Windows Phoneئۇنىۋېرساليۇمشاق دېتاللار

يېزىق كىرگۈزگۈچ ھەققىدىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار

WP مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزۈش قورالىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن ھازىرغىچە چۈشۈرۈلۈش قىتىم سانى كۈندىن-كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ. ھەمدە  بۇ قوللانمىنىڭ  بۈگۈنگىچە بولغان ئىشلەتكۈچىلىرى دۇنيادىكى   34  دۆلەت ۋە رايۇنغا   تارقىلىپتۇ. شۇڭا بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشنى توغرا تاپتىم.

تۆۋەندىكىسى بۇ قوللانما تارقالغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكى:

1

 

تۆۋەندىكىسى بولسا ئەك كۆپ چۈشۈرۈلگەن 10 دۆلەتنىڭ تىزىملىكى:

2

 

سىز يۇقۇردىكى سان-سىفىرلاردىن نىمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز؟ (مىنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم بۇ قوللانمىنىڭ قانچە دۆلەتكە تارقالغىنى ئەمەس جۇمۇ؟ شۇڭا نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۆمىد قىلىمەن.)

7 thoughts on “يېزىق كىرگۈزگۈچ ھەققىدىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار

  1. دىمەك ھەرقايسى رايون ۋەدۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ,ئىشلتىۋاتىپتۇ.بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.ئاللا خالىسا wp8ساھەسىدىمۇ مول نەتىجىلەر قولغا كىلىدۇ.چۈشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆرگىلى بولماسمۇ؟

  2. ئابلىكىم ئەپەندىم يازمىڭىزدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى . ئەپلىرىڭىز ياخشى بىر باشلىنىقا مۇيەسسەر بوپتۇ . مۇمكىن بولسا ئالاھىدىلىكىڭىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ ، يەنە ياخشى ئەپلەر بولسا ياساپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزغا بىر سۇنغان بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى . مەيلىتى ھەقلىق قىلسىڭىزمۇ ؟

    1. بۇ جەھەتتە مەنمۇ قولۇمدىن كىلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن.

  3. مەنمۇ بايىلا چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، تېلېفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە يېزىقنى كۆرۈپ شۇنداق شادلاندىم. بولسا بۇ كىرگۈزگۈچنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسىڭىز. مەسىلەن 搜狗 كىرگۈزگۈچىگە ئوخشاش ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە يېزىقنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولسا، بىز ئۇنى سىستېما كىرگۈزگۈچى ئورنىدا ئىشلەتسەك تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى. يەنە بىرسى، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تەرجىمە قىلىدىغان ئەپ بولسا، شۇنى مۇ يوللاپ قويسىڭىز. بىز كۆپرەك ئېھتىياجلىق بولىدىكەنمىز، ئاندىروئىد تېلېفۇنلىرىدا شۇنداق ئەپ بار ئىدى.

  4. ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ئىزدەپ يۈرەتتىم، ئەجەپ ياخشى بىلوگنى قورۇپسىز، داۋاملىق ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەنئ1

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ