خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىننى تىپىش (1)

Posted Leave a commentPosted in پروگرامما مىساللىرى

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دوختۇرخانا ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تۈزگەندە ئىشلەتكەن بىر dll ھۆججەت بۈگۈن ماتېرىيال رەتلەۋىتىپ ئۇچراپ قالدى. شۇڭا پروگرامما ھەۋەسكارلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بېقىشىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ dll ھۆججەتنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچىمەن. ئادەتتە پروگرامما تۈزۈش جەريانىدا بەزى ئەھۋاللاردا خەنزۇ خەتلەرنىڭ پىنيىننى ئوقۇپ چىقىش ئھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئوخشىمىغان پروگرامما لاھىيىلەش تىللىرىدا بۇنىڭ پروگراممىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، بۇ مەسىلىنى […]

#C تا قاتتىق دېسكىنىڭ تەرتىپ نومۇرىنى ئوقۇش (1)

Posted Leave a commentPosted in پروگرامما مىساللىرى

يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەر ھەر خىل يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يۇمشاق دېتالىنىڭ تىزىملىتىش نومۇرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىىچىدە بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئۇسۇلدىن بىرى قاتتىق دېسكىنىڭ تەرتىپ نومۇرىغا باغلاش. ئادەتتە بىر ئىشلىتىۋاتقان قاتتىق دېسكىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ فىزىلىكىك تەرتىپ نومۇرى ھەر خىل بولۇپ، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تىزىملىتىش نومۇرى ھاسىل قىلىش مىنىڭچىمۇ يامان ئەمەس ئەسقاتىدىغان ئۇسۇلنىڭ بىرى. […]

#C تا DriveInfo ئارقىلىق دىسكىنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇش

Posted Leave a commentPosted in پروگرامما مىساللىرى

DriveInfo بولسا Net Framework. تەمىنلىگەن تىپ بولۇپ بۇ ئارقىلىق دىسكىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇپ چىقىشقا بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى مىسالنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئالدى بىلەن يېڭى Project تىن بىر نى قۇرۇڭ. Formغا بىر دانە Buttonقوشۇڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن  TextBox تىن بىرنى قوشۇڭ. ھەمدە TextBox نىڭ MultiLine خاسلىقىنى True غا ئۆرگەرتىڭ. كۆزنەك ھالىتى تۆۋەندىكىدەك. ئاندىن كېيىن Button نى قوش چىكىپ […]

NET. مۇھىتىدا Tooltipنى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش

Posted Leave a commentPosted in پروگرامما مىساللىرى

ئادەتتە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى تۈزگەندە كۆپىنچە ھاللاردا Tooltip نى ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشتە مەسىلىگە يولۇقىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قېيىن بولمىسىمۇ لىكىن پروگرامما تۈزۈشكە يېڭىدىن كىرىشىۋاتقان پروگرامما ھەۋەسكارلىرىنى ئازراق تەمتىرتىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مەسىلىسى ئاددىي يول بىلەن ھەل قىلىش مەقسىتىدە مەن ئىلگىرى تۈزۈپ قويغان بىر DLL ھۆججەتنى سىلەرگە تەۋىسىيە قىلىمەن. بۇ DLL ھۆججەت ئارقىلىق2.0  NET.  ياكى […]

Windows Phone سىستېمىسىدىكى يۇمشاق دېتاللار ھەققىدە

Posted 4 CommentsPosted in ئۇنىۋېرسال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. مەن ئالدىنقى قىىتىم يوللىغان «2012-يىللىق رامىزانلىق كالىندارنىڭ WP نۇسخىسى» دىگەن تېمامدا بىر تەرەپتىن رامىزانلىق كالىندارنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان بولسام يەنە بىر تەرەپتىن Windows Phone  سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باشلىنىش پىلتىسىگە ئوت ياققان ئىدىم. لىكىن بۇ مەسىلىگە قارىتا تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ئانچە يۇقۇرى ئەمەسمۇ ياكى تورداشلار ئارىسىدا WP سىستېمىلىق تېلېفۇن ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ سانى بەكلا ئازمۇ […]

بلوگنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسى

Posted Leave a commentPosted in ئۇنىۋېرسال

ئەسسالامۇ ئەئەيكۇم ۋاقىت چىقىرىپ بلوگىمنى زىيارەت قىلغان تورداشلار. يېقىندىن بىرى مۇلازىمىتىرنىڭ سال ئاستىلىقى تۈپەيلى بلوگنى زىيارەت قىلغاندا قىسمەن ۋاقىتلاردا يېزىق يۆنىلىشى ئۆزگرىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىۋاتىدۇ.ناۋادا شۇنداق يېزىق يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ كىتىپ نورمال كۆرۈنمەي قالسا بەتنى قايتا ئاچسىڭىز ياكى يىڭىلىۋەتسىڭىز نورمال كۆرۈنىدۇ. مەسىلىنى تەلتۈكۈس ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمىتىر ئالماشتۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن. شۇڭا بۇ جەرياندا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى […]

2012-يىللىق رامىزانلىق كالىندارنىڭ WP نۇسخىسى

Posted 11 CommentsPosted in Windows Phone, يۇمشاق دېتاللار

2012-يىللىق رامىزانلىق كالىندارنىڭ Windows Phone نۇسخىسى ئېلان قىلىندى. دوستلارنىڭ ئىشلىتىپ سىناپ بىقىشىنى ۋە تەكلىپ بىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر، غولجا، قۇمۇل، قاراماي، كورلا، ئاقسۇ، چۆچەك، تۇرپان، بۆرتالا… قاتارلىق رايۇنلارنىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى ئىمساك ۋە ئىپتار ۋاقىتلىرى كىرگۈزۈلدى. ناۋادا تېلېفۇنىڭىزنىڭ سىستېما قۇلۇپى ئىچىۋىتىلگەن بولسا بىۋاستە چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا سىستېما قۇلۇپى ئىچىۋىتىلمىگەن بولسا  […]

پروگرامما يازغاچ بلوگ يىزىش…

Posted Leave a commentPosted in ئۇنىۋېرسال

بۈگۈن دەم ھەممەيلەننىڭ نەزىرىدە دەم ئىلىش كۈنى بولغان بىلەن بىزگە ئوخشاشلارنىڭ ۋاقتى يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا پروگرامما يېزىش ياكى شۇنىڭدەك باشقا خىزمەتلەر بىلەن ئۆتىدىگەن.  شۇڭا پروگرامما يېزىپ چارچىغاندا دىققەتنى بىردەم باشقا تەرەپكە بۇراپ مۇزىكا ئاڭلاش ياڭى بلوگ يىزىشمۇ خىلى بوپ قالامدۇ نىمە؟ چارچاپ قالدىم دەپلا سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى دىسەك بۇنىڭغا بىرمۇنچە ۋاقىت كىتىدۇ. لىكىن پروگرامما […]

ئابلىكىم تور خاتىرىسى سىناق تەرىقىسىدە ئېىچلدى

Posted 2 CommentsPosted in ئۇنىۋېرسال

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ئۇزۇندىن بىرى بۇ تور خاتىرىسىنى ئىچىش خىيالىم بولسىمۇ ۋاقىت يار بەرمەي ھازىرغىچە بۇ ئىش روياپقا چىقمىغان ئىدى. بۈگۈندىن ئىتىبارەن تور خاتىرەم سىناق تەرىقىسىدە ئىچىلدى. بۇ تور خاتىرىسىدە ئاساسلىقى كومپيۇتېر ۋە كۆچمە ئەسلىھەلەرگە پروگرامما تۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. شۇڭا دوستلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە كۆپلەپ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمەن.