Windows Phoneكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

WP ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ 2.0 نۇسخىسى تارقىتىلدى

WP ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ 2.0 نۇسخىسى  بۈگۈن رەسمىيي تارقىتىلدى.

يېڭىدىن قۇشۇلغان تەرەپلەر:

1. كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى. مەزمۇن يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن WP نىڭ باشقا قوللانمىلىرىغا كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ.

2. ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

3. ئېلخەت يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

4. Shift بىسىلغان ھالەتتە كونوپكا بىسىلغاندىن كېيىن ئاپتۇماتىك ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.

 

ئۆزگەرتىلگەن تەرەپلەر:

1. كونوپكا تاختىسىنىڭ  shift بىسىلغاندىن كېيىنكى ھەرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى قىسمەن ئۆزگەرتىلىپ ھەرىپلەرنىڭ ئورنى كومپيۇتېرنىڭ كونوپكا تاختىسى بىلەن بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

2. سىنبەلگە (icon) سى ئۆزگەرتىلدى.

3. WP نىڭ 7.0 نەشىرىنى قوللاش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. WP 7.1 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشىرلىرىنى نورمال قوللايدۇ.

 

تۆۋەندىكىسى يېڭى نۇسخىسىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى:

screen1 screen2 screen3

 

چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/s?appid=af54c655-91fc-4e6f-a562-4c5ed208b574

16 thoughts on “WP ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ 2.0 نۇسخىسى تارقىتىلدى

  1. ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بايا يېڭىلىۋالدىم، لازىملىق ئىقتىدارلار تولۇق بولۇپتۇ. ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بەكمۇ ئۇزاقتا تەستىقلىدى لېكىن.
    شۇغىنىسى كونۇپكا تاختىسى ئېغىرلىق سەزگۈچى ئارقىلىق توغرىسىغا ئۆزگەرمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ ياكى مېنىڭ يانفونىمدىكى مەسىلىمۇ؟

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      ئالدىنقى نۇسخىسىدا شۇ خىل ئىقتىدار بار ئىدى. لىكىن يېڭى نۇسخىسىدا ئۇ خىل ئىقتىدارنى ئىلىۋەتكەن ئىدىم.

  2. ماۋۇ نۇسقىسىدا ئۆزگىرىش چوڭ بوپتۇ جۇمۇ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.بولسا تېلفوننى يانتۇ تۇتقاندا كۇنۇپكا تاختىسىمۇ تەڭ ئۆزگىرىدىغان ئىقتىدارىنى ئېلىۋەتمەڭ.يانتۇ تۇتقاندا ئۆزگەر ياكى ئۆزگەرمە دەپ تەڭشەك قوشۇڭ.يەنە بىرسىگە خەت يېزىش رامكىسىدىكى خەتلەرگە خالىغانچە ئىنىقلىما بېرىپ مەلۇم بۆلىكىنى كۆچۈرۋىلىش ياكى ئۆچۈرۋىتىش ئىقتىدارىمۇ قوشۇلسا.مۇشۇ تەرەپلەرنى ئويلىشىپ باقسىڭىز.

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەزكۇر دېتالىڭىزنى چىققاندىن بۇيان ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن! ھەر قېتىمدا ئوبدان ئۆزگىرىشلەر قوشۇلۇپ، ئىقتىدارلىرى بارا-بارا مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ! ئەمدى مۇشۇ WP مۇھىتىدا، ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق تونۇتقىلى بولامۇ؟؟؟؟؟؟ گەرچە بۇ مەسىلە مىكروسوفىتنىڭ ئىشى بولسىمۇ سوراپ باقتىم، دېمەكچى، مۇشۇ دېتالنى قاچىلىغاندا ئۇيغۇرچە فونتنىمۇ بىللە قاچىلىۋېتىش مۇمكىن بولارمۇ؟ باشقا قىسىملاردىمۇ، ئۇيغۇرچە خەتلەر مەزكۇر دېتالدىكىدەك چىرايلىق كۆرۈنسە دەيمەن. ھەجەپ جىق گەپ قىلدىم، كەچۈرۈڭ.

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ياخشى ئەپنى ياساپ ھەقسىز تارقاتقانلىڭىزغا كۆپ رەھمەت! Lumia 920 دە شۇنداق نورمال ئىشلىدى.
    كىچىككىنە تەكلىپ:
    1. ئۇيغۇرچە ھەرپ ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم Shift كونۇپكىسىنى بېسىشىمىز كېرەككەن، بولسا شۇ ھەرپنى بېسىپ تۇرساق چىقىدىغان بولسا (مەسىلەن: ك نى بېسىپ تۇرساق ۆ چىقسا، ى نى بېسىپ تۇرساق خ چىقسا دېمەكچى).
    2. كونۇپكا ئاۋازىنى ئۆچۈرگىلى بولىدىغان بولسا.
    3. بولسا ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنىمۇ قوشۇپ قويغان بولسىڭىز.

    1. كومپۇتېردىمۇ شىفىت كۇنۇپكىسىنى بىسىپ كۆنۈپتۇق..ئاندىرويىد ۋە ئايفوندىكى ھەرىپتاختىلاردىمۇ شىفىت كۇنۇپكىسى بار…شىفىت كۇنۇپكىسىنى ئىلىۋەتسە..سىز دىگەندەك قىلسا..ئەدەم پەقەت كۈنەلمەيدىكە..ھازىرقى شەكلى ئىنتايىن ياخشى دەپ قارىدىم.

  5. بۇ يېڭى نەشىرىدە ئىلگىرىلەش بوپتۇ، كىيىنكى نەشىرلىرىدە تېخمۇ كۆپ يېڭىلىقنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    تەكلىپىم: خەت يېزىش ئورنىنىڭ خالىغان يېرىدىكى خەتنى ئۆزىمىز خالىغانچە كۆچۈرۈشكە ئىمكان بولسا.

  6. كۆپ رەخمەت سىزگە!ئاۋازنىڭ،يانتۇ تۇتۇپ كىرگۈزۈشنىڭ پىكرىنى بېرېپ بوپتۇ.مەنمۇ شۇ پىكىردە.كىرگۈزۈش سۈرئېتىم خېلى ئۆرلەپ قالدى.ئاللاھدىن سالامەتلىك.ئۇتۇق تىلەيمەن!

  7. ئاۋازنى ئۆچۈرۈش ۋە تازىلاش كونوپكىسى قىتىلسا. پات-پات يېڭىلىنىپ تۇرسا.
    قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن خۇدايىم.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن، تارىتقان جاپالىرىڭىزغا رەھمەت ئيېتىمىز، ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن، 7.5تە ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى نورمال كۆرگىلى بولمايدىكەن، بولسا مۇشۇنىڭغا بىر ئامال قىلساق بولاتتى.

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
      سىستېمىنىڭ نەشىرىنى 7.8 گە كۆتۈرسىڭىز ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. WP 7.5 قاچىلانغان ھەر قانداق تېلېفۇننى 7.8 گە كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.

  9. ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم . مەن نوكىيا 620 تىپلىق تېلفۇن ئىشلىتىۋاتقان . بۇ تېلفۇننى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بىرىدىغان ئادەم تاپالمىدىم . مۇمكىن بولسا سىز تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بىرەلەرسىزمۇ ؟ 408617052 چچ

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋالىڭىز …سىز بۇ ئەپنى ياساپ چىقىپ بىزدەك ھەۋەسكارلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدىڭىز…اللا ئەجرىنى بەرسۇن! ئەمدى سىزدىن بىر كىچىككىنە تېخنىكىنى سوراي دىگەن …ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز windwos phone نىڭ پروگراممىسىدا قانداق قىلغاندا فوكۇس textbox قا توغىرلانغاندا سېستىمىنىڭ ئەسلى كىرگۈزگۈچىنى يۇشۇرۇش توغرىسىدا بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز…مەنمۇ بىر يېڭى ئۆگەنگۈچى ئىدىم مۇشۇ مەسلىنى ھەل قىلالماي يۈرگىلى شۇنچە ئۇزاق بولدى…بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز…ئەگەر خالىسىڭىز سىزگە شاگىرىت بولساممۇ مەيلى…ئۆگەنگەن پروگرامما تىلى c#…چ چ:243887103

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگىنى textBox ئەمەس، textBlock ئىشلىتىلگەن. مەنمۇ Windows Phone نىڭ ھازىرقى SDK لىرىدە textBox نىڭ ئۇ خىل ئىقتىدارىنى بايقىمىدىم. بەلكىم كېيىنكى نۇسخىلىرىدا ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن.
      باشقا مەسىلىلەر بولسا قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىشىنى خالايمەن.

  11. مەن بۇنىڭ بىلەن بەك ھەپىلىشپ كەتتىم ياكى بولمىسا سىز بۇنىڭغا بىر مۇۋاپىق پىكىر يولى دەپ بەرگەن بولسىڭىز بۇ خىل ئىقتىدارغا بەكلا مۇھتاجمەن!!!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ