمۇ.

    ئەمگىكىڭىزنى ھۆرمەت قىلىمىزھەم قەردىرلەيمىز،زۆرۆرىيىتى بولسا ھەقلىق قىلسىڭىزمۇ بىز داۋاملىق قوللايمىز،شەخسەن مەن قوللايمەن.ئىقتىسادى ئەھۋال ياخشى بولسا تەرەققىياتقىمۇ پايدىسى بار.مەن920ئىشلىتىۋاتىمەن،بولسا بىر توپ قۇرۇلسا يۇقارقى دوسلار بىلەن سېستىما توغرىسىدا پىكىرلەشسەك،ئوبدان دېتاللار ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە پىكىرلەشسەك ھەممىمىزگە پايدىلىقمىكىن دەيمەن.سېستىما ۋە دېتاللاردا كامچىلىك بەك جىق.

  6. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : تور ئەھلى ياخشمۇ سىلەر ؟
    مەن گەپنى ئۇدۇللام قىلاي . يېقىنلار wp8 تېلفۇندىن بىرنى سېتىۋاپتىكەن .مەن ئابلىكىم ئەپەندىم ئىشلىگەن كونوپكا تاختىسىنى قاچىلىغانتىم .ھەر قانداق ھەرىپنى باسسام ئىككى(قوش) چىقىۋالدى.شۇڭا باشقىلارمۇ مۇمكىن بولسا سىناپ ئىنكاس يازارسىلە .خەير ئاللاغا ئامانەت……………

  7. مەن گەپنى خاتا قىلىپ ساپتىمەن ئەسلى مۇنداق: يېقىنلار nokia lumia 610 تېلىفۇنىدىن بىرنى سېتىۋاپتىكەن .مەن ئابلىكىم ئەپەندىم ئىشلىگەن كونوپكا تاختىسىنى قاچىلىغانتىم .ھەر قانداق ھەرىپنى باسسام ئىككى(قوش) چىقىۋالدى.شۇڭا باشقىلارمۇ مۇمكىن بولسا سىناپ ئىنكاس يازارسىلەر .خەير ئاللاغا ئامانەت……………

    1. مەن ئىشلىتىپ سىناپ ئىنكاس يازغان،610دا نورمال بولمىسا بۇنى بىلمىدۇق قانداق ئىشكىن .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ