بۈگۈن Windows 8 نى Windows 8.1 گە يېڭىلىغان ئىدىم. بۇنىڭدىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار ھەققىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. لىكىن تېخى تەپسىلىي سىناق قىلغىدەك بولمىدىم. ئەمما قاچىلىغاندىن كېيىنكا تۇنجى تەسىراتىم:
1. ئەستەل يۈزىدىكى «Computer» دىگەن ئىسىم «This PC» غا ئۆزگەرتىلىپتۇ. (ئىشلىتىۋاتقىنىم ئىنگىلىزچە نۇسخىسى بولغاچقا ئاتالغۇلارنىمۇ ئۆز پىتى ئالدىم).
2. مەنبە باشقۇرغۇچقا كۆرۈنىدىغان تۈرلەر كۆپىيىپتۇ.
3. باشلاش كونوپكىسى قوشۇلۇپتۇ. لىكىن تىزىملىك شەكلى ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋىي شەكىلدە ئەمەسكەن. باشلاش كونوپكىسىنى بىسىش ئارقىلىق «Metro» كۆرۈنمە يۈزىگە ئالمىشىشقا بولىدىگەن.
4. Metro كۆرۈنمە يۈزىنىڭ بەت ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى ئۆزگىرىپتۇ. ئەسلىدىكى مائۇسنىڭ ئوڭ كونوپكىسىنى بىسىپ چىققان تىزىملىكتىن تاللايدىغان «All apps» نى ئاددىيلاشتۇرۇپ كىچىك كونوپكا بىلەنلا ئىپادىلەپتۇ. بۇ ئارقىلىق Metro كۆرۈنمە يۈزىدە دائىم كۆرۈنمەيدىغان قوشۇمچە تىزىملىكلەرنى كۆرۈشكە بولىدىگەن.
5. ئەڭ مۇھىم يېڭىلاشلارنىڭ بىرى تور كۆرگۈچنىڭ نەشىرى يېڭىلىنىپتۇ. نۆۋەتتىكى نۇسخىسى Internet Explorer 11 نۇسخىسى ئىكەن.
6. مەن مەشغۇلات سىستېمىسىنى يېڭىلاشتىن ئىلگىرى قاچىلانغان يۇمشاق دېتاللار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماپتۇ، ھەممىسىنى نورمال ئىشلىدى.
باشقا تەپسىلاتلارنى تەپسىلىي سىناقتىن كېيىن قايتا يوللايمەن.
5 thoughts on “Windows 8.1 دىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار”
مەن بۇنى بىراقلا 10-17 كۈنى يېڭىلىۋالاي دەپ ساقلاپ ئولتۇردۇم. ئۇيغۇرچە كۆنەەندە تەتۈرچىگە كۆنمەك تەسكەن
Buni nadin quxirimiz
ياخشىمۇ سىز ئابلىكىم ئەپەندىم مەن ئۇيغۇرچە ۋىندوس 8 دىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن بىراق قانداق شېتىۋېلىشنى بىلەلمىدىم ياردەم قىلغان بولسىڭىز مەن خوتەندىن ئىدىم
سىز Windows 8 نىڭ ھەقىيقىي نۇسخىسىنى سېتىۋالماقچىما؟ http://www.shop.edu.cn دىنمۇ Windows 8 نىڭ ھىقىيقىي نۇسخىسىنى سېتىۋىلىشقا بولىدۇ.
ياخشىمۇ سىز ئابلىكىم ئەپەندىم مەن ۋىندوس8 نى ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتكەن لىكىن خەتلىرى چىرايلىق چىقمىدى بۇنىڭ ئامالى بارمىدۇ يەنە خەرىتىسىمۇ ئىنگىلىزچە چىقىۋالدى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بۇلامۇ ياردىمىڭىزنى ئايمىغان بولسىڭىز رەخمەت …