Windows Phoneكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

Windows Phone 8 GDR3 تىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار

Windows Phone 8 GDR3 بولسا Windows Phone نىڭ مۇستەقىل نۇسخىسى بولماستىن  تولۇقلىما نۇسخىسى بولسىمۇ، لىكىن نۆۋەتتىكى نۇسخىدا  ئىلگىرى بار بولغان ئىقتىدارلىرى مۈكەممەللەشتۈرۈلگەندىن باشقا بىر قىسىم ئىقتىدارلار قوشۇلغان. تۆۋەندە بىز Windows Phone 8 GDR3 دىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

3627439_34ee828946e04312938a078d244be60d_thumb

1. ئەڭ چوڭ بولغاندا 6 دىيۇملۇق كۆرسەتكۈچ ئىكراننى قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 1080p يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى قوللايدۇ.

2. تېخىمۇ كۆپ خىل قاتتىق دېتاللارنى قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. Qualcomm 8974 تۆە يادىرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇرچنى قوللايدۇ.

3. «Driving mode» ئىقتىدارى قوشۇلغان.

3627439_gdr3-windows-phone-update-3-2_thumb

4، ئېكران يۆنۈلىشىنى ئۆزگەرتىشنى بەلگىلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

5. ئىجرا بولىۋاتقان قوللانمىلارنى بىۋاستە تاقاش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

6. يېڭىدىن قوڭغۇراق مۇزىكىلىرىنى قاچىلاش ئاددىيلاشتۇرۇلغان.

3627439_gdr3-windows-phone-update-3-1_thumb

 

10 thoughts on “Windows Phone 8 GDR3 تىكى بىر قىسىم يېڭىلىقلار

  1. ئەپلەرنى بىۋاستە ئۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا تېخىمۇ قولايلىق بولغۇدەك. بارلىق wp8يانفونلىرىنى يېڭىلىغىلى بولامدىغاندۇ؟

  2. ئىنكاسقا رەسىم قىستۇرغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ,رەسىمنىڭ سانى ۋە سىغمىغا چەك قويغان ئاساستا بولسىمۇ ئوبدان بولاتتى , بىزمۇ ئۇچرىغان جەريان , ۋە
    يېڭىلىقلارنى,يېڭى ئەپلەرنى ئېكراننى تۇتۇپ ئىنكاس ئارسىغا
    قىستۇرالىساق ئۆزئارا پايدىلنىشقىمۇ ئوبدان بولاتتى .

    1. بولىدۇ، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بلوگنىڭ ئىقتىدارىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ قوياي.

  3. يەنە NFC ئىقتىدارىنى ئىشلەتگەن ۋاقىتتا سىگنال ئاۋازى چىقمايدىكەن. يانفوننى زاۋۇتتىن چىققاندىكى ھالەتكە قايتۇرغاندا WiFi تورى ئارقىلىق ئىلگىرى زاپاسلاپ قويۇلغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى قوللايدىغان بولۇپ ، USB سىمى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان ئىكەن.
    بۇنىڭ بىز بايقاپ بولالمىغان باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلەرمىز ئەمدى.

  4. ئىختىيارى ئاپتور تىما يازالايدىغان قىلىپ قويسىڭىز .. يازغان تىملار تەستىقلانغاندىن كىيىن چىقىدىغان بولسا ياخشى بولاركەن

  5. رەخمەت مەن ئۆگۈنىۋالدىم ما بالىلا چېقىلال مايدىغان ئىقتىدارى ياخشىكەن قولىڭىزغا دەتكەلمىسۇن .

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ