Windows Phoneئۇنىۋېرسالكۆچمە ئۈسكۈنىلەريۇمشاق دېتاللار

WP8 سىستېمىسىدىكى kid’s corner ئېقتىدارى

windows-phone-8-kids-corner

Windows  Phone 8 سىستېمىلىق تېلېفۇنلاردا مۇنداق بىر ئىقتىدار بار. بەلكىم بۇ ئىقتىدارنى سىز ئىشلىتىپ باققان ياكى ئىشلىتىپ باقمىغان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇ ئىقتىدار «kid’s corner» ئىقتىدارى.

خوش، ئۇنداقتا بۇ ئىقتىدارنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟

ئادەتتە ئائېلىلەردە بالىلىرىمىز ئاتا ئانىلارنىڭ تېلېفۇنلىرىدىكى ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشقا ئامراق. بۇنداق ۋاقىتتا بەلكىم شۇ ئوماق بالىلىرىمىز تېلېفۇن بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ئۆزىمىۇ بىلمىگەن ئاساستا تېلېفۇننىڭ بەزى تەڭشەكلىرىنى بۇزۇپ قويىشى مۇمكىن. لىكىن سىزمۇ دەرھاللىقچە ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپمۇ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

لىكىن سىز دە موشۇنداق ۋاقىتتا «kid’s corner» ئىقتىدارىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق سىز بالىلىرىڭىزنىڭ مەشغۇلات دائىرىسىنى بەلگىلەپ بىرەلەيسىز. يەنى: تېلېفۇنىڭىزنى قايسى ئىقتىدار ياكى قايسى ئەپلەردىن باپديلىنىشقا بولىدىغانلىقى… قاتارلىقلارنى بەلگىلەپ بەرسىڭىز، بالىڭىز سىز بەلگىلەپ بەرگەندىن باشقا دائىرىدىكى مەشغۇلاتلارنى ئىلىپ بارالمايدۇ. ئەلۋتتە يەنە تېلېفۇنىڭىزنى تەڭشەكلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتەلمەيدۇ. ۋاقتى كەلگەندە ئايالىڭىزمۇ تېلېفۇنىڭىزنى سوراپ قالسا موشۇ خىل ئىقتىدار چەكلەش ھالىتىدە قويۇپ بەرسىڭىز ئايالىڭىزمۇ تېلېفۇنىڭىزدىكى مەخپىيەتلىكلىرىڭىزنى كۆرەلمەيدۇ.  ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا يۈرىكىڭىز تىترەش ھالىتىگە ئۆتۈپ قالمايدۇ 🙂 (لىكىن بۇ چاخچاق جۇما، ئايالىڭىزدىن چوڭ سىرلارنى يۇشۇرغان بىلەن كىچىك سىرلارنى قەيئىي يۇشۇرماڭ، ھە، ئەر كىشى دىگەن موشۇنداق ئايالى بىلىپ قالسىمۇ ھىچنىمە بولمايدىغان بەزى بىر تايىنى يۇق سىرلارنى ئايالىدىن قەتئىي  يۇشۇرماسلىق كىرەكتە. :))

خوش، ئۇنداقتا بۇ ئىقتىدارنى قانداق  تەڭشەيمىز؟ قانداق قوزغىتىمىز؟

تېلېفۇنىڭىزنىڭ «بەلگىلەش» يەنى «Settings» تۈرىدە «kid’s corner» دەپ بىر تىزىملىك بار. بۇ ئادتتە نورمال ھالەتتە تاقاق بولىدۇ.

enable-kids-corner-using-settings-app

Windows-Phone-8-Kids-Corner

 

سىز بۇ تۈرنىڭ ئىچىدە كىرىپ ئوچۇق ھالەتكە توغۇرلىغاندىن كېيىن بىر قىسىم تەڭشەكلەر بار. بۇ تەڭشەكلەرنىڭ ئىچىدىن مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلەرنى تەڭشەپ قويسىڭىزلا بولدى. دىمەك بۇنىڭ بىلەن «kid’s corner» ئىقتىدارى ئىچىلدى دىگەن گەپ.

ئەمدىكى مەسىلە بۇ خىل ھەلەتكە قانداق كىرىمىز؟

8421305379_92aaafc65a_z

ئاداتتە بۇ خىل ئىقتىدار ئىچىلمىغان ۋاقىتتا تېلېفۇنىڭىزنىڭ ئىكرانى قۇلۇپلانغان ھالەتتە ئىكراننى ئوڭ-سولغا سۈرسىڭىز ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. لىكىن بۇ خىل ئىقتىدار ئىچىلغاندىن كېيىن، ئىكران قۇلۇپلانغان ھالەتتە ئىكراننى سولغا سۈرسىڭىز «kid’s corner» ھالەتتىكى قۇلۇپلانغان ئىكران ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئەلۋەتتە موشۇ ۋاقىتتا يەنە ئوڭغا سۈرسىڭىز ئەسلىدىكى نورمال ھالەتكە قايتىپ كىلىدۇ.

ئەمدى سىز «kid’s corner» ھالىتىدا ئىكراننىڭ قۇلۇپىنى ئاچسىڭز «kid’s corner» ھالەتتىكى ئىشلىتىش ھالىتىگە كىرىسىز.

it_photo_121957

 

ئەمدىدى ئەڭ ئاخىردا سىز بىلىشكە تىگىشلىك يەنە بىر مەسىلە: بۇ خىل ھالەتتىن قانداق چېكىنىمىز؟

ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭ جاۋابىنى يەنىلا ئۆزىڭىزگە قالدۇراي. قېنى سىز سىناپ باققاندىن كېيىنكى  تەسىراتىڭىزنى ھەممەيلەن بىلەن ئورتاقلاشقايسىز.

 

5 thoughts on “WP8 سىستېمىسىدىكى kid’s corner ئېقتىدارى

  1. بۇنىڭدىن چېكىنىش ئۇسۇلى ماڭا شۇندا ئاسان بىلىندى . ئاۋال ئېكراننى ئۆچۈرىمىز ، ئاندىن ئېكراننى ئاچىمىز ، ئېكراننى سولغا سىيرىماستىن ئۈستىگە سىيرىپ ،”Settings“ (يەنى 设置)دىن ”kid’s corner“ (يەنى 儿童园地) نى تاقىۋېتىمىز.

    ئەمما مۇنداق بىر مەسىلە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك دەپ ئويلايمەن ، ئۇ بولسىمۇ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى مەخپىي نومۇر بىكىتىپ قويغان بولسا ”kid’s corner“ (يەنى 儿童园地) غىمۇ ئوخشاش مەخپىي نومۇر بېكىتىلىدىكەن . ئىككى خىل ھالەتنىڭ ئاچقاندا مەخپىي نومۇر سالىدىغان يېرىنى ئايرىم قىلغىلى بولغان بولسا ياكى بىرىگە مەخپىي نومۇر بېكىتىلىپ يەنە بىرىگە بېكىتمىسىمۇ بولىدىغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن. خۇددى Windows 7 ياكى Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى باشقۇرغۇچى ياكى مېھمان ھالەتتە سېستىمىنى ئىشلەتكەندەكلا.

    1. ئۆزلۈكسىز يېڭى مەزمۇنلارنى يوللاشقا ۋاقىت سەل قىس بولىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئالدىراشچىلىقنىڭ ئىچىدىن يەنە ۋاقىت چىقىرىپ يېڭى مەزمۇنلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن.

  2. رەخمەت مەندە لۇمىيا525 باتى ھەجەپ بەلەن بى ئۇقىۋالدىىم ھى ھى ھى بۇ ئقتىدارىنى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ