WindowsWindows 8ئۇنىۋېرساليۇمشاق دېتاللار

سىزچە بولغاندا Windows بەك تۇراقسىزمۇ؟

ئادەتتە %99 كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتېرىغا چوقۇم ۋېرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى  قاچىلانغان بولىشى مۇمكىن. سەۋەبى بەكلا ئاددى: ۋېرۇستىن مۇداپىيەلنىش ئۈچۈن.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى بەك ئاجىز دەپ قارىغانلىقتىن بولغان بولىشى مۇمكىن، ھەتتا شۇ سەۋەپتىن Windows ئىشلىتىشتىن ۋاز كىچىپ Linux  ياكى باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن.  لىكىن بۇلارنىڭ ھىچ قايسىسى كەسپىي ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قارىشى ئەمەس. پەقەت ئىشىكنىڭ يۇچۇقىدىن ئاڭلىۋالغان گەپلەر. ئەمەلىيەتتە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاجىز ئەمەس. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە سىز مەيلى قايسى خىل مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلەتمەڭ ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىي سەۋىيىڭىز ياخشى بولسىلار كومپىيۇتېرىڭىز ئاساسەن ۋېرۇسلانمايدۇ ياكى پەقەتلا ۋېرۇسلانمايدۇ.

سىز ھەرقانچە مۈكەممەل دەپ قارالغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز بىلەن يەنىلا بىخەتەرلىك تەڭشەكلىرىنى ياخشى تەڭشىمىسىڭىز ياكى ئۆزىڭىز بېخەستىلىك قىلسىڭىز كومپيۇتېرىڭىز يەنىلا ۋېرۇسلارنىڭ ياكى چاقىرىلمىغان مېھمانلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

بۇ پەقەت كومپيۇتېرغىلا قارىتىلغان مەسىلە ئەمەس. ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىدا ئەقلي ئىقتىدارلىق تېلېفۇنلار بار. ھەم بۇلارغىمۇ ھەر خىل مەشغۇلات سىستېمىلىرى قاچىلانغان بولىدۇ. ئوخشاشلا ۋاقتى كەلگەندا بۇلارمۇ ۋېرۇستىن قىچىپ قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن، لىكىن سەۋەپ يەنىلا ئىشلەكۈچىنىڭ بېخەستىلىكىدە. سىز مەيلى كومپىيۇتېر، تاختا كومپىيۇتېر ۋەياكى تېلېفۇنىڭىزغا قاچىلانغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ پىرىنسىپىغا پىششىق بولسىڭىز ھىچقانداق ۋېرۇستىن ساقلىقىنىش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ چاقىرىلمىغان مىھمانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنالايسىز. لىكىن بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە كەسپىي سەۋىيە كىرەك بولىدۇ.

شەخسەن مەن كومپىيۇتېر بىلەن ھەپىلىشىۋاتقىلى 10 نەچچە يىل بوپتۇ، دەسلەپكى ئىككى-ئۈچ يىلدا ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرىمغا ۋېرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن باشقا يېقىنقى 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرلار بولسۇن ياكى ھەر قانداق تۈردىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بولسۇن ھىچقايسىسىغا ۋېرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ باقمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كومپىيۇتېرلاردا ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارنى سىنايمەن. ھەم كۈندە نەچچە سائەتلەپ توردىن ماتېرىيال ئىزدەيمەن، لىكىن ھازىرغىچە ۋېرۇسلىنىپ باققىنى يۇق.

win7

يۇقۇردىكى رەسىمگە قاراڭ. بۇ مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بۇنىڭ سىستېمىسى 2011-يىلى 10-ئينىڭ 13-كۈنى قاچىلىنىپتۇ. بۇ كومپيۇتېردىمۇ ھىچقانداق ۋېرۇستىن ساقلىغۇچ يوق، لىكىن مەشغۇلات سىستېمىىنى بىر قاچىلىغانچە ئۇدا ئىشلىۋتقىلى ئىككى يىل بولاي دىگەن بولسىمۇ ۋېرۇسلىنىپ باقمىدى.

ئىشلىتىۋاتنقىنىم Windows 7 Ultimate X64 ئېنگىلىزچە نۇسخىسى.

 

2 thoughts on “سىزچە بولغاندا Windows بەك تۇراقسىزمۇ؟

  1. ۋىن8نىڭ ۋىرۇسخورىنى يېڭىلاپ قويىمەن، شۇنداق ياخشى. باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىغا قارىسام ئەخلەت ۋىرۇسىخورلارنى قاچىلاپ سىستېمىسىنى ۋىرۇسلىۋالغىنىغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ