Windows Phone غا ئۇيغۇرچە لوغەت ياساش ئۈچۈن، دوستلارنىڭ لوغەتكە كىرەكلىك سۆز ئامبىرى تەمىنلىشىڭلارنى ئۆمد قىلىمەن. ئامال بار ھەقسىز ياكى نەشىر ھوقۇقىغا تاقاشمايدىغان بولسا ياخشى بولاتتى.
قىنى كۆپچىلىك بۇ چاقىرىققا بىر ئاۋاز قوشۇپ بېقىڭلار. ئالدىنقى قىتىم يوللىغان كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى ھەققىدىكى يازمىمىزمۇ ئاساسەن جاۋاپسىز قالدى. لىكىن بۇ چاقىرىقنىڭمۇ ئۇنداق بولۇپ قالماسلىقىنى ئۆمد قىلىمەن.
ئەلۋەتتە نۆۋەتتە تۈزۈلمەكچى بولغان لوغەتكە ھەقسىز سۆز ئامبىرى ئىشلىتىلسە، لوغەتمۇ ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. شۇڭا قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ چىقارغايسىلەر.
25 thoughts on “WP غا لوغەت ياسامدۇق”
بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ بولسا مۇشۇ لوغەتكە ئەرەپچىمۇ قۇشۇلسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ،بۇتېمىنى باشقا مۇنبەردە مەنبەنى ئەسكەرتىپ يوللاپ قويسام بۇلامدۇ.
بولىدۇ.
مەندە بىر نەچچە لۇغەتلەرنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بار، لۇغەت ياسايدىغان ئىش بولسا تەمىنلەپ بېرەي[email protected]
بولىدۇ. شۇنداق بولسا بەكمۇ مىننەتدار بولغانبولاتتىم.
E-mail:[email protected]
مەندە ئاز بولسىمۇ 3 تىللىق 7000 دىن ئارتۇق سۆزلۈك بار…
بولىدۇ ئەۋەتسىڭىز بەزى سىناقلارنى قىلىپ باقايلى.
E-mail:[email protected]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئابلىكىم ئاكا ، لوغەت ياسايدىغان ئىشنى ئويلۇشۇپ بەك ياخشى قىپسىز . سىزدىن سوراپ باقسام لوغەتنىڭ ھەقسىز تارقىتىلغان نۇسخىسى بولسىمۇ بۇلامدۇ….
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بولىدۇ.
ئابلىكىم ئاكا ، بىلكاننىڭ كۆپ تىللىق لوغىتىنىڭ كېڭەيتىلمە نامىنى zip غا ئۆزگەرىتسەك ئاشۇ ئەپنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن . سىزدىن سوراپ باقسام شۇ ئۇسۇل ئارقىلىق للغەت ئامبىرىنى تېپىپ چىقىشقا بولامدۇ ، مەن ئىزدەپ باقتىم . لىكىن سۆزلۈك ئامبىرىنىڭ كېڭەيتىمە نامىنى ئۇقمىغاچقا ……. شۇڭا ماڭا كېڭەيتىمە نامىنى دەپ بەسىڭىز مەن ئاختۇرۇپ سىزگە يوللاپ بەرسەم….
ئادەتتە ساندان ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنى خالىغان شەكىلدە بەلگىلەپ يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. چۈنكى لوغەت ياسىغۇچىلار سان ئامبىرىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستىلەرنى قوللىنىدۇ. ھەم يەنە بىر مەسىلە: ھازىر بىر ياسىماقچى بولغان لوغەتنىڭ سۆز ئامبىرىغا ئامال بار نەشىر چوقۇقىغا تاقاشمايدىغان سۆز ئامبىرى بولسا شۇنى ئىشلەتسەك.
、ئابلىكىم ئاكا ، مەن سۆزلۈك ئامبىرىنى تاپتىم ، سىز بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلەلمىدىم ، شۇڭا مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بوپتىكەن . ئېلخەت ئادىرىسىم : [email protected] مۇڭداشقۇ : 1780468264
قوللايمىز ، قوللايمىز ، سۆزلۈك ئامبىرىغا توردا تارقىلىۋاتقان سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلەتسەك بولماسمۇ ؟ئالىپتا بىرەيلەن سۆزلۈك ئامبىرى قاتقىلى بولىدىغان لۇغەتنى 超级英语词典نى تەۋىسىيە قىپتىكەن ھەم zipشەكلىدىكى لۇغەت ئامبىرىنىمۇ ھەم بەھىرلەپ قويۇپتىكەن .http://alip.biz/thread-21521-1-1.html
مۇشۇنى ئىشلەتسەك بولماسمۇ ؟ ياكى بولمىسا ئالىم مۇئەللىم بىلەن ئالاقە قىلىپ باقىدىغان ئىشمىكى.
ياسسايلى .مەن لۇغەت ئامبار قىسمىغا مەسئول بولاي .لۇغەت ئامبار قىسمىغا مەسئول بولاي ياسسايلى. http://www.handiyar.cn QQ:736969230
قانداق سۆزلۇك ئامبار كىرەك ، مەندە يىتەرلىك بار
نەشىر ھوقۇقىغا تاقاشمايدىغانلا بولسا قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. مۇمكىن بولسا ھازىرچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە ئۈچ تىللىق قوش يۈنۈلۈشلۈك لوغەت تۈزسەك بىر ئاز قوللىنىشچان بولىشى مۇمكىن.
سۆزلۈك ئامبىرى بىلەن تەمىنلىيەلىسىڭىز مەن بىلەنمۇ ئالاقىلاشسىڭىز. مۇشۇ تىل ئۆگىندىغان ئىشلارنىڭ راۋان بولىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم. ئەما ئوكيانۇس ياكى ئۇيغۇر سوفىتنىڭكىدەك مۇكەممەل سۆزلۈك ئامبىرى تاپماق قىيىنكەن.
ئەرەپچە ئۇيغۇرچىنىمۇ ئويلۇشۇپ باققان بولساڭلا
ئەرەپچە ئۇيغۇرچىنىمۇ ئويلۇشۇپ باققان بولساڭلا
ئاللاھ قولىڭلارغا دەت بەرمىسۇن
لۇغەتنى قانداق شەكىلدە ئەۋەتىمەن؟
[email protected] غا ئەۋەتسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مۇشۇ يازغان ئەپنى ئەپ دۇكىنىغا چىقىرىش توغۇرلۇق بىر يازما يازغان بولسىڭىز بەكمۇ ياخشى بولغان بولاتتى…
مەن س شارىپنى يىڭىدىن ئۈگۈنىۋاتقان، شۇڭا ۋىندوۋسفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ يىزىپ باققان ئىدىم…
مۇمكىن بولسا ئەپ دۇكىنىغا يوللاپ قوياي دىگەن ئىدىم…
يەنە تىخى مەن تەرجىمە قىلغان چ چ مۇ بار ئىدى…
تېمىلىرىم بۇ بەتتە http://alip.biz/home.php?mod=space&uid=9987
لوغەت قاچانراق پۈتە. قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن ئەزىمەتلەر.
ئالدىنقى قىتىم بىر دوستىمىز لوغەتنىڭ سۆز ئامبىرىنى تەمىنلىمەكچى بولغان. لىكىن جىمىپ كەتتى. شۇڭا سۆز ئامبىرى تەمىنلىيەلەيدىغانلار بولسا تەمىنلىسەڭلار.
lugat barmidu hanzuqa uygurqa daydigan 。
پىروگىرامما لاھىلەشنى ئۈگەنگۈم بار ئىدى،پۇللۇق بولسىمۇ.يارىدەم قىلساڭلا.