Lumia 1020 دا تارتىلغان رەسىملەر كەتتى
ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمدىكى ئاداش Microsoft نىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورلىرىنىڭ بىرى ھەم Windows Phone تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى .
ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمدىكى ئاداش Microsoft نىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورلىرىنىڭ بىرى ھەم Windows Phone تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى .
ئادەتتە بىر رمەلۇم ئوبىكىتنى رەسىمگە تارتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن فوتو ئاپاراتىمىزنى ياكى تېلېفۇنىمىزنى شۇ ئوبىكىتقا توغۇرلاپ فوكۇس نۇقتىسىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن رەسىم تارتىش كونوپكىسىنى باسىمىز. لىكىن تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئۇسۇل دەل بۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ، ئالدى بىلەن رەسىمگە تارتىپ بولۇپ ئاندىن كېيىن ئىھتىياجغا ئاساسەن فوكۇس نۇقتىسىنى بەلگىلەپ مۇقىملاشتۇرۇدىغان ئۇسۇل. بەلكىم كۆپچىلىك نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بار. بىر […]
Windows Phone 8 سىستېمىلىق تېلېفۇنلاردا مۇنداق بىر ئىقتىدار بار. بەلكىم بۇ ئىقتىدارنى سىز ئىشلىتىپ باققان ياكى ئىشلىتىپ باقمىغان بولىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بۇ ئىقتىدار «kid’s corner» ئىقتىدارى. خوش، ئۇنداقتا بۇ ئىقتىدارنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟ ئادەتتە ئائېلىلەردە بالىلىرىمىز ئاتا ئانىلارنىڭ تېلېفۇنلىرىدىكى ھەر خىل ئويۇنلارنى ئويناشقا ئامراق. بۇنداق ۋاقىتتا بەلكىم شۇ ئوماق بالىلىرىمىز تېلېفۇن بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا ئۆزىمىۇ بىلمىگەن ئاساستا […]
Uyghur Keyboard چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/en-us/store/app/uyghur-keyboard/af54c655-91fc-4e6f-a562-4c5ed208b574 My Keybo Plus Free چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/en-us/store/app/my-keybo-plus-free/8f3df4b3-4def-430a-a24c-78cf3c814a02 Uyghur_Kazakh_Kyrgyz_Input_Method چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/en-us/store/app/uyghur_kazakh_kyrgyz_input_method/39811e6b-b1bc-4e78-86a9-a260c8081c6c KumushEdit چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/en-us/store/app/kumushedit/0dd464d3-541b-4ef5-a7fd-1e70e3decc7e url.xj.cn چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/en-us/store/app/url-xj-cn/1395f10d-8071-46f9-8907-a9e0d2486a93 ablikim.com چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.windowsphone.com/en-us/store/app/ablikim-com/98d3d60b-4ea7-45df-8c8e-74cf07f44579
Nokia Lumia 1520 بولسا Nokia نىڭ يەنە بىر يۇقۇرى سەپلىمىلىك مەھسۇلاتى بولۇپ ئۇنىڭغان ئىشلىتىلگەن قاتتىق دېتاللارنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە: نۆۋەتتىكى نۇسخىسى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4-ئەۋلات تورىنى قوللايدۇ. (گەرچە شىنجاڭدا تېخى يولغا قويۇلمىغان بولسىمۇ) تېلېفۇننىڭ ئۇزۇنلۇقى 162.8 مىللىمىتىر. كەڭلىكى 85.4مىللىمىتىر، قىلىنلىقى 8.7مىللىمىتىر بولۇپ ئىغىرلىقى 206گىرام. مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا Qualcomm Snapdragon™ 800 تىپلىق 2.2GHz لىق تۆت يادىرولۇق مەركىزى […]
سىز بۇ رەسىمدىكى كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟ بەك ئىپتىدائىي ھە؟ بۇ كومپىيۇتېرنىڭ ماركىسى AST بولۇپ، تىپى 386SX. بۇ كومپىيۇتېرغا سەپلەنگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ intel 386 تىپلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولۇپ، ئاساسىي چاستۇتىسى 33Mh ،تىزمىكەن؟ ئىچكى ساقلىغۇچ بولسا 2MB، بەك قالتىس ھە؟ 🙂 قاتتىق دىسكىسىنىڭ سىغىمى 85MB، كىچىكمىكەن؟ ھازىرقى قاتتىق دېسكىلار بىلەن سىلىشتۇرغاندا […]
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كومپىيۇتېر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش جەريانىدا دائىم سىغىمغا مۇناسىۋەتلىك ھىساپلاشلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. ئۇنداقتا كومپىيۇتېردىكى سىغىم زادى قانداق ئۇقۇم؟ ھەممەيلەنگە مەلۇم، كومپىيۇتېردا ساقلانغان ھەرقانداق سانلىق مەلۇمات ئىككىلىك سىستېما كودې بىلەن ساقلىنىدۇ. ئىككىلىك سىستېما دېگىنىمىز پەقەت «1» ۋە «0» دىنلا ئىبارەت ئىككىلا ساندىن تەركىپ تاپقان سانلار گۇرۇپپىسى. ئادەتتە بەر بىر گۇرۇپپا ئىككىلىك […]
Nokia Lumia 1020 تېلېفۇنى بازارغا چىققىلى تىخى ئۇزۇن بولمايلا خوشنىلىرىمىز ئۇنىڭ ساختىسىنى ياساپ بوپتۇ. شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ تېلېفۇننى سېتىۋالغاندا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. ساختا نۇسخىسى بىلەن ھەقىيقىي نۇسخىسىنىڭ سىرىتقى شەكلى ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدىگەن. لىكىن ئىشلىتىلگەن قاتتىق دېتال يۇمشاق دېتالىدا ئاسمان-زىمىن پەرىق بار. مەسىلەن: ھەقىيقىي نۇسخىسىنىڭ ئاساسي كامىراسىغا 41 مىللىيون پىكسىللىق كامىرا سەپلەنگەن لىكىن ساختا […]
توردىن تۇيۇقسىزلا بۇ سىننى ئۇچرىتىپ قالدىم. دوستلارنىڭمۇ كۆرۈپ بىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. مىنىڭچە بۇ سىندىكى خاتىرىلەردىن ھەممىمىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. گەرچە سىز ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتقان بولماي پىيادە مىڭىۋاتقان بولسىڭىزمۇ ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلىساق بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ھەر بىر كۆرۈنۈشكە دىققەت بىلەن قاراڭ. ئۇلار يولدىن ئۆتىۋاتقان ھەر بىر ئادەمگە ئەمەس ھەتتا مۈشۈككە چاغلىق ھەر قانداق جانلىققىمۇ […]
Nokia Lumia 1020 نىڭ باشقا سەپلىمە جەھەتتىن Nokia Lumia 920 بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىق پەرقى: كامىراغا 41 مىللىيۇن پىكسىللىق يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى كامىرا سەپلەمگەن بولۇپ، كامىرانىسىنىڭ ئىنىقلىقى جەھەتتە ھەرقانداق تېلېفۇننىڭكىدىن يۇقۇرى. Nokia Lumia 1020 نىڭ قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال سەپلىمىسى: