ئۇنىۋېرسالتاغدىن-باغدىن

سىز بۇ كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟

m_s_p_12934_1

 

mon

 

 

OLYMPUS DIGITAL CAMERA

سىز بۇ رەسىمدىكى كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟ بەك ئىپتىدائىي ھە؟

بۇ كومپىيۇتېرنىڭ ماركىسى AST بولۇپ، تىپى 386SX.

بۇ كومپىيۇتېرغا سەپلەنگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ intel 386 تىپلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولۇپ، ئاساسىي چاستۇتىسى 33Mh ،تىزمىكەن؟ ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا 2MB، بەك قالتىس ھە؟ 🙂  قاتتىق دىسكىسىنىڭ سىغىمى  85MB، كىچىكمىكەن؟ ھازىرقى قاتتىق دېسكىلار بىلەن سىلىشتۇرغاندا بەك كىچىك ھە؟

يۇقۇردىكى رەسىمدىكى كومپىيۇتېر بولسا مەن ئەڭ دەسلەپ ئۇچراشقان ھەم بىر يىلدەك ئىشلەتكەن كومپىيۇتېر بىلەن بىر تىپتىكى كومپىيۇتېر.

ئەمدى بۇنىڭغا ھازىرقىدەك ۋىندوۋس نەچچە مىڭلىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمىغاندىن شۇ «DOS» ئىشلىتەتتۇق. ئانچە مۇنچە ئىشلەتكىمىز كىلىپ قالسا Windows 3.1/3.2 لەرنى قاچىلاپ ھەۋەس بىلەن قاراپ كەتكەندىن كېيىن يەنىلا كۆنۈپ قالغان «DOS»  قا قايتاتتۇق دە ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇراتتۇق. موشۇ كومپىيۇتېرنىڭ بانىسىدا «MS-DOS» بىلەنمۇ خىلى يىقىن دوست بۇلۇپ قاپتىكەنمىز، ھازىرمۇ بەزىدە windows بۇيرۇق ھالىتىگە ئۆتۈپلا مەشغۇلاتىمىزنى تاماملايمىز. ھەي ئىشىقتە ئىشىق.

دىمىگەن بىلەن بۇ ئەبجەق كومپىيۇتېرنىڭ سەپلىمىىسى تۆۋەن بولغان بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنداقمۇ بىلىىنمەپتىكەندۇق. ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بۇ كومپىيۇتېرمۇ ماڭا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىپتىكەن. يۇمشاق دېتالنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن تارتىپ تاكى قاتتىق دېتال رېمۇنت قىلىشقىچە ھەممىنى ئۆگىتىكتىكەن. بەلكىم مەن ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەتكەن كومپىيۇتېر ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنۇمدا ھازىرمۇ بولىشى مۇمكىن. بەلكىم ھازىر ھىچكىممۇ ئۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدىكىدەك ھەۋەس بىلەن قارىمىغان بولىشى مۇمكىن ۋاياكى ئاللىقاچان ئامباردا توپا بىسىپ ياتقاندۇ. ۋاي بولدى ئۇنداق يامان خىيال قىلماي بەلكىم ئوغىرى ئالغاندۇ. 🙂

لىكىن نىمىشقىكىن تاڭ مەندىكى شۇ ۋاقىتلاردىكى تۇيغۇ ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.

لىكىن ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر ئىش: ئەينى ۋاقىتتا كومپىيۇتېر بىلەن دەسلەپتە تونۇشقاندىن باشلاپلا  «MS-DOS»  تىن باشلاپ ئۆگىنىشىم ھەم  «MS-DOS» نى پىششىق ئۆگىنىشىمنىڭ كېيىنكى كومپىيۇتېر ھاياتىمغا بەك كۆپ پايدىسى بولدى.

ئەسلىدە مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ بۇ كومپيۇتېر ھەققىدە يازما يېزىش خىيالىم يوقتى. بۈگۈن مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرنىڭ بىرسىنىڭ قاتتىق دېسكىسىدىن ئازراق مەسىلە كۆرۈلۈپتىكەن، شۇنى بىر تەرەپ قىلغاچ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەسلىمىلىرىم يادىمغا يىتىپ قالدى، شۇ سەۋەپ بىلەن مەنمۇ بۇ يازمىنى يېزىپ قالدىم.

 

 

One thought on “سىز بۇ كومپيۇتېرنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟

  1. بۇ مەن ئۇچراشقان كومپۇتېردىنمۇ قېرى كومپۇتېركەن….مەن دەسلەپتە ئۇچراشقىنىم دوس يۈزىدە مەشغۇلات قىلىدىغان 486 تى…ئون بەش يىلقى تەرەققىيات بەك تېز بولدى دىسە…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ