Windows Phoneكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

WP ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى

WP ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ  بۈگۈن يېڭىلاندى.

WP ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن بۇيان  دۆلەت ئىچىم ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم دوستلارنىڭ  تەكلىپ پىكىرلىرىگە  ئاساسەن بىر قىسىم يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى ۋە قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

يېڭىدىن قۇشۇلغان تەرەپلەر:

1. كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى. مەزمۇن يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن WP نىڭ باشقا قوللانمىلىرىغا كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ.

2. ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

3. ئېلخەت يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

 

ئۆزگەرتىلگەن تەرەپلەر:

1. كونوپكا تاختىسىنىڭ  shift بىسىلغاندىن كېيىنكى ھەرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى قىسمەن ئۆزگەرتىلىپ ھەرىپلەرنىڭ ئورنى كومپيۇتېرنىڭ كونوپكا تاختىسى بىلەن بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

2. سىنبەلگە (icon) سى ئۆزگەرتىلدى.

3. WP نىڭ 7.0 نەشىرىنى قوللاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. WP 7.1 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرلىرىنى نورمال قوللايدۇ.

 

تۆۋەندىكىسى يېڭى نۇسخىسىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى

1 2 3

 

6 thoughts on “WP ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى

  1. ياخشى چىقىپتۇ قوللايمىز، ئايكونسىدىكى ‹ئۇ› نى ئاق رەڭگە ئۆزگەرتىپ قەلەمنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىۋېتىپ Uyghur Keyboard نىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى ئارلىقنى تەڭشىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ئاددىي ،چىرايلىق چىقاتتىكەن ، (ئەگەرچوقۇم قەلەمنىڭ سۈرىتىنى ئېلىش زۆرۈر بولسا سىزما ھالىتىنى ئاق رەڭدە ئېلىش كېرەك) خالىسىڭىز مەن قىلىپ يوللاپ بېرەي.

  2. بولىدۇ، يوللاپ بىرىڭ. لىكىن Uyghur Keyboard دىگەن خەتنى سىستېما ئاپتۇماتىك قوشىدۇ. شۇڭا ئاخىردىن قالىدىغان بوشلۇق خەتنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىنىگەن. ئۇنى قولدا تەڭشىگىلى بولمايدۇ. لىكىن باشقا تەرەپلەردىن سىنبەلگىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرساق ئەلبەتتە بولىدۇ.
    لايىھەلەشكە تىگشلىك يەنە بىر پارچە رەسىممۇ بار. يەنى: دەسلەپتە قوزغىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى رەسىم. بۇ ھەقتە دوستلارنىڭ ياخشى لايىھەلىرى بولسا ئورتاقلاشساق.

  3. سۈرئەت بەكلا تېزغۇ…بۇ ياقتىن تەكلىپ بەرگۈچە ئۇياقتىن يوللاپ بوپسىلە…بەك بەلەن بوپتۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ