توردىكى تەمەچلەر

IT خادىملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مەخپىيەت

ئەسلى ئەسەر Greg Jorgensen نىڭ بولۇپ، ئۇ بىر تىپىك پروگراممېر، ئۇ  1974-يىلىدىن باشلاپ، پروگرامما تۈزۈش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا  باشلىغان.  ئۇنىڭ يېرىم ئۆمرى دېگۈدەك Web قوللىنىشچان سىستېمىلىرى  بىلەن ئۆتكەن، بولۇپمۇ ئۇ ئارقا سەھنە تىلى PHP بولغان تور بېكەت ساھەسىگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ۋە نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.  تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ماقالىسى…

مەن ھازىرغىچە 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئەركىن خىزمەت بىلەن شۇغۇللاندىم. بەزىدە ئۇنى ئۆزۈمنىڭ قوشۇمچە كەسپىم قىلدىم، بەزىدە مەن پەقەت شۇ ئىش بىلەنلا مەشغۇل بولدۇم. شۇ جەرياندا، بولۇپمۇ ئەركىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پروگرامما تۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەمدە بەزىبىر تەجرىبىلەرنى ئۆگەندىم.

1. سىز بىلىدىغان ئىشىنى قىلىڭ خېرىدارلار پۇل بېرىپ سىزگە بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلغۇزىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار Haskell ( بۇ بىر پروگرامما تۈزۈش تىلى) ئالىي تىلىغا ئازراقمۇ قىزىقمايدۇ، ھەمدە سىزگە پۇل بېرىپ، يېڭى قوراللار ۋە پروگرامما تۈزۈش تىللىرىنى ئۆگەتمەيدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە بىر پروگراممېرنىڭ ھەقىقىي كۈچى باشقىلارغا ياللىنىش بىلەن ھەقىقىي جارى بولمايدۇ. مەنمۇ مۇشۇنداق تۈرلەرنى تۇتۇپ باققان، ئەمما كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغانىدىم. سىز جەزمەن ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا، سىز ۋە باشقىلار رازىمەنلىك تۇيغۇسىغا نائىل بولىدۇ.

2. ئايرىم بىر دۇنيا بولۇۋالماڭ ئەگەر سىز بىر مۆجىزىنى ئىگىلىۋالسىڭىز، يەنى ناھايىتى بازىرى ئىتتىك بىر تېخنىكىنى ئىگىلىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا ئاشۇ تېخنىكىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز Lisp ئەركىن كەسىپ خادىملىرىنىڭ سىزگە قارىغاندا كۆپ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپلا، Lisp ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلار بىلەن قانداق رىقابەتلىشىدىغانلىقىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ھازىر PHP پروگراممېرلىرى دېگەن ساماندەك، بۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلار،سىز ئۇلار ئاسانلا بەيگىگە چۈشەلەيسىز، ھەمدە بەزى PHP خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالايسىز. ئەمما تېخنىكىسى پىشقا، تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن رىقابەتلىشىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، باشقىلار پۇل تاپقان ئىشىنى سىزنىڭمۇ قىلغۇڭىز كېلىدۇ، ئەمما سىز تېخىمۇ ياخشى قىلىشنى ئويلىمايسىز. گەرچە سىز بەش-ئالتە مەكتەپ كوماندىسىدا ۋاسكېتبول ئوينىسىڭىزمۇ، NBA نىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى ئويلىمايسىز. NBA ھەقىقەتەن قابىل توپچىلار يىغىلغان جاي، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغىنى، تېخنىكىلىق ماھارەت بولماستىن، بەلكى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتىن ئىبارەت. سىز ھەرقانچە ھەيۋەت مۇنار بولسىڭىزمۇ، ھاۋادىكى توپا چاڭلار جېنىدا سىزگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭلاشقا سىز ھەمكارلىققا، ئۆزىڭىزنىڭ تېخنىكا دائىرىڭىزنى كېڭەيتىشىڭىز كېرەك.

3. بارلىق ئىشلارنى قىلىمەن، دەپ ئويلاپ قالماڭ. سىز تېخنىكىلىق قوللاش، قاتتىق دېتال قاچىلاش، لايىھە، سەنئەتلىك يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە تەڭلا يېپىشىۋالماڭ. سىز بىر ئاساسىي كەسىپنىڭ مۇتەخەسسىسى بولۇڭ. چۈنكى سىز بار ئادەم، سىزنىڭ كاللىڭىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئىشقا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىشلەيدۇ. بولمىسا، زېھنىڭىز بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ.

4. كۆلىمى بەك چوڭ خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلماڭ. ئەگەر سىز چوڭ كۆلەملىك خىزمەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ۋاقتىدا ئورۇنلىمىسىڭىز ۋە خېرىدارلارنى خاپا قىلىپ قويسىڭىز، ئىشىڭىزنى غەپلەت باسىدۇ. بۇنداق تۈرنى ۋاقتىدا تاماملىمايدىغان پروگراممېرغا ھېچكىم ئىشى تاپشۇرمايدۇ. شۇڭا سىز ھۆددىسىدىن چىققۇدەك ئىشلارنى قوبۇل قىلىڭ. نەچچە كىشى نەچچە ئايدا تاماملايدىغان تۈرنى ئۆزىڭىز تاماملىماقچى بولماڭ، چۈنكى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ئارام ئېلىشىڭىز، تاماق يېيىشىڭىز ۋە ھاۋا يېگەن كوچا ئايلىنىپ، كاللىڭىزنى سەگىتىشىڭىز كېرەك.

5. رەزىل نىيەتلىك خېرىدارلاردىن يىراق تۇرۇڭ. ئەگەر خېرىدارلار سىزگە قوپال، ئۆكتەم، خەسىس، ئاچكۆز، توڭ، رەھىمسىز، مۇتتەھەم بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇلاردىن يىراق تۇرۇڭ. سىز باشقا خېرىدارلارنى ئىزدەڭ. ھەرگىز ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئۆز كەسپىڭىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇلاردىن يىراقراق تۇرۇڭ.

6. ئىشنى پۇختا قىلىڭ. نۇرغۇن كشىلەرنىڭ داڭقى ئادەتتىكى كشىىلەرنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن خەلقى ئالەمگە تارقالغان. شۇڭلاشقا، سىز خىرىدار تاپشۇرغان ئشىنى ۋاقتىدا، لايىقىدا، پۇختا قىلىڭ. ھەرگىز بىخەستەلىك قىلغۇچى بولماڭ، سىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەركىن كەسىپتىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىڭ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىڭىزنى كېڭەيتىڭ.

7. خېرىدارلارغا  ئۆزىڭىزنىڭ نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. خېرىدارلارنىڭ مەقسىتى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى، سىز ئۇلارنى رازى قىلسىڭىزلا، چوڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىغان بولىسىز. سىز بۇ جەرياندا، خېرىدارلارغا سىز قايسى تېخنىكىنى ئىشلىتىپ، بۇ تۈرنى تاماملايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ يۈرمەڭ، سىز پەقەت سىز تاماملىماقچى بولغان بۇ تۈر پۈتسە، ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ. شۇنداق بولسىلا، سىز ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىسىز. سىز سىز ئۇ نامىنى ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان بىر ئېچىش قوراللىرىنى تىلغا ئېلىپ، پروگراممىدىن سۆزلەپ كەتسىڭىز، ئۇلارنى گاڭگىرىتىپ قويىسىز. شۇڭلاشقا، سىز قىلماقچى بولغان تۈرنى ئۇلار چۈشىنىدىغان تىل بىلەن چۈشەندۈرۈڭ، ئاندىن ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ