http://ablikim.com/blog/?p=224
يۇقۇردىكى يازمىدا ئوتۇرغا قويۇلغان Windows Phone غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بۈگۈن تەستىقلىنىپ Marketplace دا رەسمىي تارقىتىلدى.
Windows Phone 7.5/7.8/8 لەردە نورمال ئىشلەيدۇ.
Windows Phone ئىشلىتىۋاتقان دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ بېقىشىڭلارنى ۋە تەكلىپ-پىكىر بىرىشىڭلارنى سورايمەن. شۇ ئاساستا يەنىمۇ مۈكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/s?appid=af54c655-91fc-4e6f-a562-4c5ed208b574
تۆۋەندىكىسى Marketplace دىكى كۆرۈنۈشى.
13 thoughts on “ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ Marketplace غا ماكانلاشتى”
بەك ياخشى بولدى ، رەھمەت سىلىگە….. ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى بىر تونۇشتۇرىۋەتكەن بولسىلا
بۇ بەك ياخشى بولۇپتۇ ، سىناپ باقاي دىسەم تېلفۇنۇم wp سېستىمىسى ئەمەس ئىكەن!
بۇ كۆزنەك ئابلېكىم شۇمۇ ياكى؟؟؟
شۇنداق. سىز كىم بولىسىزكىن؟
Sent from my Windows Phone
ishlitishni bilelmidimghu? ya koqurush konupkisi yoq iken.
سالام ئالىكىم نوكىيا لۇمىيا 920 يانفۇنىدا ئىكراندىن رەسىم تۇتۇشنى بىلەسىزمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
Power بىلەن Home كونوپكىسىنى تەڭ باسسىڭىز بولىدۇ.
بۇنى چۈشۈرۈپ نوكىيا لۇمىيا 610 ۋە 620 دە سىناپ باقتىم..ئىككىسىدىلا نورمالكەن….ئەگەر كۆپرەك مەزموننى يېزىپ كۆچۈرۋىلىپ ۋېيشىننىڭ پېيڭيۈچۈەن ۋە مىكرو بىلوگلارغا يوللايدىغاننىمۇ قوشىۋەتكەن بولساڭلا ئۇبدان بولغۇدەك..ھازىر مىكروبىلوگلاردا ئۇيغۇرچە يېزىش مودا بوپتۇ.
كېيىنكى قەدەمدە چوقۇم بىر بۆلۈك يىڭى ئىقتىدارلارنى قوشماقچى. ئۇزۇنغا قالماي يېڭى نۇسخىسىمۇ تاقىتىلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم جان بۇرادەر
مەن سىلىدىن بىر مەسىلىنى سورىماقچى ئىدىم ، ياردەم قىلاسىلەرمۇ ، مەن مۇشۇ wpتىلفۇننىڭ ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلىدىغانغا قانداق قۇراللارنىڭ كىتىدىغانلىقىنى ھىچ ئىزدەپ تاپالمىدىم مومكىن بولسا دەپ بىرەمسىلە ؟مەن داۋاملىق تىلفۇندا تورغا چىقىمەن ، شۇڭا خاپا بولماي ئىلخەت ئادرىسىمغا
جاۋاپ قايتۇرامسىلە ، ؟ ئاۋارە قىلدىم. [email protected]
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. WP نىڭ قوللانمىلىرىنى تەرجىمە قىلىش ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ باقمىدىم. لىكىن مىنىڭچە بولغاندا تەرجىمە قىلىش ئۇنداق تەسمۇ ئەمەس ئەمما Microsoft نىڭ بۇنىڭغا قارىتا قوللانغا قانۇنىي كىلىشىملىرى بۇنىڭغا يول قويماسلىكى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوللانمىلارنى Marketplace غا يوللاشتىمۇ بۇ ھەقتە ئىنىق كىلىشىم بار. شۇڭا مەنمۇ قوللانما تەرجىمە قىلىش ھەققىدە كۆپ ئىزدەنمىدىم.
900 دا ئېكىراندا قانداق رەسىم تۇتىمىز؟ 920 بىلەن ئوخشاشمۇ؟
ئېكىراننى رەسىم تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك كۆزنەككە چاپلاش مەشغۇلاتى قانداق بولىدۇ
مۇشۇ Samsung S7530E دا قانداق قىلساق ئىكراننى رەسىمگە تارتالايمىز ؟
يەنە مۇشۇ تېلفۇننىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلا …