ئۇنىۋېرسالتور بىلىملىرىسىستېما بېخەتەرلىكى

مۇلازىمىتېر بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقىلار

1952935_165003398315_2

مۇلازىمىتېرنىڭ بېخەتەرلىكى ھەر بىر تور بېكەت قۇرغۇچى ھەم مۇلازىمىتېر باشقۇرغۇچىلار باش قاتۇرۇشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى. تۆۋەندە بىز مۇلازىمىتېر بېخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ساۋاتلار ھەققىدە توختىلايلى.

1. مۇلازىمىتېرنىڭ باشقۇرغۇچىنىڭ نامىنى ئامال بار ئۆزگەرتىۋىتىڭ. تۆۋەندىكى ئىسىملار قارا مېھمانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھۇجۇم نىشانى:

administrator
guest
wlozz
piress
SQLDebugger
user
admin
admin$
admins
test
root
webadmin
HelpAssistant

2. ئىنگىلىزچە ئاتالغۇلارنى مەخپىي شىفىر قىلىپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. مەسىلەن: admin, manager, master, root …دىگەندەك.

3. سان ھەم سانلار گۇرۇپپىىسىنى مەخپىي شىفىر قىلىپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. مەسىلەن:0،123،123456،1234678،111،333،888… دىگەندەك.

4. ئەڭ ياخشىسى  مەخپىي شىفىرغا چوڭ-كىچىك ھەرىپلەرنى ھەم سانلارنى ئارىلاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلاپ ئىشلىتڭ ھەمدە خانە سانىنى چوقۇم سەككىز خانىدىن يۇقۇرى قىلىڭ. ئالاھىدە ھەرىپ بەلگىلەرنىمۇ قوشۇپ ئىشلەتسىڭىز بېخەتەرلىك تېخىمۇ ئاشىدۇ. مەسىلەن: AdgGGY2378_@#%#…  دىگەندەك.

5. مۇلازىمىتېرنىڭ مۇداپىيە تېمىنى ئوچۇق قويۇڭ.

6. مۇلازىمىتېرغا زۈرۈر بولمىغان ھەر قانداق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىماڭ.

7. زۈرۈر بولمىغان ھەر قانداق پورتنى ئاچماڭ.

8. ناۋادا Internet مۇلازىمىتېرى بولسا ئورتاق ئىشلىتىدىغان ھەر قانداق ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئورتاق ئىشلىتىش خاسلىقىنى تاقىۋىتىڭ.

9. زۈرۈر بولمىسان ئەھۋالدا تور بەت قويۇلغان مۇندەرىجىنى پەقەت ئوقۇشقا بولىدىغان يېزىشقا بولمايدىغان ھەلەتتە تەڭشەڭ.

10. FTP مۇلازىمىتېرى بولسا يەنە ئوخشاشلا ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلار ھەم ئاددىي گۇرۇپپىلانغان مەخپىي شىفىرلارنى قوللىنىشتىن ساقلىنىڭ.

11. مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ  ھەر قانداق بېخەتەرلىك يامىقىنى ۋاقتىدا قاچىلاڭ.

12. مۇلازىمىتېرغا قويۇلغان تور بەت پروگراممىلىرىدا ساقلانغان ھەر قانداق يۇچۇقنى ۋاقتىدا ئىتىۋىتىڭ.

13. Remote Desktop نىڭ پورت نومۇرىنى ئۆزگەرتىۋىتىڭ.

14. مۇلازىمىتېرنىڭ ھۆججەت تەقسىمات جەۋىلىنى چوقۇم FTFS شەكىلدە فورماتلاڭ.

15. ئىشلىتىش زۈرۈر بولمىغان ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىنى نامىمى ئۆچۈرىۋىتىڭ ياكى ئىشلىتىشتىن توختىتىپ قويۇڭ.

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ