ئۇنىۋېرسال

Windows Phone سىستېمىسىدىكى يۇمشاق دېتاللار ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.

مەن ئالدىنقى قىىتىم يوللىغان «2012-يىللىق رامىزانلىق كالىندارنىڭ WP نۇسخىسى» دىگەن تېمامدا بىر تەرەپتىن رامىزانلىق كالىندارنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان بولسام يەنە بىر تەرەپتىن Windows Phone  سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باشلىنىش پىلتىسىگە ئوت ياققان ئىدىم. لىكىن بۇ مەسىلىگە قارىتا تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ئانچە يۇقۇرى ئەمەسمۇ ياكى تورداشلار ئارىسىدا WP سىستېمىلىق تېلېفۇن ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سانى بەكلا ئازمۇ بۇنى بىلمىدىم.

دۇنيا مىقياسىدا WP نىڭ ئومۇملىشىشى Android ياكى IPhone دەك كەڭ بولمىسىمۇ مىنىڭچە بۇ بىر ۋاقىتلىق ئەھۋال. چۈنكى Microsoftنىڭ  Nokia نى مەزكەر قىلغان دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ساھەسىنىڭ سابىق زۇمىگەرلىرى بىلەن  زىچ ھەملكارلىشىشى نەتجىسىدە WP سىستېمىلىق تېلېفۇنلارمۇ بارا-بارا بازاردا مەلۇم سالماقنى ئىگەللەۋاتىدۇ. ھەم شەخسەن مەنمۇ WP سىستېمىسىغا خېلى ئىشەنىچ بىلەن قارايمەن.

بەلكىم دوستلار ئارىسىدا WP سىستېمىسى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ئۇنداق ئاز بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۇ WP سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسى شۇنداق نورمال قوللىشى بىزنىڭمۇ بۇ سىستېما ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ بىقىشىمىزغا ھەم كۆپلەپ ئۇيغۇرچە ياكى باشقا يېزىقتىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەپ تارقىتىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

ئادەتتە WP سىستېمىسىغا يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار Marketplace غا يۇمشاق دېتال يوللاش ئۈچۈن تىزىملىتىش ھەققىگە شەخسىي پروگراممىچىلارغا قارىتا 99$ ئەتىراپىدا ھەق تۆلەشكە توغرا كىلىدىگەن. لىكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تەرەپ تەمىنلىگەن ئېلخەت ئادىرىسى بىلەن تېزىملاتسا ھەقسىز تىزىملىتىشقا بولىدىگەن. شۇڭا بۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ھەم مەلۇم دەرىجىدە پروگرامما ئاساسى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىناپ بىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. بۇمۇ ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن يېڭى بىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغۇسى.

ناۋادا بۇ ساھەگە كىرمەكچك بولغان دوستلار بولسا تېخنىكا ھەم باشقا جەھەتلەردە دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى تەرەپلەر بەك تەپسىلىي بايان قىلىنمىدى. دوستلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن كېيىنكى تېمىلىرىمىزدا يەنىمۇ تەپسىلىي توختىلارمىز.

 

 

4 thoughts on “Windows Phone سىستېمىسىدىكى يۇمشاق دېتاللار ھەققىدە

  1. مەنمۇ تېخى بۈگۈن لۇمىيا 610 دىن بىرنى ئالدىم، ۋىندوۋس فون 7.5 سىستىمىلىقكەن. مەن بۇرۇن ئاندىرويىد ۋە ئايفون ئىشلەتكەن. لۇمىيانىڭ ئېكران سزىمچانلىقى ۋە باشقا ئىختىدارلىرى ئاندىرويىدتىن كۆپ ئارتۇقكەن. ئاندىريدنىڭ تۆت نېگىزلىك تېلفۇنلىرىمۇ قىتىپ قالغان ئەھۋاللار بار، تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا ، ۋىندوۋس فوننىڭ ئاندىرويىد باھاسىدىكى تېلفۇنلىرى چىقىپ قالسىلا…ئىستىمالچىلار تېزلا ئاندىرويىدتىن ۋاز كىچىدۇ.
    بۇ توغۇرسىدا سىز بىلەن قىلىشىدىغان مەسلىھەت بارتى…مۇمكىن بولسا ئالاقە نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز…
    كۇكۇ : 1806844058

    1. دەسلەپكى قەدەمدە مۇكەممەللەشكەندىن Marketplace غا يوللىماقچى. ئالدىنقى قىتىم بىر app نى يوللىسام سەل ئۇزۇندقراق تەستىقلىنىپ چىقىپتۇ، ئارلىقتا ئىككى قىتىم قايتۇرىۋىتىپ يېزىق ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن ئاندىن تەستىقلاندى. قارىغاندا ئىلگىرى Marketplace غا ئۇيغۇرچە app يوللدنمىغان بولسا كىرەك. شۇ سەۋەپتىنىمىكىن ئۇلارغا ئۇيغۇرچە app نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى يېزىق مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كەلدى. لېكىن كېيىنكىسى ئۇنداق مۇرەككەپ بولۇپمۇ كەتمەسلىكى مۇمكىن.

  2. wp7گە ئۇيغۇرچە تۇنۇتقان بولساق ياخشى بولاتتى،قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈندۇ؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ