Windows Phone

WP8 دىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى

بۈگۈن WP8 دە ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىپ سىناپ باققانتىم. سىناق نەتىجىسىدىن قارىغاندا WP8 نىڭ ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوللىشى WP7/7.5 لەرگە قارىغاندا كۆپ ياخشىكەن.

ھەم خەتلەرنىڭ ئۇلىنىشى ھەم چىكىتلەرنىڭ ئورنىنىمۇ نورمال كۆرۈنىدىكەن. قارىغاندا بىزگە Windows Phone دەۋرىمۇ كىلىپ قالغان ئوخشايدۇ.

تۆۋەندىكىسى سىناقتىن كۆرۈنۈشلەر:

1 2

13 thoughts on “WP8 دىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشى

  1. ۋاھ قارىغاندا نىشاننى ۋپ 8 گە قاراتساق بولامدۇ نىمە ، سىزدىن سوراپ باقسام ۋىندوسفون 7.5 تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولامدۇ . توردىن بۇنىڭغا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى كۆدۈم ، ۋىندوسفون 7.5 تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولغان بىلەن ئەپ قاچىلاش سانىغا چەك قويولغان ئىكەن . پەقەت 10 دانە ئەپنى چەكسىز ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن . سىزنىڭچە چەكسىز ئەپ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرى بامۇ؟ يەنە بىر سوئالىم ۋىندوسفون 8 نىڭ مىتىرو يۈزىنىچۇ ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولامدىكەن . ؟؟؟؟؟

    1. مەن ئىلگىرى WP7/7.5 لەنى يېشىپ ئىشلىتىپ باققان، لىكىن ئۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانتىم. لېكىن يېقىندىن بىرى تۈرمىدىن قاچۈرۈش ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ باقمىدىم.
      ئادەتتە WP8 نىڭ ئارا يۈزىمۇ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىگەن.

  2. ئۇنداق بولسا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز . زادى بۇ يانفۇنلارنى قانداق يېشىدۇ.

  3. قارىغاندا تور كۆرگۈچ كومپۇتېرىدكى تور كۆرگۈچكە ئوخشاش ئىختىدارغا ئىگە ئوخشايدۇ..ئىئوت ھۆجىتىنى ئۇقۇپ بەرسە كېرەك..

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم samsung i917ئىدى، سىستىما نەشىرى 7.8لىكىن توربەتتىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۈستىدىكىدەك نورمال ئەمەس، تىلفۇننى تۇرمىدىن قاچۇرۇپ خەت نۇسخلىرىنى ئالماشتۇرۇپمۇ باقتىم، لىكىن تىلفۇننىڭ ئىچىدىكى قايسى خەت نۇسىخىسىنى ئۆزگەرىتسەم بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلاممىدىم، خالىغانچە بىرقانچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپلا قاپلىساممۇ يەنىلا ئۆزگەرمىدى، يول كۆرسەتكەن بولىسىڭىز.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياكى خەت نۇسخىلىرىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلا.

  6. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئابلىكىم تاغا ، مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم بولسا نوكىيا 520 ئىدى ، گەرچە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنسىمۇ ئانچە ۋىرايلىق ئەمەس ، خەتلەر بىر خىل مايماق چىقىدۇ . بۇنى ئوڭشاشقا بىر ئامال بارمىدۇ ؟

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ھازىرچە Windows Phone نىڭ قوللايدىغان خەت شەكلى شۇنداقراق. ھازىرقى نۇسخىسىدا ئايرىم خەت شەكلى قاچىلاشنى قوللاپ كەتمەيدىگەن. لىكىن APP تۈزۈش جەريانىدا ئۆزىمىزنىڭ پروگراممىسىدا خالىغان خەت شەكلىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە ھەم پروگراممىغا قوشۇشقا بولىدۇ. بەلكىم كېيىنكى نۇسخىسىلىرىدا سىستېمىغا خەت شەكلى قۇشۇشنى قوللاپ قىلىشى مۇمكىن.

  7. ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئابلىكىم ئاكا ، مەن ۋىندوۋس يانفۇنىنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزاق بۇلۇپ قالدى ، ئويلاپ باقسام ھازىرغىچە باشقىلار ياسىغان يۇمتتاللارنى ئىشلىتىپ كەپتىمەن ، بىراق ئۆزەم بىرەر قېتىممۇ ئەپ تۇزۇپ باقمامپتىمەن ، شۇڭا يۇزۇم سەل قىزىرىپ قالدى ، مۇمكىن بولسا ماڭا ئەپ تۈزۈشنى ئۆگۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن . ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ كۆپرەك مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن مەنمۇ كۈچ قوشسام…..

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم ئەپەندىم،مەن ئىشلىتىۋاتقان تىلىفۇن نوكىيا 925،بۇ تىلفۇنغا ۋىروسخور چۇشەرسەك بولامدۇ؟قاندېغىنى چۇشەرسەك ئەڭ ياخشى

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تېلېفۇنىڭىزدىكى app لەرنى پەقەت store دىنلا چۈشۈرگەن بولسىڭىز، ۋېرۇسخۇر قاچىلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە مىكروسوفتنىڭ تەكشۈرۈشى خىلى قاتتىق. ئادەتتە store غا يامان غەرەزلىك قولانمىلار يوللانسىمۇ تەستىقلانمايدۇ. ئۇنىڭدىكى app لەرنى خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ