ئۇنىۋېرسالتور بىلىملىرىسىستېما بېخەتەرلىكى

ۋېرۇستىن مۇداپىيەلىنىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

2013052009350138

ئىنتىرنېت تورى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكىدەك كۈندە كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشىنىڭ بىرسى يەنىلا ۋېروس ۋە قارا مېھمانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىيەلىنىش.

تۆۋەندى بىز ۋېرۇستىن مۇداپىيەلىنىش ھەققىدە ئەڭ دەسلەپكى بېلىملەرنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

1. مەشغۇلات سىستېمىڭىزنىڭ مۇداپىيە تېمىنى چوقۇم ئوچۇق قويۇڭ.

2. بارماق دېسكا ياكى ئوپتىك دېسكا سالغاندا  بىۋاستە قوش چىكىپلا ئاچماي ئالدى بىلەن مەنبە بەشقۇرغۇچنى ئىچىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئىچىڭ.

3. تورغا چىققاندا Internet Explorer نىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئامال بار يۇقۇرىراق تەڭشەڭ.

4. يامان غەرەزلىك تور بېكەتلەرنى ئاچماڭ.

5. توردىن ماتېرىيال چۈشۈرشتىن ئىلگىرى چۈشۈرمەكچى بولغان ماتېرىيالىڭىزنى بىر قانچە مەنبەدىن ئىزدەپ سىغىمىنى سىلىشتۇرۇڭ ھەمدە شۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىشەنچىلىكراق دەپ قارىغان تور بېكەتلەردىن چۈشۈرۈڭ. (سىغىمىنى سىلىشتۇرۇشتىكى مەخسەت: بەزى تور بىكەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرەزلىك پروگراممىلىرىنى سىز چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتكە ئوخشاش پەدازلاپ كۆرسىتىپ بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇشماقستىن شۇلارنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىپلا قويدىڭىز – ئىش چاتاق!!!).

7. ناتۇنۇش تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا سىزدىن ھەرقانداق ماتېرىيالنى مەجبۇرى چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلسا ئۇنداق تور بېكەتلەرنى دەرھال تاقىۋىتىڭ ھەمدا ئۇ خىلدىلى تور بېكەتلەردىكى ھەر قانداق ئۇلانمىنى ئاچماڭ.

8. كومپيۇتېرىڭىزنىڭ مۇداپىيە تېمى چىقارغان ھەر قانداق بىخەتەرلىك ئەسكەرىتمىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.

9. مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاپتۇماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئاساسەن ئوچۇق قۇيۇڭ ھەمدە مەشغۇلات سىستېمىسى ھەم باشقا يۇمشاق دېتاللارنىڭ  بېخەتەرلىك ياماقلىرىنى چوقۇم تولۇق قاچىلاڭ.

10. توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئاتالمىش ۋېرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئاز ئىشلىتىڭ.

11. ھۆججەت ماتېرىياللىرىڭىزنى دائىرىلىك توردا ئورتاق پايدىلىش ئۈچۈن ئىچىۋەتكەن بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى پەقەت ئوقۇشقىلا بولىدىغان ھالەتكە تەڭشەڭ.

12. مەشغۇلات سىستېمىڭىزغا چوقۇم مەخپىي شفىر ئورنىتىڭ. تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرىمەن دەپ كىرىش مەخپىي شىفىرىنى بىكارچى قىلىۋەتمەڭ.

13. مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئانچە پىششىق بولمىسىڭىز ئامال بار سىستېمىغا باشقۇرغۇچى ھالەتتە كىرمەي ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى ھالەتتە كىرىپ ئىشلىتىڭ.

14. ئۆزىڭىز ئىشەنىچ قىلمىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئامال بار قاچىلىماڭ.

15. ناتونۇش كىشىلەردىن كەلگەن ئېلخەتلەرنى ئامال بار ئاچماڭ ھەم ناتونۇش ئېلخەتلەر بىلەن كەلگەن قوشۇمچە ماتېرىياللارنى چۈشۈرمەڭ.

 

 

ھازىرچە ئىسىمگە كەلگەنلىرى موشۇلار ئىكەن، يەنە ئىسىمگە كەلسە تولۇقلاپ يازارمەن. بۇ يازمامنىڭ سىزگە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىشىنى ئۆمد قىلىمەن.

 

 

5 thoughts on “ۋېرۇستىن مۇداپىيەلىنىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى

  1. رەھمەت.پايدىلىق بىلىملەركەن، بۇرۇن 瑞星,360،金山دېگەندەك made in chinaدېتاللارنى ئىشلىتەتتىم،ھازىر پاك-پاكىزە يۇيۇۋېتىپ، مىكروسوفتنىڭ بىخەتەرلىك دېتالىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، ھازىرغىچە چاتاق چىقىپ باقمىدى. تېمىدا يېزىلغاندەك قالايمىقان دېتال، ئويۇنلارنى چۈشۈرمىسىلا ئاساسەن ۋىروستىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

  2. بۇلمايدۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم ئەپەندىم،ئۇيغۇرچە خەتنى كومپىيۇتىردا بىۋاستە يازغىلى بۇلىدۇ ،تىلپۇندا يازغىلى ھەر ئىككىلىسى ۋىندوس 8سىستىمىسى

    1. لىكىن ئىككىسى ئىككى خىل سىستېما، گەرچە نامى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، كومپىيۇتېردىكىسى «Windows 8» بولغان بولسا، تېلېفۇندىكىسى «Windows Phone 8». بۇ ئىككىسى ئايرىم ئۇقۇم.

  3. ئابلىكىم تور خاتىرىسى،سىزنىڭ تۇر خاتىرىڭىزدە نىمە ئۇچۇن يازغان ئىنكاسنى باش بەتتە بىۋاستە كۇرگىلى بۇلمايدۇ،باشقا يازمىلارنى كۇرۇش ئارقىلىق كۇرگىلى بۇلىدۇ ،ئۇنى قەيەردىن كۇرىدۇ مەن بىلەلمىدىم بىلدىغانلار بۇلسا دەپ بەرسەڭلار،رەخمەت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ