Windows Phoneكۆچمە ئۈسكۈنىلەر

Nokia Lumia 920 تېلېفۇنى ھەققىدە

Nokia Lumia 920 ۋە Nokia Lumia 920T تىپلىق تېلېفۇنلار بولسا Nokia شىركىتى بازارغا سالغان Windows Phone 8 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان ئەڭ ئىلغار تىپتىكى  يانفۇنلاردۇر.

13468552550497723_500

گەرچە بۇ تىپتىكى يانفۇنلارNokia Lumia 900 نىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى بولغان بىلەن Nokia Lumia 900 قارىغاندا قاتتىق دېتال ھەم يۇمشاق دېتالىغا كۆپ ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن.

Nokia Lumia 920 گە Microsoft نىڭ ئەڭ يېڭى كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى Windows Phone 8 قاچىلانغان. ئۇيغۇرچىىنىمۇ ياخشى قوللايدۇ.

ئەڭ رۇشەن ئالاھىدىكلىرىدىن بىرى: قش كۈنى قولىڭىزدا پەلەي بولسىمۇ تېلېفۇن ئىشلىتىشتىن قىينالمايسىز، ئادەتتە پەلەي كىيىپ تۇرۇپمۇ بىمالال مەشغۇلات قىلالايسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىمسىز زەرەتلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان (بۇ خىل ئىقتىدار ھازىې يېڭىدىن بازارغا چىققان تىپتىكى قىسمەن تېلېفۇنلاردىمۇ بار).

تۆۋەندە بۇ تىپتىكى تېلېفۇننىڭ ئاساسلىق سەپلىمىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا Qualcomm نىڭ Snapdragon S4 قوش يادىرولۇق  1.5GHz لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن.

ئىكران ئىنىقلىق دەرىجىسى:  24 بىت  1280*768 پىكسىل.

ئاساسىي كامىرا:   8.7

قوشۇمچە كامىرا: 1.2

ئىچكى ساقلىغۇچ: 1G

ساقلاش كارتىسى: 32G

Nokia Lumia 920 نىڭ تور قوللاش دائىرىسى:

GSM 850
GSM 900
GSM 1800
GSM 1900
WCDMA Band V (850)
WCDMA Band VIII (900)
WCDMA Band IV (1700/2100)
WCDMA Band II (1900)
WCDMA Band I (2100)

Nokia Lumia 920T نىڭ تور قوللاش دائىرىسى:

GSM 850
GSM 900
GSM 1800
GSM 1900
TD-SCDMA 1880-1920
TD-SCDMA 2010-2025

بۇ تۈردىكى تېلېفۇنلارنىڭ سەپلىمىسىگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز.

http://www.nokia.com/cn-zh/products/phone/920/specifications/

 مەيلى Nokia Lumia 900 بولسۇن ياكى Nokia Lumia 920T بولسۇن ھەر ئىككىلىسى Windows Phone 8 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ ئىچىدە سەپلىمىسى ۋە ئىقتىدارى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېېفۇنلار بولغاچقا باھاسىمۇ سەك يۇقۇرىراق ئىكەن.

ھازىرقى بازار يىتەكچى باھاسى 4599يۈەن.

Nokia Lumia 900 بولسا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلات تورىنى قوللايدۇ. Nokia Lumia 920T بولسا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلات تورىنى قوللايدۇ.

 

8 thoughts on “Nokia Lumia 920 تېلېفۇنى ھەققىدە

  1. ھەممە يېرى بولىدۇ ،مۇشۇ توكى توشىمايدۇ دىسە،ئەقلىفونلار بەك توك يەيدىكەن،باتارىيىنىڭ ئىشىنى كىم ھەل قىلسا بېل گەيتستىنمۇ باي بوپ كىتىدۇ.

  2. مەندە nokia lomiaa900 بار ئېدې بۇ تىلفۇننىڭ سىستىمىسې win7 .8 ئىكەن win8 قىلغىلى بۇلامدۇ بولسا ياردم قىلسىڭىز چېچې 254825524

    1. Nokia Lumia 900 نىڭ سىستېمىسىنى Windows Phone 8 گە يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قاتتىق دېتالى Windows Phone 8 نى قوللىمايدۇ. Windows Phone 7/7.5/7.8 قاتارلىقلارغا Windows CE نىڭ نىگىزى ئىشلىتىلگەن. لىكىن Windows Phone 8 بولسا Windows NT ئاساسىدا ئىشلەنگەن. بۇلارنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

  3. ئابلىكىم ئەپەندىم ياخشىمۇسىز مەن نوكيا 920 يانفۇنى ئىشلىتىۋاتقان بۇ يانفۇنغا يۇپەن چاتسا تۇنامدۇ بۇھەقتە بىلىدىغىنىڭىز نى ئايمىغان بولسىڭىز .رەخمەت

    1. ياخشىمۇ سىز. بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققانلار خىلى بار ئىكەن. لىكىن ھىچقايسىسى ئۇتۇقلۇق بولماپتۇ.
      مىنىڭچە بولغاندىمۇ بۇنداق مۇمكىنچىلىك چوڭ ئەمەس، ھىچ بولمىغاندا WP نىڭ ھازىرقى نۇسخىسىدا شۇنداق.
      ئۇنىڭدىن باشقا Microsoft مۇ ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ WP غا قارىتا ھەرقانداق ئۆزگەرتىشنى قەتئىي قوللىمايۋاتىدۇ. ناۋادا ئۇنداق بولمىغاندا مەخسۇس سىم بىلەن ئۇلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ يەنە مەخسۇس قوللانما ئارقىلىق بارماق دىېكىسىنى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى تۇغۇلاتتى.

  4. 1404050609 bu mining qq numrum man azaldin nokia la ixlitimqn atirapim,dikila hazir mining ixlat kinim ni korup koplap wp tilpun ixlitiwatidu

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ