http://ablikim.com/blog/?p=224
يۇقۇرىدىكى يازمىدىكى WP مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ بولسا، ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاشنى ئاساس قىلغان قوللانما بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ WP مەشخۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلاردا ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ.
تۆۋەندg بىز بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.
قولانما قوزغىتىلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە قوزغىلىدۇ.
ئاندىن كىيىن سىرىق رەڭدە بويالغان كاتەكچىنى تاللىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك ھالەتكە كىلىدۇ.
ئاندىن يوللىماقچى بولغان ئۇچۇر مەزمۇنىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سىرىق رەڭدە بويالغان كونوپكىنى باسساق بولىدۇ.
ئاىدىن كىيىن تېلېفۇن دەپتىرىنىڭ تىزىملىكىدىن ئۇچۇر ئەۋەتمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئىسمىنى تاللىساق بولىدۇ.
ناۋادا قارشى تەرەپنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىۋاستە كىرگۈمەكچى بولساق بىۋاستىلا تېلېفۇنىمىزنىڭ قايتىش كونكپكىسىنى باسساق بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا Windows Phone نىڭ ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكىدە يوللىماقچى بولغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ. ئاخىردا يوللاش كونوپكىسىنى باسساقلا ئىش تامام.
ناۋادا يۇقۇردىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى چۈشىنەلمىگەن دوستلار بولسا ئۇچۇر قالدۇرساڭلار بولىدۇ.
4 thoughts on “WP گە ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىش”
wp7.8لىك يانفونغا قاچىلىدىم، لېكىن خەتنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن كەينىگە قايتۇرسام خەتلەر سولدىن ئوڭغا تىزىلغان ئايرىم ھەرپلەر چىقىۋالدى، قارىغاندا wp8دىلا ئىشلەمدۇ نېمە؟ يانفوندا ئادەتتە ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولاتتى بولمىسا.
يەنە بىرسى ئەگەر كۆچۈرۈش، چاپلاش ئىقتىدار قوشۇلغان بولسا ياخشى بولاركەن. بۇنداقتا ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرگە چىقىپ، ئىنكاس يازغىلى بولاتتى.
WP8 دە ھەرقانداق ۋاقىتتا نورمال كۆرۈنىدىگەن. لىكىن تۆۋەن نەشىرلىرىدە ئۇچۇر يېزىپ بولۇپ كەينىگە قايتۇرغان ۋاقىتتا ھەرىپلەر تەتۈر كۆرۈنۈپ قالىدىگەن. لىكىن ئۇچۇر يوللىنىپ بولغاندا يەنە نورماللىشىدۇ.
كۆچۈرۈش ۋە باشقا بىر بۆلۈك ئىقتىدارلىرىمۇ كېيىنكى نۇسخىسىدا چوقۇم قوشۇلىدۇ.
ئىلگىرى بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچ ھەققىدە تېما يوللىسام ئىنكاسنىڭ تايىنى يوقلا قالغانتى، قارىغاندا ئارىمىزدا WP ئىشلەتكۈچىلىرى بەكلا ئاز ئوخشايدۇ دەپ قاراپ بۇنى پەقەت سىناق تەرىقىسىدە تارقاتقان. لىكىن تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسلار يامان ئەمەن بولىۋاتىدۇ. شۇڭا قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يېڭى نۇسخىسىمۇ تارقىتىلىدۇ.
ھېلىمۇ ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. wpيانفون ئىشلىتىدىغانلار ئەمدى كۆپىيىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ wp8بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن. شەخسەن مەن ۋە بىر قانچە دوستلىرىمغا ۋىندوۋس سېستىمىدىن باشقىسى يارىمايدۇ. داۋاملىق ياخشى ئەپلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز، قوللاپ تۇرىمىز، ۋاقتى كەلسە ئېسىلراق دېتاللارنى ھەقلىق قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مۇنۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە بېرىدىغان تەكلىپىم، بىرسى كۆچۈرۈش/چاپلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا، يەنە بىرسى shiftكونۇپكىسىنى بېسىپ، لازىملىق ھەرپنى چىقىرىۋالغاندىن كىيىن، ئاپتوماتىك ئەسلىگە قايتسا. بولمىسا كەينىگە قايتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بېسىشقا توغرا كېلىدىكەن. ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇنچىلىك.
قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. يەنە ياخشى تەكلپ-پىكىرلەر بولسائايىمىغايسز.
ئىلگىرى بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچ ھەققىدە تېما يوللىسام ئىنكاسنىڭ تايىنى يوقلا قالغانتى، قارىغاندا ئارىمىزدا WP ئىشلەتكۈچىلىرى بەكلا ئاز ئوخشايدۇ دەپ قاراپ بۇنى پەقەت سىناق تەرىقىسىدە تارقاتقان. لىكىن تارقىتىلغاندىن كېيىنكى ئىنكاسلار يامان ئەمەن بولىۋاتىدۇ. شۇڭا قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يېڭى نۇسخىسىمۇ تارقىتىلىدۇ.