ئادەتتە بىر رمەلۇم ئوبىكىتنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن فوتو ئاپاراتىمىزنى ياكى تېلېفۇنىمىزنى شۇ ئوبىكىتقا توغۇرلاپ فوكۇس نۇقتىسىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن رەسىم تارتىش كونوپكىسىنى باسىمىز. لىكىن تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇسۇل دەل بۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ، ئالدى بىلەن رەسىمگە تارتىپ بولۇپ ئاندىن كېيىن ئىھتىياجغا ئاساسەن فوكۇس نۇقتىسىنى بەلگىلەپ مۇقىملاشتۇرۇدىغان ئۇسۇل.
بەلكىم كۆپچىلىك نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بار. بىر قىتىم فوكۇس توغۇرلاپ تارتىپ بولغان رەسىمنى قانداق قىلىپ فوكۇس نوقتىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلىشى مۇمكىن. بولۇپ فوتوگىرافلار جەزمەن شۇنداق ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە ئىلگىرىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز بويچە بولغاندا بۇ خىل قاراشمۇ ئەلۋتتە توغرا.
لىكىن بۇ مەسىلىنى باشقىچە ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلساق، ئالدى بىلەن رەسىمگە تارتىپ ئاندىن فوكۇس توغۇرلاشنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلىمىز.
مەسىلەان: سىز بىر ئوبىكىتنى رەسىمگە تارىتماقچى، ئۇنداقتا ھازىرقى تەپەپككۇر ئۇسۇلىمىز بويچە بىز ئالدى بىلەن كامىرا لىنزىسى ئىچىدە كۆرۈنگەن ھەر قانداق نوقتىغا قارىتا ئايرىم ئايرىم فوكۇس توغۇرلاپ بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالايلى. ئاندىن كېيىن شۇ رەسىملەردىكى قايسى ئوبىكىتنى ئاساس قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولساق شۇ ئوبىكىتقا قارىتا فوكۇس توغۇرلىنىلىپ تارتىلغان بىر پارچە رەسىمنى تاللىۋالايلى. باشقا رەسىملەر ئارقا ساھنىدە تۇرۇپ تۇرسۇن. ناۋادا بىز شۇ رەسىمدىكى باشقا بىر نوقتا ياكى باشقا بىر ئوبىكىتنى ئاساس قىلماقچى بولساقمۇ دەل شۇ نۇقتا ئاساس قىلىنىپ فوكۇس توغۇرلانغان رەسىمنى تاللىۋالساقلا كۇپايە.
دىمەك: ئەمدى ئاساسىي تېمىغا قايىتساق، بىز بۇ تېمىدا ئاساسلىق تونۇشتۇرماقچى بولغان يۇمشاق دېتال Nokia Refocus دەل يۇقۇردىكى پىرىنسىپقا ئاساسەن ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئالدى بىلەن رەسىمگە تارتىپ ئاندىن فوكۇس توغۇرلاش ئىقتىدارىغا ئىگە يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە بۇ يۇمشاق دېتال يۇقۇردىك جەريانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپتۇماتىك تاماملايدىغان بولغاچقا ئىشلىتىش كۆپ قولايلىق.
5 thoughts on “رەسىمگە تارتىشتىكى ياخشى ئەپ”
مەن,تاپالمىدىمغۇ .. تەۋەلىكنى,ئامرىكىغا ئۇدۇللىغانتىم بولمىسا …
بەلكىم بۇ يۇمشاق دېتالنى Nokia دىن باشقا تېلېفۇندا چۈشۈرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. لىكىن باشقا تېلېفۇنلارغىمۇ ماس كىلىدىغان موشۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللار بار.
قوللانما بازىرىدىن Refocus دەپ ئىزدىسىڭىز تاپالايسىز.
مىنىڭ nokia 822 تى
ئۇنداق بولسا چوقۇم قاچىلىغىلى بولىدۇ.
manmu tapalmidim