Windows Phoneكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

WP يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلىنىدۇ

wp_ss_20130323_0008

Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن بىرى نۇرغۇنلىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشتى. 1.0 نۇسخىسىدا مەلۇم قولايسىزلىقلار بولغان بولسىمۇ بۇ مەسىلىلەر 2.0 نۇسخىسىدا تۈزىتىلگەندىن كېيىن كۆپ قىسىم  ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ يەنە يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئىشلەش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بولغاچقا، بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىۋاتقان دوستلارنىڭ كونا نۇسخىسىدا بايقىغان خاتالىق ھەم مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش بىلەن بىرگە يېڭى نۇسخىسىدا قوشۇلۇشقا تىگىشلىك يېڭى ئىقتىدارلار ھەققىدە كۆپچىلىكتىن تەكلىپ ئالماقچى. شۇڭا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمىز بولسا ئواتاقلاشساق.

يېڭى نۇسخىسىنىڭ ئىقتىدارى جەھەتتە نوقۇل يېزىق كىرگۈزگۈچلا بولۇپ قالماي باشقا قوشۇمچە ئىقىدارلارنى قوشۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئاساستا، كونكىرىت ئىقتىدار ھەم كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى جەھەتتە تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار بولسا ئايىمىغايسىلەر.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قوللانمىنى   مىكروسوفتنىڭ دۇكىنىدا ئېنگىلىزچە «Uyghur Keyboard»دەپلا ئاتاپ كەلدۇق، لىكىن ئۇيغۇرچىدا «WP يېزىق كىرگۈزگۈچ» دەپ ئاتاۋاتىمىز. ئەمدىكى مەسىلە:  بۇنىڭغا ماس كەلگىدەك بىرەر خاس ئىسىم بىلەن ئاتاشمۇ زۇرۇر ئىدى، شۇڭا دۇستلارنىڭ بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچنىڭ ئىسمى ھەققىدىمۇ تەكلىپ بىرىشىنى ئۆمد قىلىمەن.

45 thoughts on “WP يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلىنىدۇ

  1. تۈنۈگۈن قارىسام يوقتى ماۋۇ تىما ئالىپقىمۇ يازغانتىم بۇ يەرگىمۇ ئوخشاشلا يازاي ..
    ئەسسالام ئەلەيكۇم … …
    بۇ كىرگۈزگۈچنىڭ 2.0 نۇسخىسىنى مەن تېلفۇننى ئالغاندىن بۇيان ئىشلىتىۋاتىمەن .، بەزىدە ئۆزىچىلا چىكىنىپ كىتىدۇ .. يەنە خەت تىزىش سۈرئىتى ئاستا تىزراق باسقاندا بەزى ھەرپلەرنى باسمايدۇ …. shift نى بېسىپ ھەرپ ئالماشتۇرۇپ باسقاندا تولاراقى شۇنداق ۋاقىتتا چىكىنىپ كىتىدۇ … …..
    مىنىڭچە بولغاندا مۇشۇ خاتىرە ساقلاش ئىقتىدارى يەنە خەت باسقاندا خالىغان خەت ئارلىقىنى تەھرىرلەش ۋە لاتىنچە ھەرپلەرنى ئارلاشتۇرۇپ كىرگۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىقتىدارلارنى قوشسىڭىز … مەنچە بولغاندا ئالمىدىكى خاتىرەمنىڭ يىڭى نۇسخىسىدىن ئۈلگە ئالساق دەيمەن ……

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىنداشلار . ئابلىكىم ئەپەندى قانداق ئەھۋاللىرى ؟ مەن بىر ۋېندوۋىس 8 ۋە ۋېندوۋىس يانفۇنى ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق بىر تەكلىپ بەرگۈم بار : مۇمكىن بولسا مۇشۇ ۋېندوۋىس يانفۇن سېستىمىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇشقا بىر كۈچ چىقرىپ باققان بولساق ، بىزمۇ ھەمدەمدە بولغىدەك بولسا تەكلىپ-پىكىر بېرىدىغان بولساق تاكلىپ پىكىر بەرسەك ، مۇمكىن بولامۇ ؟

  3. بۇ كىرگۈزگۈچتە خەتنى يىزىپ بوپ مەلۇم ھەرپنى خاتا كىرگۈزۈپ قالساق ئۈچۈرۈشكە توغرا كەلسە ھەممسى ئۈچۈپ كىتىدىكەن.يەنە بىرى ئەپنىڭ كۈرۈنمە يۈزىنى مىللىچە لاھيەلىگەن بولسىڭز .خەت يازغان ۋاقىتتا ئاۋۇ كىچىك كاتەكچە ئىچىگە ئەمەس بەلكى دەپتەر يۈزىگە يازغاندەك ئكراننىڭ ئۈستىدىن باشلاپ يازغىلى بولسا ياخشى بولاتتى. خۇددى يۇقرىدا باشقا قىرىنداشلار ئىيتقاندەك ئالمدىكى خاتىرەم دىگەن ئەپكە ئوخشاش.بۇ ئەپ بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆپلەپ ياسىشىڭزغاتىلەكداشمەن.ھەقلىق ئەپ بولسىمۇ سىتىۋالىمىز ئاللاھ خالىسا.ھىلىمۇ كۆپ جاپا چەكتىڭز رەھمەت سىزگە.

  4. 1. بىز خەتنى كۆچۈرۈپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا بىر كۇنۇپكا بىلەن بىز يازغان بارلىق خەتلەرنى ئۆچۈرگىلى بولسا.
    2.يانفوننى توغرىسىغا تۇتۇپ يازغىلى بولىدىغان ئىقتىدارى قوشۇلسا.
    3.كونۇپكا ئاۋازىنى ئېتىپ، ئاچقىلى بولسا.
    4.خالىغان قۇرلار ، خالىغان خەتنىڭ ئارىلىقلىرىغا نۇر بەلگىنى يۆتكەپ كىلىپ تەھرىرلىگىلى بولسا،(يەنى بىرەر خەت خاتا يېزىلىپ ، كەينىگە بىرنەچچە خەت يېزىپ بولغان بولساق شۇ يازغان خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈر مىسەك خالىغانچە ئارلىققا ئاپىرىپ ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ مۇشۇ ئىش ئوڭ شالغان بولسا خالىغانچە ئارلىققا ئاپىرىپ ئۆچۈرگىلى بولغان بولسا دىمەكچى)
    5. ئەڭ ئاسىتىدىكى كونۇپكىلارنىڭ خېتىنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋەتكەن بولسىڭىز . يەنى (sms, search,copy,mail) دېگەنلەرنى.
    6. ئېنلگىلىزچىنى ۋە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئېنگىلىزچە ھەرپ-بەلگىلەرنىمۇ قوشىۋەتكەن بولسىڭىز، مەسىلەن: مېنىڭ ئېلخەت ئاددىرىسىم [email protected]غا ئەۋەتسىڭىز بۇلىدۇ، تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا Wifiدىن پايدىلىنىڭ….. دېگەندەكلەرنى ئەۋەتىشكە توغرا كەلسە بەك ئاۋارىچىلىق بولىدىكەن. (ئەگەر مۇمكىن بولسا ھەرخىل چىراي ئىپادىلىرىنىمۇ قوشۇۋەتكەن بولسىڭىز QQنىڭكىگە ئوخشاش)

    ئەپنىڭ ئىسمىغا كەلسەك ، ئېنگىلىزچە يەنىلا Uyghur Keyboard مۇۋاپىق بولغان دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرچە نامىغا كەلسەك «WP ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى»دېگەننى ئويلىشىپ باقسىڭىز.

  5. ياخشى تەكلىپلەر بولىۋاتىدۇ. ئاساسەن ھەممىنى ئورۇنداشقا تىرىشىمەن.
    shift نىڭ مەسىلىسىگە ھازىر چۈشەنچە بىرەي.
    shift نى باسقاندىكى مەسىلە ئاساسلىقى WP7 دە كۆرۈلىدىگەن. WP8 دە ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت كۆرۈلمەيدۇ ئەمەس كۆرۈلىدۇ، لىكىن WP8 دە ئىجرا بولىدىغان ۋاقىت قىسقا بولغاچقا بۇنى ھىس قىلىپ بولغىچە ئالمىشىپ بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: كونوپكا تاختىسىدىكى ھەرىپلەرنىڭ ئورنىنى ھەممىنى بىر قىتىمدا ئوچۇپ چىقماستىن ھەر قىتىم شەكىل ئۆزگەرگەندە كونوپكىلارنىڭ ئورنىنى xml ھۆججەتتىن ئوقۇپ چىقىدىغان بولغاچقا ھۆججەت مەزمۇنىنى ئوقۇپ چىقىپ كونوپكىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىچە بولغان ئارلىقتا قىسقا ۋاقىت قاتقاندەك ھالەت يۈز بىرىدىگەن. لىكىن نۆۋەتتىكى نۇسخىسىدا بۇ مەسىلە ئالدى بىلەن تۈزۈتىلىدۇ.

  6. بۇ ئەپ ئۇيغۇرچە بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە ئسىم قويۇش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.WPخاتىرەم بۇ ئسىمنى ئويلىشىپ بىقڭ.ئخچام چۈشىنشلىك .ئامال بار ئەپنىڭ كۆرۇنمە يۈزى ئۇيغۇرچە خاسلىقنى ئىپادىليەلسە بەك ياخشى بولاتتى. 

  7. بۇ دېتال چېكىنگەندىن كېيىن ھېچقانداق مەزمۇننى ساقلىمايدۇ ، شۇڭا خاتىرە دېگەندەك ئىسىملار مۇۋاپىق كەلمەيدۇ ، بىز يازغان مەزمۇنلارنى ساقلاپ ئېچىش رولى بولغان نەرسىنى ئاندىن خاتىرە دېسەك بۇلىدۇ. ئىخچاملىقىغىلا قارىساق بولمايدۇ ، ئخچاملاشقا زۆۈر ئەمەس. سىز چۈشەنگەن بىلەن باشقىلار چۈشەنمەيدۇ . ئىسمىغا قاراپلا كۈندىلىك خاتېرە يازىدىغان دېتال ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ .
    ئەپ بازىرىدىن ئىزدىگەندىمۇ ئادەتتە Keyboard ياكىUyghur دىگەن ئاچقۇچلۇق سۆزلەردىن ئىزدەيمىز ئەمەسمۇ؟
    چەتئەللەردە ئوقوۋاتقان ، خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارغا ياكى ھەممىمىزگە نىسبەتەن ئىزدەشكە قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن Uyghur Keyboard
    ئۇيغۇرچە نامىغا كەلسەك «WP ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى» ،«ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ» دەپ ئاتاش مۇۋاپىق بۇلىدۇ.
    دېتالنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشۈنۈپ ئىشلىتىپ بېقىپ ئاندىن تەكلىپ – پىكىر بەرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ .
    ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزمىگەنلەرنىڭ پىكىر قىلىش ھوقوقى يوق—–م

    1. ساقلايدغان قىلىپ لاھيەلىسە نىمشقا بولمايدىكەن؟wpقائۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە كىرگۈزگۈچ قوغۇلۇشقا ئاز قالدى.بۇكىرگۈزگۈچ كە خەتنى يىزىپ چاپلاپ ئشلىتىدۇ بىۋاستە كىرگۈزۈش ئقتىدارى يوق.wpئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ دىيىش سەل مۇۋاپىق ئەمەس.مەن يىراقنى كۆزلىگەن ئاساستا wpخاتىرەم دىگەن ئسىمنى تەۋسىيە قىلدىم.بۇ ئەپنىڭ يىڭى نەشىرىنى ئايفۇندىكى قارلۇق ياسىغان خاتىرەمگە ئوخشاش ياسىسا تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.wpخاتىرەم ئخچام ھەم,ئەپ يۈزىگە تولۇق چىقىدۇ.

    2. ئشلىتىپ باققاچقا تەكلىپ پىكىر بىرىۋاتىمەن .پىكىر بىرىش ئۈچۈن سىزدىن تەستىق ئىلش ھاجەتما؟سىزدىكى شۇھوقۇقنى كىم بەرگەن؟مەن ئۇنىڭ يىڭى نەشىرىگە تەكلىپ بىرىۋاتىمەن.كۈمۈش ئدتىنمۇ ئشلىتىمەن.ئشلىتىپ باقمىغان بولسام ۋاقتىمنى ئسراپ قىلمىغان بولاتتىم.مەن ئۈزۈم ئويلغانلىرمنى دىدىم .ھىچكمگە مۇنداق قىلىڭ دىمىدىم,
      سىز wipئشلەتكىلى قانچە كۈن بولدى؟ھەرە جىنىدا بىر-بىرنى چاقمايدۇ گەپكە دىققەت قىلاسىز.

  8. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىم ئەپەندىم !سىزنىڭ بىز ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىڭىزغا ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن! بولسا قارلۇقنىڭ خاتىرەمگە ئوخشاش بەت يۈزىدىكى خەتنىڭ ھەممىسىنى رەسىمگە تۇتالايدىغان ھەم ئۇسلۇب ئالماشتۇردىغان قىلسىڭىز ئەگەر تىل بولىقى ئېلان قىلىنسىمۇ بۇئەپ يەنىلا wp نىڭ مۇھىم ئەپلىرىنىڭ بىرسى بوپ قالغۇسى،مۈمكىن بولسا ئاۋال مۇشۇنى ئويلاشسىڭىز.

    1. سىزدىن مەسلىھەت سورىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەسمەن.مەندىن نەچچە كۈنلا بۇرۇن ئشلەتكەن يىرىڭز باكەن.ئەمما بۇ سىزنىڭ wpبىلىمنىڭ مەندىن يۇقرى ئكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدغۇ دەيمەن……

  9. مىنىڭچە بولسا باللا psتىن خەۋىرى بار باللا، ئۆز ئوي-پىكىرىڭلارنى رەسىم ھالىتىدە كۆرسەتسەڭلار تىخىمۇ چۈشۈنۈشلىكرەك بولاتتى،

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بولىدۇ، ئاللا خالىسا چوقۇم ئىشلەشكە تىرىشىمەن.

  10. ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخشىمۇسىزقايسى كۈنى ۋىپ8 نىڭ ج د ر3يېڭىلانمىسىنىڭ ئىلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانتىم مەن يېڭىلىيالمىدىم بۇقانداق بولغىنى ياكى تېخى ئادەتتىكى ئابۇنىتلارغاچۈشۈرۈشكەتەمىنلەنمىدىمۇ ،مۇشۇھەقتەبىرچۈشەنچەبەرگەن بولسىڭىز رەھمەت.

  11. بۇقېتىملىق يېڭىلاش ئىشلىرى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ يېڭى نەشىرىنى قاچانلاردا تارقىتىسىز؟

    1. يېڭىلاش ئىشلىرى نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ. سىناقلار بىر قۇر ئاخىرلاشقان ھامان تورغا يوللىنىدۇ.

  12. ئابلىكىم ئەپەندىم wp8نىgdr3يېڭىلىيالمايۋاتىمەن بۇمەندىكى مەسىلىمۇياكى رەسمىي يېڭىلاشقاتەمىنلەنمىدىمۇ؟
    مۇشۇتوغۇرلۇق بىريولكۆرسەتكەن بولسىڭىز
    (بۇخەتلەنى يانفۇندايازغان )

    1. مەنمۇ كۈندە دىگۈدەك تەكشۈرۈپ تۇرىۋاتىمەن، بىۋاستە يېڭىلاش بولىقى تېخى تەمىنلەنمەپتۇ.

    2. مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ .. مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يىڭىلىۋالغان … تېلفۇنۇم 822 ..
      QQ:871367156

  13. ئەسسالام ئەلەيكۇم ئابلىكىم ئەپەندى مەن 920 دىن بىر سېتىۋالغانتىم ئۇيغۇرچە كىرگۇرگۇچنى قاچىلىدىم بىراق ئۇندىدارغا خەت يازايدىسەم كىرگۇرگۇچنى تاپالمىدىم مەن يېڭى ئىشلەتكەنچكە بەك قىينالدىم ماڭا ياردەم كېرەكتى چ چ دابولسىمۇ ئالاقىلاشقان بولساق ياكى ئۇندىداردا بولسىمۇمەيلىتى 1784421212 مۇشۇنىڭدىن بىر ئالاقىلاشقان بولساق سىزنى ئۇستاز تۇتسام

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ يېزىق كىرگۈزگۈچ سىستېمسىنىڭ يېزىق كىرگۈزگۈچ تىزىملىكىگە قوشۇلمايدۇ، ئايرىم قوللانما شەكىلدە ئىجرا بولىدىغان بولغاچقا ئايرىم ئجرا قىلىپ ئۇيغۇرچە يېزىقنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن كۆچۈرۈپ ئۇندىدارغا ياكى باشقا قوللانمىلارغا چاپلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

  14. يەنە بىر ئىشنى سوراپ باقسام مىنىڭ تېلفۇنۇم Wifi بەك ياخشى قوللايدۇ لىكىن سۆزلىشىش كارتىسى تورىنى ياخشى قوللىماي ۋاتىدۇ بۇ نىمە ئىشتۇ ياكى سىلەرنىڭمۇ شۇنداقمىدۇ …..ماڭا ياردەم قىلغان بولساڭلار سىلەردىن ئۆگىنەيدىگەن ؟ ئۇندىدار نۇمۇرۇم 1784421212

  15. قولۇمدىكىسى لۇمىيا822تى بۇبەك بەلەن چىققانتى دوسلىرىم تالىشىپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ،مىنىڭمۇئالماشتۇرۇش ئويۇم باتتى مەن 925/1020/1520دىن ئىبارەت ئۈچخىل نۇسقىدىن قايسىسىنى ئالسام بۇلا دەپ تاللاپ بۇلالمايۋاتىمەن سىزچەقايسىسى بەكرەك مۇۋاپىق ،
    مەن ئۇيۇنمۇئويناپ قۇيىمە تورغائاساسەن يانفۇنداچىقىمە،يەنەكىلىپ باللىرىمنى كۈندە دىگۈدەك سۈرەتكەتارتىپ خاتىرەقالدۇرۇپ قۇيىدىغان يامان ئادىتىم بايەنەباشقاھەرخىل قۇش تۈرىدىكىلەنى سۈرەتكەتارتىشقائامراقمەن .

    1. مەندە 920 دىن بىرسى باتى مەن ئىشلىتەلمىدىممۇ ياكى Wifi نى بەك ياخشى تارتىدۇ .لىكىن كارتىنىڭ تورى ئىشلىمەي بەك ئاۋارەقىلىپ مىنى ….سىزنىڭمۇ شۇنداقمۇ ياكى نورمالمۇ

  16. مىنىڭ تېلېفونۇم كومپىيۇتېرغاچاتسام سىغىمى ئېچىلمايۋاتىدۇ …قانداق ئىش تۇ بۇ 爱应用PC版 بۇنىمۇ چۇشۇرۇپ باقتىم يەنىلا ئېچىلمىدى قانداق قىلسام بۇلا ..ماڭابىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار …..

    1. ئورگان تەرەپ سېستىمىسى بولمىساتۇنۇمايدىكەن .. لېكىن بەزىلىرى تۇنۇپ قويىدۇ .. win7 نى قاچىلاپ كۆرۈڭ .. xp نىڭ تونۇمىقى مۇشكۈل .

  17. سىزدىن سوراپ باقسام .. ھېلىقى Nokia 专业拍照 دىگننى توردىن قاچىلاش ئۇسۇلىنى كۆرۈپ كۆپ سىنىدىم يەنە چۈشمىدى .. gdr3 كە يىڭىلاپ بولغان .. باشقىچە ئۇسۇل بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز …

  18. ۋىپكىرگۈچنىڭ يڭىلىنىش ۋاقتى ئاز قالدىمۇ يا؟2?ئاي بولاپ قالدى .كۈندە ئەپ بازىرىغا ۋە بىلوگىڭزغا قاراپ …….

  19. كىرگۈچنىڭ يڭىلىنىش ۋاقتى ئاز قالدىمۇ يا؟2?ئاي بولاپ قالدى .كۈندە ئەپ بازىرىغا ۋە بىلوگىڭزغا قاراپ …….

  20. ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم.
    ئابلىكىم ئەپەندىم، مۇمكىن بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى بەيدۇ كىرگۈزگۈچكە ئۇخشاش خەت يوللاش ئورنىغا بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ لاھىيەلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
    رەھمەت

  21. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلىكىمكا كەمىنە كەمدىداردىن بىلوگىڭزدىكى بارلىق تورداشلاغا ۋە سىزگەﷲنىڭ سالامى بولسۇن مەندە نوكىيا لومىيا525 باتى 4 -5 خىل قۇرئاننى قاچلىسام بەزىسى ئىنگىلىزچە بەزىسى خەنزۇچە ئەرەپچە چىقتى ،لىكىن ئۇيغۇرچە ئەرەپچىسى قاسى ئاۋازلىقىچۇ ئەڭ ياخشىسى قاسى خەتلىرى يوغانراق چىقىدىغىنى بامدۇ ،ياردەم قىلغان بولسىڭىز چ چ 710470122 ۋىيشىنyusufum71470122

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ