Windows Phoneئۇنىۋېرسالكۆچمە ئۈسكۈنىلەر

Nokia Lumia 1020 نىڭ ساختىسى چىقتى

untitled   Nokia Lumia 1020 تېلېفۇنى بازارغا چىققىلى تىخى ئۇزۇن بولمايلا خوشنىلىرىمىز ئۇنىڭ ساختىسىنى ياساپ بوپتۇ. شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ تېلېفۇننى سېتىۋالغاندا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

ساختا نۇسخىسى بىلەن ھەقىيقىي نۇسخىسىنىڭ سىرىتقى شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدىگەن. لىكىن ئىشلىتىلگەن قاتتىق دېتال يۇمشاق دېتالىدا ئاسمان-زىمىن پەرىق بار.

مەسىلەن: ھەقىيقىي نۇسخىسىنىڭ ئاساسي كامىراسىغا 41 مىللىيون پىكسىللىق كامىرا سەپلەنگەن لىكىن ساختا نۇسخىسىغا بولغا 2 مىللىيون پىسىللىك كامىرا سەپلىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ كۈلكىلىك يىرى مەشغۇلات سىستېمىسىغا Android قاچىلىنىپتۇ لىكىن كۆرۈنمە يۈزىنى Windows Phone بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئۆزگەرتىلىپتۇ.

ھىقىيقىي نۇسخا بىلەن ساختا نۇسخىنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى  پەرقى:

ھەقىيقىي نۇسخىسىنىڭ كامىرادىكى  «megapixel» خىتى «megaplxel»  غا ئۆزگەرتىپ يىزىلغان. يەنى : ئارلىقتىكى «i»  ھەرىپى «L» ھەرىپىگە ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ئىكەن. سىرىتكى كۆرۈنۈشنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا تەرەپلىرىدە پەرىق يوق ئىكەن.

يەنە بىر ئەسكەرتىكشكە تىگىشلىك تەرەپ: ھەقىيقىي نۇسخىسىنىڭ بازار باھاسى 5999يۈەن ئەتىراپىدە بولىۋاتىدۇ. لىكىن ساختا نۇسخىسىنىڭ بازار باھاسى تەخمىينەن 420يۈەن ئەتىراپىدا ئىكەن.

يۇقۇردىكى رەسىم ساختا نۇسخىسىنىڭ رەسىمى.

3 thoughts on “Nokia Lumia 1020 نىڭ ساختىسى چىقتى

  1. مەن توردىن925lumiaنىڭ كۆچمە نۇسخىسىدىن بىرنى سالدۇرغان ئىدىم،ئىلگىرى ئىشلىتىپ باقمىغاچقا تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن.925نىڭمۇ ساختىسى بارمۇ؟باربولسا قانداق پەرقلەندۈرىمىز ؟

    1. ساختا نۇسخىسى بولىشى مۇمكىن. لىكىن ساختا نۇسخىسى بىلەن مەن بۇۋاستە ئۇچرىشىپ باقمىدىم. ئاداتتە ساختا نۇسخىسىغا Windows Phone ئەمەس Android قاچىلىنىدۇ. لىكىن كۆرۈنمە يۈزى Windows Phone قا ئوخشىش ياسالغان بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ