11 thoughts on “Lumia 1020 دا تارتىلغان رەسىملەر كەتتى

  1. لۇمىيا1520نىڭ ياخشىدەك قىلامدۇ ھە 20مىگاپېكسىل بىلەن 41مىگاپېكسىل نىڭ پەرىقى چوڭ بولا؟؟؟؟

    1. ئەلۋەتتە پەرقى بار. لىكىن بۇ پەرىق چوڭ ھەجىمدىكى سۈرەتلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن 2000 پىكسىلدىن چوڭراق رەسىملەردە پەرىقنى ئىنىق ھىس قىلىشقا بولىدۇ. لىكىن كىچىك ھەجىمدىكى سۈرەتلەردە بۇ پەرىق گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ كەتمەيدىگەن.

  2. مەنمۇ 820دىن بىرنى ئېلىپ GDR3 كە كۆتۈرۈۋالدىم. توۋا، ئىكراننىڭ سىزىمچانلىقى ئالمىدىنمۇ ياخشىدەك ھېس قىلدىم. تور بەتلەردىكى ئۇيغۇرچە شۇنداق چىرايلىق كۆرۈندى، ئەمما ئۈندىدار قاتارلىق نەرسىلەردىكى خەت سەت تۇرىدۇ. مېنىڭ شياڭگاڭ نۇسخسى ئىدى، تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، يەنە بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرگۈم يوق. ئالىم ئەھەت مۇئەللىم: ساقلاپ تۇرۇڭلار، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىدۇ، دېگەن. شۇ چىققاندا يۇقىرىدىكى مەسىلە ھەل بولامۇ؟

    1. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقسا خىلى كۆپ مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ. لىكىن ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن. مەنمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ تىزراق چىقىشىنى ئۆمد قىلىمەن.

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم ئەپەندى قانداق ئەھۋالىڭىز؟مەنمۇ ۋىندوۋېسفۇنغا بەكلا قىزقىپ قېلىپ قولۇمدىكى ئالمىنى نوكىيانىڭ لۇمىيا925 تىپلىق تېلفۇنغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلۇشۋاتمەن،سىزدىن ياردەم سورايدىغان بىر قانچە تۇرلۇك مەسلە بار ئىدى خاپا بولماي چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز،
    1-لۇمىيا 925نى كېينچە ۋندوۋېسفۇن9.0 چىقىپ قالسا 9.0 غا كۆترۇپ ئىشلىتىش مۇمكىنچىلكى بارمىدۇئ!2- بولسا شۇ 925 دا تارتىلغان رەسىملارنىمۇ چىقرىپ قويغان بولسىڭىز!

  4. ئابلىكىم ئەپەندىم،تىلىفوندا تورخا چىقىپ ناخشا،ۋە باشقا نەرسىلەرنى چوشەرسەك ۋىروستىن ساقلانغىلى بولامدۇ،ئادرىسلار تۇپلىمىدىكى تۇرلاردىن چۇشەرسەكچۇ،بىز ئۇچۇر يازغاندا نور بەلگىسىنى ئالدى ئارقىغا يۇتكەشكە بۇلمايدۇ ،خاتا يىزىلغان خەتلەرنى دەل ئورنىدىن ئۇچۇرۇش ئۈچۈن ئالدىدىكى خەتلەرنى ئۇچۇرۇشكە تۇغرا كىلىۋاتىدۇ

    1. ئامال بار ئىشەنچىلىك تور بەتلەردىن چۈشۈرسىڭىز ياخشىراق. مىنىڭچە بولغاندا ھەر قانداق ئۈسكۈنىنى ۋىرۇستىن ساقلايدىغان ئەڭ مۈستەسھكەم تام، يەنىلا شۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئىشلەتكۈچىسى. شەخسەن مەن ئالدىنقى بىر يازمامدا ئوتۇرغا قويغانداق يېقىنقى 10 يىللاردىن بىرى مەن ئىشلىتىۋاتقان ھىچقانداق ئۈسكۈنىگە ۋىرۇسخۇر قاچىلاپ باقىمىدىم. لىكىن ۋىرۇسلىنىپ باقمىدى. ئادەتتە داۋاملىق دىگىدەك توردا مەشغۇلات قىلىمەن. ئەمما بىخەتەر مېڭىۋاتىدۇ.
      ئۇچۇر يازغاندىكى نۇر بەلگىنى يۆتكىگىلى بولماسلىق مەسىلىسىدە «Uyghur Keyboard» نى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزىۋاتقاندىكى مەسىلىنى دىمەكچىمۇ ياكى قايسى خىل ھالەتنى دىمەكچى؟

  5. مىنىڭ تىلفۇنۇم نوكىيا 1020 منىڭ تىلفۇنۇمدا تارتىغان سۇرەتلەر ئۇنداق سۇزۇك ئەمەس ,ئەجبا تىلفۇينۇم ساقتىمىدۇ؟مەن توردىن ئالغان شاڭگاڭ نۇسخىسى ،يېقىندا نەشىرنى كۆتىرۋالغان ئىدىم ،توردا تەكشۇرسەم ھەقىقى مال دەپ چىقتى بولمىسا ،سۇرەت سۇپتى 8مىليۇن پىكسىللىق سەنشىڭ تىلفۇندا تارتىلغان سۇرەتكە يەتمەيدۇ!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ