Windows Phoneكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

WP8 نى GDR3 كە يېڭىلاش ئۇسۇلى

ناۋادا سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ماشغۇلات سىستېمىڭىز Windows Phone 8 بولۇپ، بۇنى  GDR3 نەشىرىگە كۈتۈرۈشتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىڭىز ياڭى يېڭىلاش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ.

ئالدى بىلەن http://apps.windowsstore.com كىرىپ سىز تېلېفۇنىڭىزدا نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان Live ID ھىساباتىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى يۇمشاق دېتال ئاچقۇچى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈڭ.

سىز يۇقۇردىكى ئادىرىسنى ئاچقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بەت يۈزىگە كىرىسىز.

1

بۇنىڭدىن «Start building» نى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن سىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان Live ID ھىساباتىڭزنى سورايدۇ. تەلەپ بويچە كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ھەمدە قەدەممۇ قەدەم تەلەپ بويچە مەشغۇلات قىلىسىز.

ئاندىن كېيىن بۇ مەشغۇلاتلار ئاخىرلاشقاندا تېلېفۇنىڭىزنىڭ APP  بازىرىدىن «Preview for Developers» ئىسىملىك بىر قوللانمىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىسىز.

APP  بازىرىدىن چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/preview-for-developers/178ac8a1-6519-4a0b-960c-038393741e96

يۇقۇردىكى مەشغۇلاتلار ھەممىسى ئاخىرلاشقاندا تېلېفۇنىڭىزنىڭ يېڭىلاش قوللانمىسىنى ئىجرا قىلىسىڭز GDR3 كە يېڭىلاشقا باشلايدۇ.

ناۋادا يۇقۇردىكى جەريانلارنى تولۇق چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز سۆز قالدۇرغايسىز.

18 thoughts on “WP8 نى GDR3 كە يېڭىلاش ئۇسۇلى

  1. 暂时出现问题

    此服务暂时出现了问题,请重试。如果仍然看到此消息,请稍后再试
    ئەپ ئاچقۇچى ھىساباتىغائالمىشاي دىسەم ماۋۇخاتالىق چىقىۋالدى قانداق قىلسام بۇلىدۇ.

  2. ھا ھا ….ئىسىل ئىسىل , ئالدىنقى قېتىم مەنمۇ كىيىنكى ئەپنى چۈشۈرۈپ سىناپ باققان لىكىن بولمىغانتى , ئەسلى ئالدىنقى قەدەم باسقۇچنى ماڭماپتىكەنمەن , مانا سىز دىگەن ئۇسۇل بىلەن يېڭىلاش بولىقىنى چۈشۈرۋاتىمەن ھازىر .

  3. كۆپ تەشەككۈر !!!
    مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا GDR3 كە يېڭىلىۋالدىم. ئۇزاق بولغان بۇنى پايلاپ يۈرگىلى …
    Google Chrome تور كۆرگۈچىنىڭ بەت يۈزىنى تەرجىمە قىلىدىغان يېرى ئەسقاتتى.

  4. ياخشىمۇ سىز سىزنى يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم تېلفنۇمنى GDR3مۇۋاپىقىيەتلىك كۆتۈرۋالدىم ئەمدى ۋىندوس 8.1 غا كۆتۈرگىلى بۇلامدۇ تېلفۇنۇم نوكيا 920ئىدى

  5. نەچچە كۈن بۇرۇن جوڭشەن يۇلىدىكى بۇرۇنقى نوكىيا مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن 1520 دىن ئىككىنى سېتىۋالغان . GDR3 قا يېڭىلايمىزمۇ ياكى يېڭىلاپ بولغانمۇ بىلمىدىم .

  6. نوجىيا 925 نى يېڭىلاش قوللانمىسىنى ئىجرا قىلىسىام تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىۋالدى.
    当前无法查找更新。(80072ee2)

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ