Nokia Lumia 920/920T… قاتارلىق 8 Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان Nokia ماركىلىق تېلېفۇنلاردا بىر قىسىم قوللانمىلارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئىدى.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: دۆلەت سىرتىدا كەڭ تارقالغان بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنى دۆلەت ئىچىدە چۈشۈرۈش چەكلىنىش سەۋەبىدىن ئىدى. شۇڭا بۇ مەسىلە نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن بىر باش قىتىنچىلىقى ئىدى.
مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ Nokia Lumia 920T نۇسخىسى بولغاچقا مەنمۇ بۇ چەكلىمىلەردىن ئەگىپ ئۆتۈشنىڭ ھەر خىل يوللىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن ھەم مەلۇم نەتىجىلەرمۇ بولغان ئىدى. لىكىن Windows Phone 8 نىڭ بۇ قېتىم يېڭىلانغان نۇسخىلىرىدا بىر قىسم يېڭىلاشلار بولغاندىن باشقا چەكلىمىلەر مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلىتىلغان ئوخشايدۇ.
بۇ قىتىم سىستېمىنىڭ نەشىرىنى 8.0.10328.78 گە يېڭىلىغاندىن كېيىن ئىلگىرى نورمال چۈشۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان يۇمشاق دېتاللارنى بۇ نەشىرىدە نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىگەن. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭمۇ سىناپ بېقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
3 thoughts on “بەزى APP لەرنى چۈشۈرگىلى بولماسلىق مەسىلىسى”
سىزنىڭ يانفۇنىڭىز تىپى قايسى دۆۋلەتنىڭ مىنىڭ (ئامىركا) بەن …بەك قىينالدىم بۇ يانفۇننى ئىشلىتىپ
كۆچمە خەۋەرلىشىش مەخسۇس نۇسخىسى.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىمجان ,ئىككىمىزنىڭ تېلفونى ئوخشاشكەن , بۇخىل ئەھۋاللارغا مەنمۇ ئانچە مۇنچە ئۇچراپ تۇرىمەن , شۇنداق ۋاقىتلاردا دۆلەت تەۋەلىكىنى باشقا دۆلەتكە ئالماشتۇرسام نورماللىشىدۇ , كۆپ ۋاقىتلاردا دۆلەت تەۋەلىكىنى ئومان غا 阿曼 تەڭشەيمەن .