پروگرامما مىساللىرى

خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىننى تىپىش (1)

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دوختۇرخانا ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تۈزگەندە ئىشلەتكەن بىر dll ھۆججەت بۈگۈن ماتېرىيال رەتلەۋىتىپ ئۇچراپ قالدى. شۇڭا پروگرامما ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بېقىشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ dll ھۆججەتنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچىمەن.

ئادەتتە پروگرامما تۈزۈش جەريانىدا بەزى ئەھۋاللاردا خەنزۇ خەتلەرنىڭ پىنيىننى ئوقۇپ چىقىش ئھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئوخشىمىغان پروگرامما لاھىيىلەش تىللىرىدا بۇنىڭ پروگراممىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بۇ مەسىلىنى ئاددىيراق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىرەر dll ھۆججەت تۈزىۋىلىپ بۇنى خالىغان يۇمشاق دېتال ھەم خالىغان پروگراممىلاردا يۆتكەپ ئىشلەتسەك كوپ ۋاقىتنى تىجىگەندىن باشقا كۆپ زېھنى كۈچنىمۇ تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.

تۆۋەندە سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان ھۆججەتنىڭ نامى koznak.pinyin.dll بولۇپ، 2.0 Net. مۇھىتىدا #C دا تۈزۈلگەن. شۇڭا بۇ dll نى ئىشلىتىش ئۈچۈنمۇ 2.0 Net. نى تەلەپ قىلىدۇ.

ئالدى بىلەن #C تا يېڭىدىن Project تىن بىرنى قۇرۇڭ. ئاندىن Form غا Label دىن ئۈچنى، TextBoxتىن ئۈچنى، Button دىن بىرنى قوشۇڭ.

تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئاندىن   Solution Explorer دىن Refrences نىڭ ئىچىگە koznak.pinyin.dll نى قوشۇڭ.

ئاخىردا Get Pinyin دىگەن كونوپكىنى قوش چېكىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكىدەك پروگرامما يېزىڭ.

پروگرامما  يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىپ «汉字»  دىگەن كاتەككە خەنزۇچە خەتنى يېزىپ كونوپكىنى باسسىڭىزلا ئىش تامام.

تۆۋەندىكىدەك:

dll نى چۈشۈرۈش

سىناق پروگراممىنى چۈشۈرۈش

سىناق پروگرامما تۈزۈلگەن مۇھىت Microsoft Visual Studio 2010.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ