Windows 8Windows Phoneئۇنىۋېرسالكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

سىزنىڭچە كۆپچىلىك قانداق قوللانمىلارغا ئىھتىياجلىق؟

سىزنىڭچە كۆپچىلىك Windows Phone ھەم Windows مۇھىتىدىكى  قانداق يۇمشاق دېتاللارغا ئىھتىياجلىق؟ بۇ ھەقتە دوستلار بىلەن پىكىرلىشىپ باقساق دىگەن ئۆمىدتىمەن.

ئالدى  بىلەن بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەت: مەيلى مەن بولاي ياكى باشقىلار بولسۇن كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە زۇرۇر دەپ قارىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ ھەممەيلەن قولىمىزدىن كىلىشىچە كۈچ چىقىرىپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ھەم شۇ ئاساستا تەرەققىي قىلدۇرۇش.

شۇڭا ھەممەيلەن ئۆزىمىز زورۇر دەپ قارىغان يۇمشاق دېتاللار ۋە ئاساسلىق ئىقتىدارى ھەققىدە ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتۇرغا قويۇپ باقساق ھەم شۇ ئاساستا بۇ ئۇچۇرلاردىن ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانساق.

دوستلارنىڭ تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۆمىد قىلىمەن.

16 thoughts on “سىزنىڭچە كۆپچىلىك قانداق قوللانمىلارغا ئىھتىياجلىق؟

  1. مەن 920 نى ئىشلەتكەندىن بېرى , كومپىيوتېرنى ئانچە كۆپ ئاچمايدىغان بولۇپ قالغان , سىملىق تېلۋىزىينى توختىتىۋەتكەنتىم, شۇڭا ئۇيغۇرچە سۈنئي ھەمرا قاناللىرىنى كومپىيوتېردا ئانچە مۇنچە ئېچىپ قاراپ باقىمەن , بولسا مۇشۇ يانفۇن ئۈچۈنمۇ تېلۋوزۇر دىتالى ياسالسا يانفۇندىلا ئۇيغۇرچە قاناللارنى كۆرەلىسەك دىگەن ئۈمۈدتىمەن .ئەگەر ئەپلىشىپ قالسا ھەقلىق قىلىپ تارقاتسىڭىزمۇ قېرىنداشلار چوقۇم سېتىۋالىدۇ.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىمجان . بىشىدا سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ، تېنىڭىزغا سالامەتلىك يار بولسۇن ..
    مۇشۇ سىز لايىھەلەپ چىققان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى مەن بىر قوللۇق ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن ھەقىقەتەن ياخشى يۇمشاق دىتال ، لىكىن بىر ناچار يىرى گ … دىگەندەك ھەرىپلەرنى يازىدىغان ۋاقىتتا سەل قېتىپ قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلدۇ مۇشۇ تەرەپلىرىگە يەنىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ باقسىڭىز ، يانا يىزىپ بولغان خەتنى بىر كونۇپكىنى بىسىش بىلەن تازىلغىلى بولدىغان قىلسىڭىز ،، يەنە بەزەن خەتلەرنى خاتا بىسىپ سىلىپ كېيىن كۆرگەندە چۇقۇم ھەممە خەتنى ئۇچۇرۇپ ئاندىن يازغىلى سالدۇ مۇشۇ تەرەپلىرى ئوڭشالسا ..
    يەنە بىر ئىش ، تېلفۇنىمىزغا ئۇيغۇرچە مۇزىكىلىك قۇڭغۇراقلارنى چۈشۈرۈش دىتالىنى ياساپ چىقىشنى ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز .

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئامالنىڭ بىرىچە تەلەپلەرنى چوقۇم ئورۇنداشقا تىرىشىمەن.

  3. مىنىڭچە ھازىر بۇ ساھەدە بوشلۇق بەك كۆپ ، بۇلۇپمۇ ۋىندوسفون يانغۇنىدا ھەم شۇنداق . سىز ياسىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بىر ياخشى باشلىنىش ، سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن مىنىڭمۇ دەماللىققا كاللامغا بىرەر ئەپ كەلمىدى. بىراق ئۈستىدىكى توردىشىمىز ئوتتۇرغا قۇيغان يانغۇن تېلىزىۋىيىسىمۇ بىر ياخشى تۈر . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە ئەپكە نىسپەتەن مەسىلەن : تەرجىمە قۇرئان ، ئۇيغۇرچە ئىلىكتاپ ئۇقۇش ئەپلىرى . پەلسەپە توپلام ئەپلىرى قاتارلىق بىرقانچە تۈرلەرنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بەك ئاددىكەن دىسىڭىز رەسىملەرگە ئۈنۈم قوشۇش قاتارلىق ئەپلەرنى ياسىسىڭىزمۇ بەك خۇرسەن بولاتتۇق ،چۈنكى ئايفون يانغۇنىدا بىر ئەپ بار ئۈنۈم قوشۇپ سىنغا تارتىش كامىراسى ، ئۇنىڭدا 60-يىللاردىكى رەڭسىز ئۈنۈم ، 80 – يىللاردىكى رەڭلىك ئۈنۈم قاتارلىق ئۈنۈملەر بار .. بەك كۆيىمەن شۇ ئەپكە ، بىراق ھەۋىسىم ۋىندوۋسفون بولغاچ چىشىمنى چىشلەپلە قالغان . ئۇنڭدىن باشقا ھازىر ئاندىرۇيىت ۋە ئايفۇن يانغۇنلىرىدا پاپا دەيدىغان بىر نەرسە ئەۋىج ئىلىپ كەتتى . ئەگەر قۇربىتىڭىز يەتسە مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش رەسىملەرگە ئاۋاز كىرىشتۈرگىلى بولىدىغان ئەپلەر نى ياسىسىڭىزمۇ چۇقۇم ناھايىتى ئاقاتتى . بۇ پەقەت مىنىڭ
    شەخسى قارىشىم ، بەك چوڭ يەردىن چۈشۈۋاپتۇ دەپ كەتمەڭ يەنە ……… ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ھەم مۇشۇ ساھەدە كاتتا باشقا ئايلىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . مەيلى قانداق ئەپ ياساڭ ئۇيغۇر ئەپلىرى ئۈچۈن بولسا بىز مەڭگۈ سىزنى قوللايمىز ~~~!

  4. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بۇ تېمىنى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز ،تورداش ئارماننىڭ پىكرىنى مەنمۇ ئويلىغان،خاتا بېسىپ قالسا ئۆزگەرتىش بەكلا ئاۋارچىلىق بولىدىكەن.مەنچە سېستىم ئۆزىگە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلمىغۇچە بۇ مەسىلە ھەل بولماسمىكىن دەيمەن،ھەل بوپكەتسە تېخى ياخشى. سېستىمغا كەلسەك ئېھتىياجلىق دېتاللار خېلى بار.
    1.پاراڭلاشقان ئاۋازنى ئۈنگە ئالغىلى بولمايدۇ.
    2.ئېكراننى سۆرەتكە تارتقىلى بولىدۇ دىدى ئەمما مەن تاپالمىدىم.
    3.يانفون ھالىتىنى ۋاقتىنى بەلگىلەپ ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىش(ئاۋازلىق ياكى تىترەش ھالىتىگە) ئىقتىدارى يوق،مەن بۇنى سېستىمنىڭ بىخەتەرلىكنى ئويلاپ سېستىمدىن سىرتقى دېتاللارنىڭ سېستىم تەڭشەشلىرىنى ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىشىگە يول قويماسلىقىمىكىن دەپ چۈشەندىم،ئەگەر يول قويسا مۇشۇ ئىقتىدار جىق كىشىلەرگە لازىم بولىدۇ،مەسىلەن ۋاقىتلىرىنى بىرلا قىتىم تەڭشەپ قويسا خىزمەت ياكى دەرس ئوقۇۋاتقاندا تىترەش ھالىتىدە،ئىشتىن دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتتا ئاۋازلىق ھالەتتە،كەچلىكى ئۇخلاش ۋاقتىدا سايرىمايدىغان تىترىمەيدىغان ھالەتكە ئۆتىدىغان بولسا ياخشىتى، كۈندە تەڭشەيمەن دەپ يۈرمەيتتۇق.
    4.تور ئېقىمىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان دېتال يوق.
    5.ئۇيغۇرچە مۇنبەر،مىكرو بىلوگلارنىڭ مەخسۇس دېتالى،توربەتتىن كۆرۈش ئاۋارچىلىق.
    6.ئۇيغۇرچە لوغەت كامچىل،ئەنجۈر سېستىمىسىدا لوغەتلەر خېلىبار،بولسا شۇنىڭ سانداننى ئىشلەتكىلى بولىدىغان wpسېستىمىدا ئىشلەيدىغان لوغەت بولسا ھە!،bingنىڭ لوغىتى ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ،يەنە كىلىپ تور بولمىسا ئىشلىمەيدۇ.
    7.سېستىم سىغىمىنى تەكشۈرىدىغان دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى كىشىنى مەمنۇن قىلالمايدۇ،نەچچە gmبوشلۇق ئىزدىرەكسىز يوق،تازلىسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس.

    يەنە باشقىلىرىنى ئېسىمگە كەلگەندە يوللاي.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

  5. ئەسسالامۇئەلەيكۇم! wp8 قانداقكىن بىلمىدىم، لېكىنwp7.8 سېستىمىلىق يانفوننىڭ پەقەت ieتور كۆرگۈچىدىلا ئۇيغۇرچە توربەت نورمال كۆرۈنىدۇ، لېكىنie سەل قولايسىز، بەزى توربەت قالايمىقان چىقىۋالىدۇ. بولسا ئىقتىدارى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرچە توربەتلەر نورمال كۆرۈنىدىغان، قولايلىقراق تور كۆرگۈچتىن بىرنى ياساپ قويسىڭىز بەكمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى.

    1. بۇنى ئىشلەپ بولغان، ھازىر سىناق باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي تارقىتىلىدۇ.

  6. ئابلىكىمجان ، مەندە نوكىيا 820 بار ئىدى، بۇنىڭغا شۇنداق ئامراق بۇلۇپ قالغان ئىدىم ، ئەمما كاساپەتنىڭ سىگىنالى بەكلا ناچار ، يا مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىدى ، شۇنىڭ سەۋەبىدىنمىدۇ ؟ باشقا تىلغۇنلارنىڭ سىگىنالى ياخشى جايدا تاتالمايدۇ، بىرە ئامالى بارمىدۇ .

    1. كۆچمە خەۋەرلىشىش ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە مەخسۇس ياسىغان نۇسخىلىرىدا بۇ خىل مەسىلە ئورتاق مەۋجۇت ئوخشايدۇ. مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ 920T نۇسخىسى، شۇنىڭدىمۇ بەزى كىچىك مەسىلىلەر مەۋجۇتكەن.

      1. مەندىمۇ مۇشۇ تېلفون . بەزىدە تور ئېچىلماي قالىدۇ ، cmnetبىلەن cmwapنى بىر قانچە قېتىم ئالماشتۇرسام ، ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

  7. ۋىندوۋىس ياكى باشقا سىستىمىدىكى لوغەتلەرنىڭ ساندانىنى ئىشلەتكىلى بولسا ئەرەبچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە لوغەتنى تۈزسىڭىز ھەقلىق سېتىۋالغان بولاتتۇق . ئويلىشىپ باقسىڭىز

  8. مەنمۇ لۇغەت دىتالى ياساپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇرۇن ئىشلەتكەن تېلېفۇنۇمدا بار ئىدى، يەنە بىرسى ، تېلېفۇن بىلەن كومپيۇتېر ئارىسىدا رەسىم، مۇزىكا ۋە كۆرۈنمىدىن باشقا ھۈججەتلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولارمۇ، مەن ھېچ ئەپلەشتۈرەلمىدىم، ئاللا تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.

  9. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكم ئەپەندى.ئەڭ ئاۋال ئائلىڭزگە ئامانلىق،ئشلىرڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن. دىمسمۇ ۋىندوۋىس بىزلەر ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تىل قوشۇلغان win8نى ئشلەپ بەردى.ئەلۋەتتە ئۇستازلىرمىز زور تىرشچانلىق كۆرسەتتى ئەمما بۇئۇيغۇرچە سېستىمنى قەدىرلەش قەدىرلىمەسلىك ھەممىز گە باغلىق.ئالما ئەپ دۇكىندا ئۇيغۇرچە ئەپلەر كۈنسايىن كۆپىىيپ بۈگۈنكى كۈندە بۇ بوشلۇق مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئىرشتى.ئەلۋەتتە سىزمۇ ۋىندوۋىس يانفۇنلىرى ئۈچۈن ئەپ ياساۋاتىسىز.سىزدەك بىر بىلىم ئگىسنىڭ بىز لەر ئۈچۈن ئەپ ياسغىنغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تور بىتىڭزنىڭ يانفۇن نۇسقىسىنى تىزراق تارقىتقپ بىر كۇلۇپ قۇرىشڭزنى ئۇيغۇر ۋىندوۋىس ساھاسىگە كۈچ قوشىشىڭزنى ئۈمۈد قىلمەن.بىز قولمىزدىن كىلشىچە ھەر جەھەتتىن سىزنى قوللايمىز

  10. قېرىنداشلاردىن سوراپ باقسام، ۋىندوۋس تېلېفۇنىنى تېلېۋىزورغا چېتىش ئارقىلىق، كۆرۈنۈشلەرنى تېلېۋىزوردا كۆرگىلى بولارمۇ؟ بىلىدىغان دوستلار بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار. چ چ نۇمۇرۇم 417037652

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ