Windowsئۇنىۋېرسالتاغدىن-باغدىنيۇمشاق دېتاللار

كومپيۇتېردا كۆپ قوللىنىلىدىغان سىغىم بىرلىكلىرى

binary_data

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كومپىيۇتېر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى  ئىشلىتىش جەريانىدا دائىم سىغىمغا مۇناسىۋەتلىك ھىساپلاشلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز.

ئۇنداقتا كومپىيۇتېردىكى سىغىم زادى قانداق ئۇقۇم؟

ھەممەيلەنگە مەلۇم، كومپىيۇتېردا ساقلانغان ھەرقانداق سانلىق مەلۇمات ئىككىلىك سىستېما كودې بىلەن ساقلىنىدۇ. ئىككىلىك سىستېما دېگىنىمىز پەقەت «1» ۋە «0» دىنلا ئىبارەت ئىككىلا ساندىن تەركىپ تاپقان سانلار گۇرۇپپىسى. ئادەتتە بەر بىر گۇرۇپپا ئىككىلىك سىستېمىدىكى كود سەككىز خانىلىق ساندىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. ئىككىلىك سىستېمىنىڭ ساقلاش بىرلىكى «Bit» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ بويچە بولغاندا سەككىز بىت بىر بايىتقا تەڭ بولىدۇ. بىر دانە  ئىنگىلىزچە ھەرىپنى  ساقلاش ئۈچۈن بىزنىڭ ساقلاش ئۈسكۈنىمىزدىن بىر بايىت ئورۇن كىرەك بولىدۇ. بىر دانە ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە خەتنى ساقلاش ئۇچۇن ئىككى بايىت ئورۇن كىرەك بولىدۇ. شۇنىڭدەڭ بۇ بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى كۆپەيگەنسىرى ساقلاش سىغىمىغا بولغان ئىھتىياجمۇ ئىشىپ بارىدۇ. ئۇنداقتا كومپيۇتېردا كۆپ قوللىنىلىدىغان سىغىم بىرلىكلىرىنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟ ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.

1024Byte=1KB (kilobyte)

1024KB=1MB (megabyte)

1024MB=1GB (gigabyte)

1024GB=1TB (terabyte)

1024TB=1PB (petabyte)

1024PB=1EB (exabyte)

1024EB=1ZB (zettabyte)

1024ZB=1YB (yottabyte)

ئۇنداقتا موشۇ بويچە ھىساپلانغاندا بىردا mp3 فورماتىدىكى مۇزىكا ھۆججىتىنىڭ سىغىمى تەخمىينەن 3MB دەپ پەرەز قىلساق 1YB سىغىمدىكى قاتتىق دېسكىغا قانچىلىك مۇزىكا ھۆججىتى قاچىلىغىلى بولار؟ قىنى سىز بىر ھىساپلاپ بېقىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ