توردىكى تەمەچلەر

پروگراممېر بىلەن مۇھەببەتلىشىش

پروگراممېر بىلەن مۇھەببەتلىشىش ھەقىقەتەن مۈشكۈل.

پروگراممېر بىلەن مۇھاببەتلىشىش ئۈچۈن سىز چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىشقا چىدىشىڭىز كىرەك.

1. سىزدە مەلۇم دەرىجىدىكى كومپيۇتېر بىلىمى بولۇشى كېرەك . سىز ئادەتتىكى كومپيۇتېر بىلىملىرىنى بىلىپلا قالماي يەنە قىزلار بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق بىلىملەرنى بىلىشىڭىز كېرەك .ئۇ بەك ئالدىراش ، ئۇ ئالدىراشلىقىدىن سىزگە كۆڭۈل بۆلگىدەك ۋاقىت تاپالمايدۇ . سىزدە تاماق ئېتىش ،ئائلە ئىشلىرىنى قىلىش، جۈملىدىن قىزلاردا بۇلۇشقا تېگشلىك بارلىق ئىقتىدار بۇلۇشى كېرەك. ئۇنىڭغا پۇتۇن مېھرىڭىز بىلەن كۆيۈنىشىڭىز كېرەك ، چۈنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز . ئۇ بەزىدە چارچاپ كەتكەنلىكىدىن ئۇخلىغاندىمۇ كەيپىياتى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن، سىزدە تۈن كېچىدە قۇپۇپ ئۇنىڭغا يوتقان يېپىپ قويالىغىدەك سەۋرىچانلق ۋە كۆيۈمچانلىق بۇلۇشى كېرەك ……ئۇ يەنە بەزىدە ئالدىراشلىقىدىن تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قېلىشى ياكى تاماققا باققىدەك ۋاقتى چىقماسلىقى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا سىز كىچىك بالىغا تاماق يېگۈزگەندەك ئۇنىڭغا تاماق بېرىشىڭىز كېرەك ،مۇنداق بولغاندا ئۇ سىزدىن سىزنى سۆيىمەن دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندىمۇ بەكرەك خوشال بولىدۇ ، بەلكىم سىزنىڭ كۆزىڭىزگە قاراپ سىزنى سۆيىمەن دېيىشى ياكى ئاددى بولسىمۇ سىز بەك ياخشى دېيىشى مۇمكىن ،سىز مۇشۇ گەپلەردىن خۇشاللىق ھېس قىلىشىڭىز، پەخىرلىنىشىڭىز كېرەك .

         2. سىز جىمجىتلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك . شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇشىڭىز لازىم ، كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا پۇتۇن دىققىتى بىلەن ئولتۇرغان بىر كىشى (يىگىت)نىڭ ئەڭ يامان كۆردىغىنى باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەپەككۇر يولىنى ئۈزۈپ تاشلىشى ،مۇنداقچە ئېيتقاندا جىمجىتلىقنىڭ بۇزۇلىشى .ئۇ سىز سورىغان سوئاللارغا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزىدە جاۋاپ بېرىشى ناتايىن ،ھەتتا مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سىزدىن {بايا نېمە دېگەنتىڭىز }دەپ سورىشى مۇمكىن .سىز سەۋرچانلىق بىلەن سوئالىڭىزنى قايتا سوراڭ ، ئەگەر مۇھىم ئش بولمىسا ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ ،بەك مۇھىم گەپ ئەمەس دەپ گەپنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ .ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ ،ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا ھەرگىز سۆرەلمىلىك قىلماڭ . ئۇ خىزمەت قىلۋاتقاندا ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش خىيالدا بولماڭ ، بۇ خۇددى ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسغا نان چىلاپ يېگىلى بولمىغاندەك ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش .كېسىپ ئېيتايمەنكى،ئۇ سىز بىلەن ھەرگىز پاراڭلاشمايدۇ،ھەتتا قاتتىقىراق قىلىپ {ئالدىراشلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟} دېيىشى مۇمكىن ،لېكىن سىز كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ ، چۈنكى ئۇ كومپيۇتېر بىلەن تۇنۇشقان كۇندىن تارتىپ ئۆزى بىلمىگەن ھالدا مۇشۇنداق مىجەزنى يېتىلدۈرىۋالغان .قىسقىسى ئۇ جىمجىتلىقنى خالايدۇ . خىزمەت ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەسەۋۇرىدىن ھالقىغان جىمجىتلىق كېرەك .

          3. ئۇنىڭ بىلەن مۇھاببەتلىشىش ناھايتى زېرىكىشلىك . ئۇ سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بازار ئايلىنىشقا چىقمايدۇ ، ئۇ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا قانداقتۇر بىر سانلىق مەلۇماتقا قاراپ ئولتۇرۇشقا رازىكى سىز بىلەن بىرگە سىرتقا چىقمايدۇ .سىز ئەڭ ياخشىسى باشقا دوستلىرىڭىز ياكى ئاچا سىڭىللىرىڭىز بىرگە ئايلىنىپ كۆڭلىڭىزنى شاد ئېتىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ .سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز بولغان كۈنى ،ئەگەر بىر قانچە دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە تاماق يېيىشنى ئويلىغان بولسىڭىز تەكلىۋىم شۇكى ئەڭ ياخشسىى ئەتىراپىدا تورخانا بار يەرنى تاللاڭ، مۇنداق بولغاندا ھەر ئىككىڭلار خۇشال بۇلۇشتەك مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز .دوستلىرىڭىز كېلىپ بولغىچە ئۇ سىزدىن تورخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ چىقىشقا رۇخسەت بېرشنى سورايدۇ ،سىز قانداق قىلسىز .ئەگەر ئۇنى خۇشال بولسۇن دېسىڭىز كۇلۈپ تۇرۇپ ماقۇل بۇلۇڭ ئاندىن دوستلىرىم كېلىپ بولغاندا سىزگە تېلغۇن قىلاي دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ .ئۇ سىز بىلەن مۇھاببەت توغۇرلۇق پارڭلاشمايدۇ ،سىزگە سىز ئەڭ ياخشى كۆردىغان مۇھاببەت ھېكايىلىرىنى ئيتىپ بەرمەيدۇ .تېخى ئىش ئالدىڭىزدا ، ئاشۇق -مەشۇقلار بايرىمى سىزگە گۇل بېرىپ ،پىشانىڭىزگە سۇيۇپ تۇرۇپ سىزنى سۆيىمەن دېگەن گەپنىمۇ قىلىشقا چولىسى تەگمەسلىكى مۇمكىن .ئېيتپ بېقىڭە،بۇنىڭدىنمۇ ئازاپلىق ئىش بارمۇ؟ سىز چىداش ،سەۋىر قىلىش دىگەن سۆزنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇشىڭىز لازىم .ئۇ نەتىنجە قازانغان كۇنى ئاشۇلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرشى ،سىزنى ئويلىغىنىڭزدىنمۇ بەكرەك خۇشال قىلىش مۇمكىن ،سىز شۇ ۋاقىتقىچە كۇتۇشىڭىز كېرەك .چۇنكى سىز ئۇنى ياخشى كۆرسىز ،كىم سىزنى ئۇنى ياخشى كۆرسۇن دەپتۇ

          4. سىزگىمۇ بىر يۇچۇق بار ،سىز تاماقنى بەك ئوخشۇتۇپ ئتىمەن دەپ ئاۋارە بۇلۇپ كەتمەڭ .ئۇ سىز ئەتكەن تاماقىنىڭ ئوخشىغان ئوخشىمىغانلىقنى ھېس قىلالمايدۇ،چۇنكى ئۇنىڭ پۇتۇن خىيالى شۇ كومپىيوتېردا،شۇ خىزمەتتە. تاماق پىشقاندا ئاۋۋال ئۇنىڭ يېنىغا بىر پىيالە ئسىسق چاي ئاپىرىپ مۆرىسنى ئاستا چېكىڭ .سىزگە قارىسا تەلىيىڭىز ،ئۇ سىز بىلەن بللە تاماق يەيدۇ ،تاماق ۋاقتىدا بەك تولا گەپ قىلماڭ ،بەك گەپ قىلغىڭىز كېلىپ كەتسە ئۇنىڭ قىلغان ئىشنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولغان بولمىغانلىقىدىن باشلاڭ ،شۇنداق بولغاندا .ئۇ سىز بىلەن سىز .ئويلىغاندىنمۇ ئۇزۇنراق پاراڭلىشىدۇ .ئەگەر ئۇ تاماق ۋاقتىدىمۇ خىيال سۇرۇپ ئولتۇرسا سىز يانا مەغلۇپ بولدىڭىز دېگەن سۆز.ئۇ ئۆزنىڭ شۇ خىياللىرى بىلەن بۇلۇپ كېتىپ نېمە تاماق يېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ ،پولو يىگەن بولساڭلا ماڭا مىغەندىن يانا بىر قاچا ئەكىلىڭ دەپ سېلىشى تۇرغانلا گەپ ،سىز كۇلمەڭ .سىز تاماقنى ئەكىلىپ بولغىچە ئۇ ئۆزنىڭ نېمە دېگەنلىكى ئېسىگە كېلىپ ئولتۇردۇ ھىجىيىپ ھەقاچان .سىزمۇ يامان، ئۇنىڭ شۇئەپتىگە قاراپ كۇلۇپ تاشلايسىز . شۇ پەيىتتە تاماق ئوخشاپتىمۇ دەپ سوراپ بېقىڭە ،ئۇ بىرنى كېكىرۋېتىپ ناھايتى ئوخشاپتۇ ،تاماققا پەيزىڭلار بار جۇمۇ دەپ قۇيۇپلا تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ كوپىيوتېرغا قاراپ ماڭىدۇ ،سىز بەلكىم ئارقىسىدىن قاراپ غەلىتە ئادەمدە بۇ دەپ قۇيسىز ……

          5. كۆپىنچە ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭغا قاراڭ ، ئۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ .شۇنىڭغا ئىشنىڭ ،ئۇنىڭ كومپيوتېرغا قارىغان ۋاقتى سىزگە قارىغان ۋاقتىدىن ئۇزۇن ،بۇ مۇتلەق .سىز ئۇنىڭدىن بۇگۇن مەندە قانداق ئۆزگىرىش بار ئىكەن ، ماۋۇ چاپىنىم قانداقراق كەپتۇ ،قارىڭە سەل سەمىرىپ قالدىممۇ نېمە دېگەندەك ئەخمىقانە سوئاللارنى قەتىئى سورىماڭ.چۇنكى ئۇنىڭ نەزىردە سىزنىڭ شۇ دەقىقىدىكى قىياپىتىڭىز ئۇنىڭ قىلۋاتقان ئىشى ،تۇزۋاتقان پىرگىرامىسى ، كۆرۇۋاتقان بىرەر ماقالىسدەك جەلىپ قىلىش كۇچىگە ئىگە ئەمەس .ئەگەر ئۇ بىرەر پىرگىرامما تۇزۋاتقان ياكى بىرەر مۇھىم ماقالە يېزىۋاتقان ۋاقتىدا كومپىيوتېر ئۆچۈپ قالسا ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بېقىڭ ،ئەمدى يىغلاشقا تەمشەلگەن كىچىك بالىغا ئوخشاش چىرايىنى ئۇمچەيتىپ ،خەپ خەپ مۇشۇ ئەبجەق كومپىيوتېرنىزە …دېگەن ھالىتىدىن ئۇنىڭ ئۈچۇن زادى قايسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋالالايسىز .بۇ ۋاقىتتا سىز دەرھال ئۇنىڭ مۆرىسنى ئۇۋلاپ قويغاچ تەسەللى بېرىڭ. كۆپىنچە ئۇنىڭغا مەدەت بولىدىغان گەپلەرنى قىلىڭ .ئۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ

           6. سىز ئۇنىڭغا ماس ھالدا مېڭىشىڭىز كېرەك .ئۇ كومپىيوتېردا قايسى ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان بولسا سىزمۇ شۇ جەھەتتە ئازراق ئىزدىنىپ ،مەلۇم دەرىجىدە ئاساس ھازىرلاڭ .ئۇ بەزىدە بەك چارچاپ كېتىپ ناھايىتى كىچىك ھالقىلارنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ: پالانى نەرسە نەدە ئىدى ، بۇيەرگە نېمە يازاتتى، دەپ قالىدۇ .سىز مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلالىسىڭىز ئۇ سىزدىن كۆپ مىننەتتار بۇلىدۇ .مۇنداق بولغاندا سىزمۇ خۇشال بۇلىسىز ، ئۇمۇ سىزدىن سۆيۈنىدۇ . تېخىمۇ يېقىن بولالايسىز. ئۇمۇ چارچاش ھېس قىلمايدۇ. ئەگەر سىزدە كومپىيوتېرغا نىسپەتەن پەقەت قىزغىنلىق بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن دەرھال ئايرىلىپ كېتىڭ . ئىككىڭلارنىڭ بىرگە بولغىنىڭلارنىڭ ئۆزى بىر خاتالىق ،بۇگۇن بولمىسا ئەتە ،ئەتە بولمىسا ئۆگۈن بەرىبىر ئايرىلىپ كېتىدىغان گەپ ، قانچە بالدۇر بولسا ئازاپمۇ شۇنچە يېنىك بولىدۇ . شۇ ئسىڭىزدە بولسۇن ،بىر مەخسۇس كومپىيوتېرچىنىڭ سۆيگىنى بولماق بەك تەس .ئۇ سىزدىن پەقەت ۋە پەقەت قوللاش ،مەدەت ،كالا ھارۋىسىدا ئولتۇرغاندىكىدەك سەۋرچانلىق تەلەپ قىلىدۇ .لېكىن سىز تەلەپ قىلغاننى بىرەلىشى ،ئارزۇيىڭىزغا يەتكۇزەلىشى تەس ،چۇنكى ئالدراش.سىزنىڭمۇ ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلمىقىڭىز ئۇنداق ئاسان ئەمەس . لېكىن بۇنى قىلىشقا كۆزىڭىز يەتمىسە بالدۇراق ماڭىدىغان يولىڭىزغا مېڭىڭ…..ئۆزىڭىزنى چەتكە ئېلىڭ ، سىزنىڭ ئورنىڭىزنى باسقىدەك بىرسى ھامان چىقىدۇ ، ئۇمۇ مۇشۇنداق بىرسىگە مۇھتاج.

           يەنە شۇنداقمۇ كۈنلەرمۇ كېلىدۇ .ئۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كۈنى ئۆزىلا ئەمەس بەلكى شۇ كەسىپتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئۈچۇن چاۋاك چالىدۇ ، ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولىدۇ. شۇ چاغدا ئۇ بۇرۇن كەتكۈزگەننىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ،كۆزىڭىزگە قاراپ تۇرۇپ سىزدىن كەچۈرۈم سورايدۇ. ئەڭ بەختلىك مېنۇتلار يىتىپ كېلىدۇ، سىز ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ سىم -سىم يامغۇردەك يىغلايسىز.ئۇ چېچىڭىزنى ئويناپ تۇرۇپ: مەن بەك يارامسىز ، ھە دېگەندىلا ،كومپىيوتېر بىلەن بولۇپ كېتىپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالمىدىم ،ئالدىڭىزدا بەك خىجىل ، مەن بىلەن بىرگە ئوتكەن كۇنىڭىزگە پۇشايمان قىلامسىز ، دەپ سورايدۇ، بۇچاغدا سىز قانداق جاۋاپ بېرىسىز ؟ چۇقۇم كۆز يېشىڭىز يەنىمۇ قاتتىق تۆكۈلىدۇ ، ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلايسىز- دە ئسەدەپ تۇرۇپ : ياق پەقەت سىزلا خۇشال بولسىڭىز مەن رازى دەيسىز (گەرچە سەل خاپا بولسىڭىزمۇ ).

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ