پروگرامما مىساللىرى

#C تا قاتتىق دېسكىنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى ئوقۇش (1)

يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەر ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يۇمشاق دېتالىنىڭ تىزىملىتىش نومۇرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇسۇلدىن بىرى قاتتىق دېسكىنىڭ تەرتىپ نومۇرىغا باغلاش.

ئادەتتە بىر ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دېسكىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ فىزىلىكىك تەرتىپ نومۇرى ھەر خىل بولۇپ، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تىزىملىتىش نومۇرى ھاسىل قىلىش مىنىڭچىمۇ يامان ئەمەس ئەسقاتىدىغان ئۇسۇلنىڭ بىرى.

تۆۋەندە بىز قاتتىق دېسكىنىڭ فىزىكىلىق تەرتىپ نومۇرىنى ئوقۇش جەريانى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

ئادەتتە NET. نىڭ ئۆزى بىۋاستە تەمىنلىگەن تىپ ھەم فونكىسىيلەر ئارقىلىقمۇ بۇ مەسىلى ئاددىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا بولىدۇ. لىكىن بۇنىڭ بىر كەمچىلىكى IDE ئىغىزلىق قاتتىق دېسكىلارنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى نورمال ئوقۇپ چىققان بىلەن SATA ئىغىزلىق دېسكىلارنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى ئوقۇپ چىقىشتا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ.

شۇنداقتىمۇ بىز دەسلەپكى قەدەمدە يەنىلا ئاددىي ئۇسۇلنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

ئالدى بىلەن #C تا يېڭى Project تىن بىرنى قۇرۇڭ ھەمدە Form غا ئىككى دانە Button بىر دانە Label قوشۇڭ (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىگە ئوخشاش).

ئاندىن   Solution Explorer دىن Refrences نىڭ ئىچىگە System.Management نى قوشۇڭ.

ئاندىن Get ID 1 دىگەن كونوپكىنى قوش چىكىپ تۆۋەندىكىدەك پروگرامما يېزىڭ.

يۇقۇرىدىكى كود بىلەن IDE ئىغىزلىق قاتتىق دېسكىلارنىڭ فىزىكىلىق تەرتىپ نومۇرىنى نورمال ئوقۇو چىقىشقا بولىدۇ. لىكىن SATA ئىغىزلىق دېسكىلارنىڭ نومۇرىنى نورمال ئوقۇپ چىقالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا  SATA ئىغىزلىق دېسكىلارنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى ئوقۇش ئۇسۇلى بىلەن كېيىنكى يازمىدا تۇنۇشۇپ چىقىمىز.

يۇقۇرىدىكى پروگراممىنى چۈشۈرۈش

پروگرامما يېزىلغان مۇھىت: Microsoft Visual Studio 2010.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ