Windows Phoneيۇمشاق دېتاللار

UI لايىھەسى كىرەك

screen1

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى «APP تۈزۈشكە ياردەملىشىدىغانلار بارمۇ» تېمىسىدىكى مەزمۇن يوللانغاندىن كېيىن كۆپ قىسىم دوستلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى.

ئەمدىكى مەخسەت: مەن ئالدىنقى قىتىم ئوتۇرغا قويغان «WP يېزىق كىرگۈزگۈچ يېڭىلىنىدۇ» تېمىسىدىكى  مەزمۇنغا قدرىتا دوستلارنىڭ قالدۇرغان پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئاساسەن دوستلارنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈچكە ماس كەلگىدەك، كۆركەم بىر كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى تۈزۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلماقچى.

بۇنىڭغا ئاساسلىقى نوقۇل يېزىق كىرگۈزۈشنىلا ئاساس قىلماي، يېزىق كىرگۈزۈش ھەم ساقلاشنى ئاساس قىلساق. يەنى: بىر خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن شەكىلدە كۆرۈنمە يۈز لايىھەسى تۈزۈپ باققان بولساڭلار.

قىزىقىدىغان ھەم بۇ جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار بولغان دوستلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشىشىنى ئۆمد قىلىمەن. تۈزۈپ چىقىلغان لايىھەلەرنىڭ ھەممىسى تورغا يوللىنىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تاللاپ چىقىپ يېزىق كىرگۈچنىڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئىشلىتىلىدۇ.

 

 

 

4 thoughts on “UI لايىھەسى كىرەك

  1. بولىدۇ مەن ياردەملىشەي ، بولسا ئىنىق بىر چوڭ كىچىكلىرى رەڭ فورماتلىرىنى تەمىنلىسىڭىز .

  2. قارىغاندا كىرگۈزگۈچ يېڭى نۇسخىسى خېلى ئېسىل چىقىدىغان ئوخشايدۇ. لاھىيەلەش قولۇمدىن كەلمەيدىكەن, لاھىيىلەرنى تاللىشىپ بېرەرمەن.(قېنى ماۋۇ ھىجايغان چىراي ئىپادىسى) . ھە راست, لاھىيەلەپ بېرىدىغانلار كۆپ چىقىپ قالسا, ئېسىللىرىدىن بىر نەچچىنى تاللاپ, ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى ياقتۇرغىنىنى تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان قىىلسىڭىزمۇ بولغۇدەك. ئەگەر كۆپ ئىش كەتمەيدىغان بولسا, ئەلۋەتتە.

  3. مەن بەك قىزىقىمەن ئەپ تۇزەشكە لىكىن زە مىنىڭ بۇ جەھەتتە بىلمىم يۇق، كومپىيۇتىردىن بىرنى قۇراشتۇراي دىگەن لىكىن قاندىغىنى قانداق قۇراشتۇرمەن پەقەت بىلەلمىدىم .
    ئەپ تۇزەشكە ئالاقىدار يۇمشاق دىتاللارنى cpu لادىن قايسىخىل cpuلار راۋان يۇرگىزەلەيدۇ
    AMD نىڭ ياخشىمۇ ياكى intel نىڭمۇ، cpu نەچچە گىرتسى بۇلسا بۇلدۇ يەنە ram نەچچە GB بۇلسا بۇلدۇ ئىغىر كۇرمەي مىنى مۇشۇ جەھەتتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بۇلساڭلار .
    ئازراق ۋاقتىڭلارنى ئالدىغان بۇلدۇم .
    ئاللا رەھمەت قىلسۇن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ