Windows Phone

WP8 دىكى يەنە بىر يېڭىلىق

ئادەتتە WP7/7.5/7.8 قاتارلىق سىستمىلاردا كومپيۇتېردىن ھۆججەت كۆچۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم Zune نىنى قوزغىتىپ تۇرۇپ ئاندىن رەسىم ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا بولاتتى. لېكىن WP8 دە بۇ جەھەتتە ئۆزگىرىش بوپتۇ.

قانداق ئۆزگىرىش دىگەندە، WP8 سىستېمىلىق تېلېفۇنلارغا كومپيۇتېرغا چېتىپلا باشقا يۇمشاق دېتال قاچىلىماي تۇرۇپمۇ  تېلېفۇن بىلەن كومپيۇتېر ئوتتۇرسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدىگەن. بۇ يىرى بەك قولايلىق بوپتۇ. ناخشا-مۇزىكا ياكى رەسىملەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ياكى باشقا ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈش ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كوپ ئاددىيلىشىپتۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا تېلېفۇننى بارماق دىسكىنىڭ ئورنىدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىگەن.

تۆۋەندىدىكى رەسىمگە قاراڭ:

1 2 3

يۇقۇردىكىسى Nokia Lumia 920T  تىپلىق يانفۇننىڭ كومپيۇتېرغا ئۇلانغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى. كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى بولسا Windows 8 Pro.

5 thoughts on “WP8 دىكى يەنە بىر يېڭىلىق

  1. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ . بۇنى پەقەت ۋىندوس 8 دىلا مۇشۇنداق قىلغىلى بولامدىكەن، ۋىندوس 7 ياكى xp لاردىمۇ بولامدىكەن .؟ سىزنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىڭىزنى تۆت كۆزىم بىلەن ساقلاۋاتىمەن ، قاچانمۇ چىقار ؟

  2. مەن920ئىشلىتىۋاتىمەن،بولسا بىر توپ قۇرۇلسا ،wpسېستىما ئىشلىتىۋاتقانلار بىر يەرگە كىلىپ سېستىما توغرىسىدا پىكىرلەشسەك،ئوبدان دېتاللار ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە پىكىرلەشسەك ھەممىمىزگە پايدىلىقمىكىن دەيمەن.سېستىما ۋە دېتاللاردا كامچىلىك بەك جىق.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ